busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 31146 قىتىم كۆرۈلدى
سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقى
    بۇ خىل باش ئاغرىقى غەيرىي تەبىئىي ھالەتكە ئۆزگەرگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ قان ئارىلىشىپ مېڭىگە تەسىر قىلىشىدىن، قويۇق(غەلىز) تاماقلارنى كۆپ يېيىش، لوبىيا، پۇرچاق، چەلەڭ، كالا گۆشى، ئۆچكە گۆشى، ئات گۆشى ، كىيىك گۆشى قاتارلىقلار ۋە ئىسسىقلىقى ئارتۇق يىمەك-ئېچمەكلىكلەرنى كۆپ ئېستىمال قىلىشتىن پەيدا بولىدۇ. بۇ كىسەل بىلەن ئاغرىغاندا باش ئىغىر ۋە قۇرۇق بولىدۇ، ئىغىز- بۇرۇن قۇرۇيدۇ، ئۇيقۇسىزلىنىدۇ، چىرايى نۇرسىزلىنىپ، كۆزلىرى قۇرۇيدۇ، روھى-ھالىتى تۆۋەنلەپ، ھەرخىل يامان خىياللارنى كۆپ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ، كۆپ سۆزلەيدىغان، بىر يەردە تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، تومۇرى ئىنچىكە، تېز، چۆكمە سالىدىغان بولۇپ قالىدۇ، سۈيدۈكى ئاق كىلىدۇ، زىيادە خىلىت پىشقاندا كۆك ياكى قارىغا مايىل بولۇپ قالىدۇ، كىسەلنىڭ رەڭگى قارامتۇل، توپا رەڭ، بەدىنى ئورۇق ھەم قۇرۇق بولىدۇ.
1- رېتسىپ:
مەرزەنجۇش يېغى بىلەن باشنى ياغلاپ بەرسە، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
2- رېتسىپ:
قۇشقاچنىڭ گۆشىگە ئاچچىىق ئانارنىڭ سۈيى، ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3- رېتسىپ:
سېرىق چىچەك يېغىنى باشقا چاپسا، قۇلاق، بۇرۇنغا تېمىتسىمۇ سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4- رېتسىپ:
ھېلىيلە مۇرابباسى، ئامىلە مۇرابباسىنىڭ قايسى بىرى بولسا، ئۇنى ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5- رېتسىپ:
بىنەپشە يېغى، نىلۇپەر يېغى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرى تېپىلسا، باش- پىشانىسىگە سۈركەپ بەرسە، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
6- رېتسىپ:
قىز بالىلىق ئايالنىڭ سۈتى، قاپاق ئۇرىقى يېغى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرى بولسا، ئۇنى بۇرۇن، ققۇلاققا تېمىتسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
7- رېتسىپ:
سۈتكە پاختىنى چۈكۈرۈپ، باش، پىشانىسىگە قويسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
8- رېتسىپ:
ھەرخىل ھۆل ئېسسىق تەبىئەتلىك سەي- كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
9- رېتسىپ:
توخۇ گۆشى ۋە ئۇنىڭ مېڭىسىنى ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
10- رېتسىپ:
بىر تۇتام يەرباغرى ئوتنى بىر پىيالە قايناق سۇدا دەملەپ سۈزۈپ، بىر سېقىم ئاق شىكەر بىلەن تاتلىقىنى چىقىرىپ ئىچىسە، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282