busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 21 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 13287 قىتىم كۆرۈلدى
«مۇفاسىل» كېسللىگى بىلەن ئاغرىغان بېمارلارنى پەرۋىش قىلىشتىكى مۇھىم نوقتىلار
1 . روھى پەرۋىش جەھەتتە :بىمارلار ئۆزىنى خۇشال – خۇرام تۇتۇش، ئارتۇقچە غەم – ئەندىشە قىلماسلىق، ئاچچىقلانماسلىق،بىمارلارغا پىسخىلوگىيە پەرۋىشى ئېلىپ بارغاندا ، بېمارلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ، غەمخورلۇق قىلىپ ئىددىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ بىمارلارنىڭ كېسەللىككە بولغان تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈپ كېسەللىك ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئېشەنچىسى تۇرغۇزىلىدۇ.
2 . ئۇزۇقلۇق پەرۋىش جەھەتتە: بېمارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن سۇغۇق تەبىئەتلىك ، غەلىيز غىزالاردىن يەنى ( پولو، مانتا، كالا گۆشى، قېتىق) دىن پەرھىز قىلنىپ لەتىيف غىزالار ( باچكا شورپىسى، گۆشى، نىپىز بۇغداي نېنى) بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش لازىم.
3 . دۇرا پەرۋىش جەھەتتە: بىمارلارغا دۇرا بەرگەندە دۇرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلىپ دۇرا مىقدارى، ۋاقتى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، دۇرا ئىشلەتكەندىن كىيىنكى ئۈنۈمى ۋە ئەكىس تەسىرى، چوڭ – كىچىك تەرىتى ھاياتلىق ئالامىتى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە كۈزىتىپ خاتىرلەش، شەربەت ئىستىمال قىلغاندا چۇقۇم ئىسسىتىپ ئىستىمال قىلىش.
4 . ھەركەت ۋە كىيىنىش جەھەتتە: بەدەننى ئىسسىق ساقلاش، قېلىن كىيىنىش، سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ساقلىنىش، ئېغىر جسمانى ئەمگەك، ئۇزۇن يول يۈرۈشتىن ساقلىنىش، كېسەللىك ئالامىتى نىسبەتەن ياخشىلانغان بىمارلار مۇۋاپىق تۈردە ھەركەت قىلىپ تۇرۇش، ئۇزۇن مۇددەت يېتىپ داۋالانغان بېمارلارنىڭ ياتاق يارىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەدەن ھالىتىنى داۋاملىق ئۆرۈپ تۇرۇش لازىم، يەرلىك ئۇرۇننى قۇرغاق پاكىزە ساقلاش، ئىچ كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، بېمارغا پاكىزە – تىنىچ بالنىست مۇھىتى يارتىپ بىرىش .
تەييارلىغۇچى : سوڭەك - بوغۇم كىسەللىك بۆلۇمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282