busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 17 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 30369 قىتىم كۆرۈلدى
سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى
     بۇ كىسەل ئاساسەن ياز پەسلىدە، ھاۋا ئېسسىق كۈنلەردە، ئۇزاق ۋاقىت سەپەر قىلىپ چۆلدە يۈرگەنلىكتىن، ئېسسىق دورا، شەربەتلەرنى ئىچكەنلىكتىن، ئۇيقىسىزلىقتىن، ئېسسىق جايدا كۆپ تاماق يىگەنلىكتىن، ئەقلى ۋە جىسمانى ئەمگەكلەرنى ئۇزاق مۇددەت زۇرۇقۇپ ئىشلىگەنلىكتىن، ھاراق- شارابلارنى زىيادە كۆپ ئىچىشتىن، قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋە ھەم زىيادە ئېسسىق تەبىئەتلىك چايلىقلارنى كۆپ ئىچىشتىن، تەبىئىيتى زىيادە ئېسسىق يىمەك-ئىچمەكنى ئۇزاق مۇددەت، كۆپ ئېستىمال قىلىشتىن، ئېسسىق مەزگىللەردە قۇرغاق جايلاردا ئۇزاق مۇددەت ئىشلەش تۈپەيلىدىن جىگەرنىڭ ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، ماددا ئالمىشىشى ياخشى بولماسلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، باش ئېچىشىپ، سانجىلىپ ۋە زىڭىلداپ ئاغرىش، ئاغرىش كۆپىنچە باشنىڭ ئالدى تەرىپىدە بولۇش، چىرايى سارغۇچ، بەدىنى ئورۇق، ئىغىزى ئاچچىق، ئۇسسۇزلۇق كۆپ، ئۇيقۇسى ئاز، ئىغىز، بۇرنى قۇرۇق بولۇش، نەرسېلەر كۆزىگە سېرىق كۆرۈنۈش، ئولتۇرۇپ-قوپۇش تېز، ھەرىكىتى قالايمىقان، روھى ھالىتى تۇراقسىز، ئاچچىقى تېز بولۇش، سۈيدۈكى قىزىلغا مايىل سارغۇچ كىلىش، تېلنى سېرىق گەز باغلاش، تومۇرى ئىتتىك، ئىنچىكە، كۈچلۈك سوقۇش، سوغۇق نەرسىلەر بىلەن راھەتلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش:
1- رېتسىپ:
قاپاق(خام)، تەرخەممەكنىڭ ھۆل تىلىپلىرىنى يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ، باشقا ھەركۈنى بىر قېتىم چىپېپ بەرسە، سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2- رېتسىپ:
بۇغداي كىپىكى، ئاقلەيلى ئۇرىقى ۋە بىنەپشىلەرنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىدە(ئىسسىق ھالەتتە) پۇتنى يۇيۇپ بەرسە بولىدۇ.
3- رېتسىپ:
نىلۇپەر شەربىتىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەھۋالغا قاراپ ئېچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4- رېتسىپ:
بىنەپشە يىغى، نىلۇپەر يىغى بىلەن باشنى ياغلىسا ۋە بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
5- رېتسىپ:
لىمۇن شەربىتىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېستىمال قىلسا بولىدۇ.
6- رېتسىپ:
ئەينۇلا شەربىتى ۋە ياكى مۇرابباسىنى مۇۋاپىق مقداردا ئېستىمال قىلسا، ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
7- رېتسىپ:
يۇمغاقسۈتنى سوقۇپ، پېشانىسىگە چچېپىپ بەرسە، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
8- رېتسىپ:
كاپۇر، ئەپيۇننى سۆگەت غازىڭىنىڭ سۈيى بىلەن ئېرىتىپ، بىر-ئىككى تامچىدىن بۇرۇنغا تېمىتسا، مەنپەئەت قىلىدۇ.
9- رېتسىپ:
ئاق سەندەلنى ئەرقى گۇلگە سۈرۈپ، باشقا چېپىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
10- رېتسىپ:
ئاچچىق ئانار شەربىتى بىلەن ئەرقى گاۋزىباندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كىسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىچكۈزىلسە بولىدۇ.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282