busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 21 دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 10302 قىتىم كۆرۈلدى
تىرىنىڭ تۈزۈلىشى
تىرە- ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى يۈزىنى ئوراپ تۇرىدىغان، بەدەندىكى ئەڭ چوڭ ئەزا ھىسابلىنىدىغان بىر ئەزا. ئۇ ئورگانىزىمىنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن بىۋاستە ئۇچراشتۇرۇپ، تۇرىدۇ. شۇڭا ئورگانىزىمنى سىرتقى مۇھىتتىكى فىزىكا-خىمىيەلىك غىدىقلاشلاردىن ۋە زەخمىلەردىن قوغداپ تۇرىدۇ. ئۇ بەدەن سىرتقى يۈزىدىكى ھەر قايسى بوشلۇق ئېغىزلىرىدا شىللىق پەردىلەرگە ئۆزگىرىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %16نى ئىگەللەيدۇ. ھەجىمى چوڭلاردا 2-1.2بۇۋاقلاردا 0.21كىلىدۇ. قېلىن-نىپىزلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. تىرە ئاستى توقۇلمىسىنى ھىساپقا ئالمىغاندا تەخمىنەن قېلىن-نىپىزلىكى 4-0.5كىلىدۇ. ئالقان-تاپان تىرىسى ئەڭ قېلىن بولىدۇ. كۆز جىيىكى ،قاپاق، سىرتقى جىنىسىي ئەزاسى ، ئەمچەك، قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلار تىرىسى ئەڭ نىپىز بولىدۇ. چوڭلارغا قارىغاندا بالىلارنىڭ، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ تىرىسى نىپىز بولىدۇ. تىرە يۈزىدىكى تىرە سىزىقلىرى، ئالقان، تاپان، بارماق ئۇچلىرىدا ئىنىق بولۇپ، شەكلى ئىرىسيەت تەرپىدىن بەلگۈلىنىدۇ. تىرە يۈزىدە نۇرغۇنلىغان تەر تۆشۈكچىلىرى بولىدۇ. بىر ئۇچى تەر بېزىگە تۇتىشىدۇ. تىرە رەڭگىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئېرىقى، يەككە تەن، سىرتقى مۇھىت، مىللەت، ئۇرۇقداشلىق، يېشى، جىنسىي، مىزاجى سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
تىرىنىڭ تۈزىلىشى:
تىرە-ئۈزەكى تىرە: ھەقىقىي تىرە ۋە تىرە ئاستى توقۇلمىسىدىن تۈزۈلگەن.
1.     ئۈزەكى تىرە:
         بۇ تىرىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتىدە بولۇپ، مۇُڭگۈزلەشكەن، كۆپ قەۋەتلىك ، ياپىلاق، قاسراقسىمان ئۈستى تىرىدىن تۈزۈلگەن. سىرتقى ھامىلە تۆرەلمە ياپرىقىدىن كەلگەن. قېلىنلىقى تەخمىنەن 0.1كىلىدۇ.
     چوڭلارنىڭ ئۈزەكى تىرىسى –كىراتىن ھۈجەيرىسى، قارا رەڭ پىگمىنىت ھۈجەيرىسى ۋە لانگىرفانىس ھۈجەيرىسىدن ئىبارەت 3خىل ھۈجەيرە تىپىدىن تۈزۈلگەن.
1)    كىراتىن ھۈجەيرىسى
كىرانىت ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈش ئالاھىدىلىگى ۋە تەرەققىيات باسقۇچىغا ئاساسەن ئۈزەكى تىرە 5قاتلامغا بۆلىنىدۇ.
(1) نېگىز قەۋەت؛ 
بۇ ئۈزەكى تىرىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قەۋىتى بولۇپ، بىرقەۋەت چاسا، پاكار، تۈۋرۈكسىمان ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلگەن، بۇ بۆلۈنۈپ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇ ئۆزلۈكسىز بۆلىنىپ، كۆپىيىپ، ئۈزۈكى تىرىنىڭ ھەر قايسى قەۋەتلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كىتىدىغان ۋاقىت 30-28كۈن بولىدۇ.
(2) تىكەنلىك قەۋەت
نىگىز قەۋەت ئۈستىگە جايلاشقان. 8-6قەۋەت كۆپ بۇلۇڭلۇق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن. لىمفا سۇيۇلۇقى ۋە ماددىلار ئالمىشىدىغان ئۇرۇن
   (3) دانلىق قەۋەت
   تىكەنلىك قەۋەت ئۈستىگە جايلاشقان 3-2قەۋەتكىچە موكا شەكىللىك ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن. مۈڭگۈز ماددىسىسنىڭ ئىپتىدائىي ماددىسىدىن ئىبارەت.
   (4) سۈزۈك قەۋەت
   دانلىق قەۋەت ئۈستىگە جايلاشقان 3-2قەۋەتكىچە ياپىلاق، يادروسىز ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن. سۇ ۋە ئىلىكتىرونلارنىڭ ئۆتىشىشىنى توسىدۇ.
(5) مۇڭگۈز قەۋەت 
 بۇ ئۈزەكى تىرىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتى بولۇپ، سىرتقى مۇھىت بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىپ تۇرىدۇ. كۆپ قەۋەتلىك، ياپىلاق، مۈڭگۈزلەشكەن ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن. تىرىنى قوغداش رولى بار.
2)   قارا پىگىمىنىت ھۈجەيرىسى
نىرۋا قىرىدىن بارلىققا كەلگەن، بىر خىل شاخسىمان ھۈجەيرە بولۇپ، نىگىز قەۋەت ھۈجەيرىسى ئارلىقىغا جايلاشقان. تىرىدە رەڭ ماددىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. يەنى تىرىنىڭ رەڭگىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ زەخمىسىدىن ساقلايدۇ.
3)لانگىرافاس ھۈجەيرىسى
يىلىكتىن كەلگەن يۈزەكى تىرىدىكى يەنە بىر خىل شاخسىمان ھۈجەيرە بولۇپ، ئورنى تىكەنلىك قەۋەتتە بولىدۇ. بۇ مۇُڭگۈز قەۋەت ۋە ھەقىقىي تىرىدىن كەلگەن ئاللىگېنلارنى يۇتۇپ، تازىلاپ، تىرىدە كىچىكىپ يۈز بىرىدىغان ، زىيادە سىزىمچانلىق رىئاكسىيەسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
2-ھەقىقىي تىرە
ھەقىقىي تىرە ئۈزەكى تىرە بىلەن تىرە ئاستى توقۇلما ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، زىچ بىرىكتۈرگۈچى تۇقۇلمىدىن تۈزۈلگەن. قېلىنلىقى تەخمىنەن 2-1كىلىدۇ.
 ھەقىقىي تىرە –شورىغۇچى قەۋەت ۋە تۇرسىمان قەۋەت دەپ 2تۈرگە بۆلىنىدۇ.
(1)             شورىغۇچى قەۋەت:
   ئۈزەكى تىرىنىڭ چوڭقۇر قەۋىتى ، ھەقىقىي تىرىنىڭ ئۈزەكى قىسمىغا جايلاشقان، ئاساسلىقى گىرەلىشىپ تور ھاسىل قىلغان ئىنچىكە يىلىم تالالاردىن تۈزۈلگەن مول قىلقان تۇمۇر بولۇپ ، ئۈزۈكى تىرىنى ئۇزۇقلاندۇرىدۇ. ھەم مول سەزگۈر نىرۋا تەنچىلىرى بولۇپ، تىگىشىشنى سىزىش رولى بولىدۇ.
(2)            تورسىمان قەۋەت:
شورىغۇچى قەۋەتنىڭ چوڭقۇر قسىمىغا يەنى ھەقىقىي تىرىنىڭ چوڭقۇر قەۋىتىدە چوڭ يىلىم تالا، ئىلاستىكىلىق تالا، قىلقان تۇمۇر ، لىمفا كاناللىرى، تەرپىدىن مەي بېزى ھەم تۈك خالتىسى بولىدۇ. ھەم نىرۋا ئۇچلىرى بار. بۇلار بېسىم ۋە سىلكىنىشنى سىزىدۇ. كۈچلۈك ئىلاستىكىلىققا ئىگە.
 3- تىرە ئاستى توقۇلمىسى
ھەقىقىي تىرە ئاستىغا جايلاشقان. شالاڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ۋە ماي توقۇلمىسىدىن تۈزۈلگەن. كىدنىك ئەتراپى قېلىنلىقى تەخمىنەن 3. ئىسسىقلىقنى ساقلاش، ماينى زاپاس ساقلاش، ئىچكى قىىسم توقۇلمىلىرىنى قوغداش ۋە تىمپۇراتۇرسىنى تەڭشەش رولى بار.
تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بولومى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282