بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 11 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 13347 قىتىم كۆرۈلدى
ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز ھۆللۇكتىن بوزۇلىشى
تۇنۇش
ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز ھۆللۇكتىن بوزۇلىشى ھەرخىل ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ماددا بىرەر قانداق ئۆزگىرىش بولماستىن بەلكى زىيادە ھۆللۇك كەيپىياتىنىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن ئاشقازان فېزلوگىيەلىك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى
ھۆللۇكى زىيادە يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش،ھۆل مۇھىتلاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ۋە باشقا ئامىللار تەسىرىدىن ئاشقازاننىڭ نورمال فېزلوگىيەلىك خىزمىتىدە بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى
ئۇسسۇزلۇقى كەم بولىدۇ ياكى بولمايدۇ،تۇپرۇك ۋە شالۋاق كۆپ كېلىدۇ، يېيىلگەن تاماق ئاشقازاندا ئۇزۇن تۇرماي تىزلىكتە ئۇچەيگە ئۆتۇپ كېتىدۇ.ھۆللۇك كەيپىياتتىكى غىزالارنى خالىمايدۇ ۋە بۇخىل ھۆللۇك كەيپىياتىتىن ئاشقازان ئازارلىنىدۇ، قۇرۇقلۇقتىن مەنپەتلىنىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
ھۆللۇكنى قۇرۇتۇش،ھەزىمنى ياخشىلاش،ئاشقازاننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ
تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت