بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 11 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 17133 قىتىم كۆرۈلدى
ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز قۇرۇقلۇقتىن بوزۇلىشى
تۇنۇش
ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز قۇرۇقلۇقتىن بوزۇلىشى ھەرخىل ئىچكى تاشقى قۇرۇقلۇق كەيپىياتىنىڭ ئاشقازانغا زىيادە تەسىر كۆرسىتىشىدىن كېلىپ چىققان كېلىنكىدا ئۇسۇلۇق بولۇش،كۇندىن-كۇنگە ئۇرۇقلاش،تېرىلەر كېپەكلىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى
تەبىئى قۇرۇق بولغان يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش قورغاق مۇھىتتا خىزمەت قىلىش ۋە ياشاش فېزىكا-خېمىيلىك ئامىللارنىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن ئاشقازان فېزلوگىيەلىك خىزمىتىنىڭ بوزۇلىشى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى
ئۇسسۇلۇق بولىدۇ. ئېغىز قۇرۇيدۇ، بەدەن كۇندىن كۇنگە ئۇرۇقلايدۇ. تىرىلىرى قورغاقلىشىپ كېپەكلىشىدۇ. ھۆللۇك يېمەك-ئىچمەكلەردىن راھەتلىنىدۇ. قۇرۇقلۇق تەرەپتارىدىكى نەرسىلەردىن قاچىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
ئاشقازانغا ھۆللۇك يەتكۇزۇش،ھەزىمنى ياخشىلاش،ئاشقازاننى ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت