busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 21 دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 20424 قىتىم كۆرۈلدى
ئۇيغۇر تىبابىتى تىرە كىسەللىكلەر ئىلمى توغىرسىدا چۈشەنچە
مەلۇمكى ئۇيغۇر تىبابىتى 2500يىلىدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.ئۇيغۇر تىبابەت تىرە كىسەللىكلەر ئىلمى –تىبابىتىمىز كىلىنكا ئىلمىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولۇپ، باشقا كىلىنكا تارماق پەنلەرگە ئۇخشاش شەكىللىنىش تارىخى ئۇزۇن بۇلۇپ، مول كىلىنكىلىق تەجرىبىلەرگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر يۈرۈش، نەزىرىيە سىستىمىسى، ئۇسۇلى ۋە داۋالاش تېخنىكىسىغا ئىگە پەن.
 گەرچە ئۇيغۇر تىبابەت كىلاستىك ئەسەرلەردە تىرە كىسەللىكلەر ھەققىدە يېزىلغان مەخسۇس ئەسەرلەر ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ لىكىن قەدىمىي تىببىي كىلاستىك ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە تىرە كىسەللىكلەر توغىرسىدا مەخسۇس سۆزلەنگەن مەزمۇنلار بار.
     قەدىمىي تىببىي كىلاستىك ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى شۇ ۋاقىتتىكى يېزىش ئۇسۇلى بويىچە ، چاچتىن تاكى تىرناققىچە بارلىق ئەزالارنىڭ كىسەللىكلىرى رەت تەرتىۋى بويىچە يېزىلىدىغان بولغاچقا بىر كىتاپتا بارلىق كسىەللىكلەر تەڭ سۆزلىنىپ كىلىنگەن.
      ئۇيغۇر تىبابىتى تىرە كسىەللىكلەر ئىلمى ئەجدادىمىز ئىجاد قىلىپ بارلىققا كەلتۈرۈپ نەتىجىلەر ئاساسىدا ئېلىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللەتلەر بىلەن قۇشنا ئەللەر تىبابىتىنىڭ ئىلغار تەجرىبىلەرنى قۇبۇل قىلىپ ئۆلەشتۈرۈپ تىبابىتىمىز تىرە كىسەللىكلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇرۇپ، تىرە كىسەللىكلەر ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلەتتى.مەزمۇننى ئۆزلۈكسىز بېيىتتى . ۋە راۋاجلاندۇردى. شۇنداقلا كىلنكا جەھەتتىكى تەجرىبىسىنىڭ موللىقى، نەزىريە سىسىتىمىسىنىڭ ئەينى زامانغا ماس مۇكەممەللىكى، دىئاگىنوزى بىلەن داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ كۆپ خىلىلىقى ۋە ئىلغارلىقى بىلەن قۇشنا ئەللەر تىبابىتىگە ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئەينى زامانلاردا داڭ چىقارغان .مەسىلەن:مىلادى 1200-1300-يىللىرى ھىندىستاندا نەشىر قىلىنغان ''ھەر قايسى ئەللەر تەزكىرىسى'' دىگەن كىتاپتابۇندىن 3000يىللار ئىلگىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆتكەن ئاتاقلىق جۇڭيى تىۋىپى، سۇنسىمياۋ يازغان «بىباھا غەيرى رىتسىپلار »دىگەن ئەسەرلەردە ، تىبابىتىمىزنىڭ ئاق كىسەلنى داۋالاشتىكى سىناقتىن ئۆتكەن رىتسىپلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن 10ئەسىر ئىلگىرى ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالىمى ئىمادۇردىن قەشقىرى، ئىرانلىق زاماندىشى مۇھەممەت ئىبنى زىكىرياغا ئاق كىسەلنى بەدىيان بىلەن داۋالىغانلىق تەجرىبىسىنى تۇنۇشتۇرغانلىقى ھەققىدىكى خاتىرە : تۈركى تىللار دىۋانىدىكى ئاق كىسەل، قوتۇر، ماخاۋ، چىقۇق، ئۈششۈك قاتارلىق تىرە تاشقى كىسەللىك ناملىرى ۋە ئىزاھلىرى بۇنىڭدىن 1400-1300يىل ئىلگىرى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ بولغان تۇرپان قىزىلمىلىرىدىكى خاتىرلەردە ، تىرە كىسەللىكلىرىنى 1-ئۇرۇنغا قويغانلىقى ھەمدە تىبابىتىمىز كىسلاستىك ئەسەرلەردە، تىرە كىسەللىكلەر ئۈچۈن ئالاھىدە، ئايرىم ئۇرۇن بىرىلگەنلىكى، ھەربى يۈرۈشلەردىمۇ تىرە-تاشقى كىسەل دوختۇرلىرىمۇ قوشۇنغا سەپلەنگەنلىكى بۇ نۇقتىنى چۈشۈندۈرۈپ بىرىدۇ.
تىبابىتىمىزنىڭ تىرە-تاشقى كىسەللىلەرنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە تېخنىكىلىرى كۆپ بولۇپ، دورا ئىچكۈزۈش،سىرتىدىن دورا سۈركەش، زىماد قىلىش، دورا قايناتمىلىرىدا يۇيۇندۇرۇش ، ۋاننا قىىش ، نوقۇل قىلىش، ھورلاندۇرۇش، ئىسسىق ياكى سوغۇق ئۆتكۈزۈش، تەرلىنىش ، قۇستۇرۇش، ئىچى سۈرۈش، تىرىگە ئېلىش، ھەمەلچە قىلىش، داغلاش، قان قان توختىتىش، يەرلىك ئورۇننى مەس قىلىش، ئاغرىق توختىتىش، قىچىشىشنى پەسەيتىش، كىسىشىش، تىكىش، ئۇۋۇلاش، پەللىگە دورا تېڭىش، يىڭنە سانجىتىش ، قۇمغا كۆمۈش، ئاپتاپتا قاقلاش، ئېغىز ئالدۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق 50خىلدىن ئارتۇق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللانغان ۋە ھازىرمۇ قوللىنىلىۋاتىدۇ.
   ئۇيغۇر تىبابەت تىرە كىسەللىكلەر ئىلمى:
 ئادەم بەدەننىڭ تىرە ۋە شىللىق پەرىدىلىرىدە يۈز بەرگەن پاتىئولوگىيەنىڭ ئۆزگىرىش ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىمىز تەتقىق قىلىدىغان پەن. يەنى تىرە ۋەشىللىق پەردىلەردە يۈز بەرگەن ھەر خىل كىسەللىكلەرنى تۇنۇش، پەرىقلەندۇرۈش، دىئاگىنوز قويۇش، كىسەللەرنىڭ سەۋەبى، ئالامىتى، داۋالاش- ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.
 يىتەكچى ئىدىيەسى:
 تىرە كىسەللىكلەر ئىلمى باشقا كىلىنكا پەنلەرگە ئوخشاشلا ئادەم ئاناتومىيەسىدىن باشقا، ئۆمۈرى تەبىئىيە، ساقلىقنى ساقلاش، زۆرىرىيەتلىرى، كىسەللىكلەرنى تۇنۇش، سەۋەبى ۋە قوزغاتقۇچى ئامىللىرى، راۋاجى ۋە دەرىجىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش نەزىريە بىلەن دورىگەرلىك تەلىماتلىرىنى يىتەكچى ئىدىيە قىلىدۇ.
شۇنداقلا ئادەم بەدىنى بىلەن سىرتقى مۇھىت مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىدۇ. دىئاگىنوز قويۇشتا ، يۇقارقىلارنى ئاساس ۋە يىتەكچى ئىدىيە قىلىپ، قاراپ، تۇتۇپ، سوراپ، تىڭشاپ، چىكىپ، پۇراپ تەكشۈرۈش ۋە ھازىرىقى زامان قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىمارنىڭ مىزاجى ۋە كىسەللىك ماددىسىنى ئايرىپ دىئاگىنوزى بىكىتكەندىن كىيىن، پەرھىز بۇيرۇش، مىزاج تەڭشەش، ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلارنى بىرىش، سىرتىدىن دورا ئىشلىتىش ، كۈن نۇرىغا قاقلاش، ئاساسىي كىسەللىك بىلەن ئەگەشمە كىسەللىكىنى ئايرىش، قۇۋەتلىگۈۈچى، زەھەر قايتۇرغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، يەللەرنى تارقاتقۇچى ، ئىممونىتىنى كۈچبيتكۈچى ئەزالار خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىدۇ.بۇ خىل پىرىنسىپلار بىمارنىڭ يېشى، مىزاجى، جىنسىي، ئادىتى، بەدەن قۇۋۋىتى، كىسەللىك ئەھۋالى ئەزالارنىڭ تۈزۈلىشى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ جانلىق قوللىنىدۇ.سەۋەبىنى يوقىتىپ، تۈپ يىلتىزىدىن قۇرتۇپ، كسىەللىكتىن ئۈزۈل-كىسىل خالى قىلىدۇ.بولۇپمۇ ھازىر سەۋەبى ئىنىق ئەمەس دەپ قارىلىۋاتقان ئاق كىسەل، تەڭگە تەمرەتكە قاتارلىق كىسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۆزگىچە ئۇسۇل ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە . بۇ ھال تىبابىتىمىزنى باشقا تىبابەتلەردىن يۇقىرى ئىمتىيازغا ئىگە قىلىدۇ
تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بولومى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282