busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 21 دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 11334 قىتىم كۆرۈلدى
تىرىنىڭ قوشۇمچە ئەزالىرى
تىرىدىن ئۇزۇقلىنىپ، تىرىنىڭ قوشۇمچە خىزمىتىنى بىجىرىدىغان ئەزادۇر.
1-     چاچ تۈكلەر:
 پۈتۈن بەدەندىكى تىرىلەردە: ئالقان، تاپان، ئەمچەك تۈگمىسى، كالپۇك ۋە بارماقلارنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ھەممىسىدە تۈكلەر بولىدۇ.
(1)    موي غولى: تىرىدىن سىرتىغا چىقىپ تۇرغان قسىمى بولۇپ، يۇمىلاق، مەركەزداش تىزىلغان ، مۈڭگۈزلەشكەن ئۈستى تىرە ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلگەن. ھۈجەيرىدە قارا پىگمىنىت دانچىلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن چاچلارنىڭ رەڭگى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
(2)   موي يىلتىزى: تىرە ئىچىگە كۆمۈلگەن قسىمى بولۇپ، سىرتىنى تۈك خالتىسى ئوراپ تۇرىدۇ. تۈك يىلتىزىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى كۆپىشىپ توپقا ئوخشاش بولۇپ تۈك شارچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئورۇندا ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلىنىشى كۈچلۈك بولۇپ، چاچ-تۈكلەرنىڭ پەيدا بولۇش ، ئۆسۈش ئورندۇر. تۈك يىلتىزى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەنلىكتىن، تۈك غولىمۇ ئۆسىدۇ. تۈك شارچىسىنىڭ تىگى ئۈچى ئويمان بولۇپ، تۈك شورىغۇچ دىيىلىدۇ.
ئىچىدە مول قان-تۇمۇر ، نىرۋىلار بولىدۇ. تۈك شورىغۇچ، تۈك شارچىسىغا قارىتا ئۇزۇقلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. تۈك شورىغۇچ بوزۇلسا ياكى يىرىكلەشسە تۈك خالتىسى يىگىلەپ، ئۆسۈشتىن توختاپ تەدرىجى چۈشىدۇ.
2-    تىرناق
بۇ زىچ مۈڭگۈزلەشكەن ئۈستى تىرىدىن تۈزۈلگەن . قول –پۇت بارماق ئۇچىنىڭ ئۈستى تەرپىدە ، ياپىلاق ،ئىككى تەرپكە ئىگىلگەن يېرىم سوزۈك بولىدۇ. تىرناق، تىرناق پىلاستىنكىسى ۋە تىرناق يىلتىزى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىندۇ.
(1)              تىرناق پىلاستىنكىسى- تىرىدىن سىرتىغا كۆرۈنۈپ تۇرغان قىسمى.
(2)             تىرناق يىلتىزى- تىرە ئىچىگە كۆمۈلگەن قسىمى.
 تىرناق پىلاستىنكىسى ئەتراپىغا يېقىنى تۇتاشقان تىرىلەر – تىرناق ئايلانمسى دەپ ئاتىلىدۇ. تىرناق پىلاستىنكىسى تۈۋىدە يېرىم ئاي شەكىللىك ئاقارغان رايون بولۇپ تىرناق يېرىم ئېيى دەپ ئاتىلىدۇ. تىرناق يىلتىزى، تىرناق يېرىم ئېيى تىگىدىكى تىرناق پىلاستىنكىسى تىرناق ئانا ماددىىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تىرناق پەيدا بولۇش ئورنىدۇر. قول بارمىقىنىڭ تىرنىقى كۈنىگە 0.1ئۆسىدۇ.
3-    تىرە ماي بەزلىرى:
 ھەقىقىي تىرىنىڭ شورىغۇچى قەۋىتىگە جايلاشقان، كۆپىنچىلىرىنىڭ ئېغىزى تۈك خالتىسىنىڭ يۇقارقى 3/1بويۇن قىسمىغا ئېچىلىدۇ. بەزىى جايلاردا بىۋاستە تىرە يۈزىگە ئېچىلىدۇ. مەسىلەن: كالپۇك، ئەمچەك تۈگمىسى، خەتنلىكنىڭ ئىچكى تەرىپى، زەكەر بېشى، كىچىك جىنسىي لەۋ قاتارلىق ئورۇنلار.
   تىرە ماي بەزلىرى: باش،بويۇن، تۈز، كۆكرەك ، ۋە غول قىسىملارغا كۆپرەك تارقالغان، ئالقان، تاپاندا ئادەتتە ماي بەزلىرى بولمايدۇ.
 تىرە ماي بەزلىرى- تىرە مايلىرىنى ئاجىرتىپ چىقىرىدۇ، بۇ تىرىنى سىىلىقلاشتۇرىدۇ. بۇ خىل مايلار ئەركىن ھالەتتىكى ماي كىسلاتاسى بولغاچقا، تىرىنى كىسلاتا خاراكتېرىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ تىرە يۈزىدىكى مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىنى تۇرمۇزلايدۇ. ئېغىزى ئىتىلىپ قالسا دانخورەك ھاسىل بولىدۇ.
4-    تىرە تەر بەزلىرى
 تەر بېزى تۆرەلمە دەۋىرىدە تىرە ھۆجەيرىلىرىنىڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ئىچىگە كىرىپ، كىرىپ، ئۆسۈپ بۆلىنىشىدىن ھاسىل بولغان، تاق ئەگرى كانالسىمان بەزىدىن ئىبارەت. تەر بېزى پۈتۈن بەدەنگە تارقالغان بولۇپ، ئۇ ئاجراتقۇچى قىسىم ۋە كانالدىن ئىبارەت. تەر بېزى پۈتۈن بەدەنگە تارقالغان بولۇپ، ئۇ ئاجراتقۇچى قسىم ۋە كانال قسىمدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئاجراتقۇچى قىسم- تەر ئاجىرتىدۇ. كانال قىسىم تەرنى تىرە يۈزىگە ئاجىرتىپ چىقىرىدۇ. تەر بەزلىرى تارقىلىش ئورنى ۋە بەز تىنىگە قاراپ چوڭ تەر بېزى ۋە كىچىك تەر بېزى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
   چوڭ تەر بەزلىرى : قولتۇق، ئەمچەك داغ ئايلانمىسى ، مەقەت، كىندىك سىرتقى جىنسىي ئەزالارغا تارقالغان ، كانالچىسى تۈك خالتىسىنىڭ يۇقارقى 3/1بويۇن قىسىمىغا ئېچىلغان تىرە ماي بەزلىرىنىڭ بويۇن قسىمىغا ئېچىلىدۇ.
   كىچىك تەر بەزلىرى ؛ ئالقان، تاپان، قولتۇق، پىشانە، يۈز قىسىم چات ئارلىقى قاتارلىق ئورۇنلارغا بىر قەدەر كۆپ ھەم زىچ تارقالغان. كالپۇك، زەكەر بېشىدىن باشقا بەدەننىڭ ھەممە يىرىگە تارقالغان كانال ئېغىزى بىۋاستە تىرە يۈزىگە ئېچىلىدۇ.
5-    قان-تۇمۇر
ئادەتتە ئۈزەكى تىرىدە، قان-تۇمۇرلار بولمايدۇ. بىراق ھەقىقىي تىرە ۋە تىرە ئاستى توقۇلمىسىدا قان تۇمۇرلار ناھايتى مول رولى (1)بەدەن تىمپۇراتۇرسىنى تەڭشەش (2) ماددا ئالماشتۇرۇش (3) بەدەن ئىممۇنىتچانلىقىنى ئاشۇرۇش، (4) تىرە زەخمىلەنگەندىن كىيىن ئەسلىگە كىلىش جەريانىدا يىڭى قىلقان تۇمۇرلارنى ھاسىل قىلىدۇ.
6-    تىرە نىرۋىلىرى:
تىرىدە سەزگۈ نىرۋا تالالىرى ناھايتى مول بولۇپ، تىرىگە تەسىر قىلىغان ، ھەر خىل غىدىق مەسىلەن: ئىسسىق-سوغۇق، سۈركىلىش، قىچىشىش، ئاغرىش قاتارلىق سىزىملارنى قوبۇل قىلىپ، ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.
7-    لىمغا نەيچىلىرى:
لىمغا نەيچىلىرى – ياردەمچى ئايلىنىش سسىستىمىسى قىلىدام لىمغا نەيچىلىرىدىكى بېسىم، ئەتراپتىكى تۇقۇلمىلار ۋە قان-تۇمۇرلار بېسىمىدىن تۆۋەن بولىدۇ. لىكىن ئۆتكۈزۈشچانلىقى زور بولىدۇ.
بەزى قان پىلازما ئاقسىللىرى يات ماددىلار جاراسىىملار لىمفا كاناللىرىغا كىرەلەيدۇ. ئەمما لىمفا تۈگۈنچىلىرىگىچە يىتىپ بارغاندا، بۇلار توسۇلۇپ قالىدۇ. ۋە لىمفا تۈگۈنچىلىرىدە يوقۇتىلىدۇ.
8-    تىرىدىكى مۇسكۇللار
 تىرىدىكى مۇسكۇللار ئاساسەن تۈكلەرنى تىرىگۈچى مۇسكولدىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇسكول تالاسى بار.
 سىلىق مۇسكۇللار ئاساسەن تۈكلەرنى تىرىگۈچى مۇسكۇلدىن ئىبارەت. بىر تەرىپى تۈك خالتىسىنىڭ تۆۋەنكى 3\1قسىمىغا جايلاشقان، سىلىق مۇسكۇل قىسقارغاندا، چاچ-تۈكلەر تىكلىنىدۇ. تۈك خالتا ئېغىزلىرىدا «توخۇ ئېتى» شەكىللىنىدۇ. بۇلار قان تۇمۇر دىۋارى ، ئەمچەك دېغى، ئۇرۇق بەز خالتىسى قاتارلىقلارغا تارقالغان. توغرا يوللۇق مۇسكۇللار يۈز قىسمىدا بولىدۇ.
تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بولومى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282