busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 21939 قىتىم كۆرۈلدى

ئاشقازان مىزاجىنىڭ سەپراۋى ئىسسىقتىن مىزاج بوزۇلىشى

تۇنۇش

ئاشقازان مىزاجىنىڭ سەپراۋى ئىسسىقتىن بوزۇلىشى بۇ ئاساسلىقى ئاشقازان مىزاجىنىڭ غەيرى تەبىئى سەپرا تەسىرىدىن بولغان مىزاق بوزلۇشى بولۇپ كېلىنكىدا ئېغىز تەمى ئاچچىق بولۇش،كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش،سېسىغان بېلىق پەرىقىدەك كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى

غەيرى تەبىئى سەپرا خىلتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان ماددىسىز كەيپىياتلارنىڭ تەسىرى ھەمدە بەدەن ئىچىدە يۇز بەرگەن ھەرخىل روھى ۋە جىسمانى سەۋەپلەر سەپرا خىلتىنىڭ غالىپ كېلىشىنى پەيدا قىلىپ سەپرا خىلتى سان جەھەتتىن ئېشىپ ئۆزىنىڭ غىدىقلاش تەسىرى ئارقىلىق ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاش ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپلەپ ئىشلىنىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ ھەزىم پائالىيتىنى بوزىدۇ.

ئالامىتى

ئېغىز تەمى ئاچچىق بولىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئېغىز سېسىغان بېلىق پەرىقىدەك كېكىرىك كېلىدۇ. ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، لېكىن ھەزىم پائالىيتى كۇچىدۇ. بەزىدە ئاشقازاندا غىدىقلاش كۇچىيىپ ئاشقازان ساھەسىدە ئېچىشىپ ئاغرىش سېزىمى شەكىللىنىدۇ. ئاچ ۋاقتىتا ياكى ئادەتتىكى ئەھۋالدا شۆلگەي ئاجرالمىسى كۆپىيدۇ. تىلى ۋە كۆز ئېقىدا سەپرانىڭ غالىپ ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

ماددا ئاشقازان ئۆزىدە گەۋدىلىك بولسا قۇستۇرۇش چارىسىنى قوللىنىپ ئۇمۇمى بەدەنلىك بولسا غەيرى سەپراغا قارىتا مۇنزىچ مۇسىھىل بېرىش ئارقىلىق ماددىنى تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282