busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 21 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 35727 قىتىم كۆرۈلدى
تىرە كىسەللىكىرىنىڭ سەۋەپلىرى
تىرە كىسەللىكلىرىنىڭ سەۋەپلرى بىر قەدەر مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىق، ئۇمۇمەن ھازىر يۈز بىرىۋاتقان تىرە كىسەللىكلەر سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئامىللارغا باغلىق.
1-     خاس سەۋەپلەر
1) ياش قۇرامى: بەزى تىرە كىسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولىشىدا ياش قۇرامىنىڭ مەلۇم مۇناسىۋىتى بار . مەسىلەن: بۇۋاقلار يول تەمرەتكىسى، ئاق تەمرەتكە، يەلتاشم ، سۇ چىچەك قاتارلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قسىمى بالىلاردا ئۇچرايدۇ. مايلىق مۈڭگۈزلىشىش كىسلى، تىرە قىچىتمىسى، تىرە قۇرغاقلىىشىش ، يېرىلىش، چاچلار ئاقىرىش، ياشانغانلاردا كۆرىلىدۇ.
2)جىنسىي ئايرىمىسى:قىزىل، داغلىق بۆرە چاقىسى، ئاپتاپ خاراكتېرلىك تىرە ياللۇغى، ئۇچىرشىش خاراكتېرلىك تىرە ياللۇغى ھامىلدارلىق تىرە ياللۇغى قاتارلىقلار ئاياللاردا كۆپ كۆرلىدۇ. مايلىق چاچ چۈشۈش، دانخورەك ساقال يارىسى قاتارلىقلار ئەرلەر كۆپ ئۇچرايدۇ.
3)كەسپىي :بۇ سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك كەسپىي خاراكتېرلىك تىرە كىسەللىكلىرى دەپ 2خىل بولىدۇ.كەسپ خاراكتېرلىك تىرە كسىەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەر.
(1)   خىمىۋىي ماددىلار (2) فىزىكىلىق ئامىللار (3) بىئولۇگىيەلىك ئامىللار (4)ئىشلەپچىقىرىش شەكلى
4) پەسىل خاراكتېرى : كۆپلىگەن تىرە كىسەللىكلىرىنىڭ روشەن ھالدا پەسىل خاراكتېرى بولىدۇ.مەسىلەن:تەر تاشمىلىرى، ھاشارەت مەنبەلىك تىرە كىسەللىكلرى ، چىقان، دانخورەك قاتارلىقلار ياز پەسلىدە كۆًپ ئۇچرايدۇ.
 ئۈششۈك ، تىرە يىرلىش، كىپەكلىشىش قۇرغاقلىشىش كۆپىنچە قىش پەسىللىرىدە كۆرلىدۇ.
5)       مۇھىت- بەزى تىرە كىسەللىكلرىنىنىڭ پەيدا بولىشى، تەرەققىي قىلىشى روشەن ھالدىكى مۇھىت ئامىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
 مەسىلەن: تەڭگە تەمرەتكە، ئاق كىسەل قاتارلىقلار سوغۇق مۇھىتتا كۆپىيدۇ. ۋە كىڭىيىپ تەرەققىي قىلىدۇ. شىراڭ ئىگىزلىكىدىكى ئولىتىرا بىنەپشە نۇرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان جايلاردا پەيدا بولىشى نىسبەتەن ئازراق بولىدۇ.ئاق كىسەل ، تەڭگە تەمرەتكىگە ئوخشاش كىسەللىكلەر كۆپىنچە ئىسىق مۇھىتتا ياشىغۇچىلاردا ئاز كۆزلىدۇ.
6)      تۇرمۇش ئادىتى: بەزى تىرە كىسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
 مەسىلەن؛ تازىلىق ئادىتى ياخشى بولمىغانلاردا پارازىت ۋە يىرىڭلىق تىرە كىسەللىكلىرى – باش تەمرەتكىلىرى، قىچىشقاق، ئوڭاي پەيدا بولىدۇ. ئۆتكۈر ئاچچىق تەملىك يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىپ، ئادەتلەنگەندە، تىرە كسىەللىكىنى قوزغىتىدۇ.
7)       ئىجتىمائىي مۇھىت؛ بىر قسىم تىرە كسىەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولىشىدا ، كىشلەر ياشىغان جەمىئەت ، ئىجتىمائىي تۈزۈمى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
2-    تاشقى سەۋەپلەر
1)     مىخانىكىلىق ئامىللار: بېسىلىش، سۈركىلىش، زەخمىلىنىش، ئۇرلۇش،
2)    فىزىكىلىق ئامىللار: يۇقىرى ھارارەت، كۈن نۇرى، رادىئوئاكتىپلىق نۇرلار تەسىرى.
3)     خىمىيەلىك ئامىللار؛ كۆپلىگەن يوقۇلۇش خاراكتېرلىك تىرە كىسەللىكلىرى خىمىيەلىك ئامىللارنىڭ تەسىردىن كىلىپ چىقىدۇ.
 مەسىلەن: تۇرمۇشتىكى خىمىيەۋىي مەسھۇلاتلاردىن: زىننەت بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، نىفىت ، ھاشارەت ئۆلتۈرگۈچى دىھقانچىلىق دورىلىرى، قاتارلىقلار كسىەللىكنىڭ پەيدا قىلغۇچى ھەر خىل جاراسىملار ، باكتىريە ، ۋىروس، زەمبۇرۇغ، قۇرت، يىلان، چايان، زىيانداش ھاشارەتلەردىن بولغان ھەر خىل تىرە كىسەللىكلىرى.
3-     ئىچكى سەۋەپ:
1)        خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى تۆت خىلىتنىڭ سان-سۈپەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى تىرە كسىەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئاساسلىق ئىچكى سەۋەپ ھىسابلىنىدۇ. خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ بۇزلىشى ۋە ئۇنىڭغا ماس ھالدىكى تىرە كىسەللىك ئۆزگىرشى مەخسۇس كىسەللىك قسىمىدا سۆزلىنىدۇ.
2)       يىمەك ئىچمەك : يىمەكلىك تەركىنىدە ۋىتامىن كەمچىل بولسا، تىرىلەر قورغاقلىشىدۇ. تۈك خالتا ئېغىزلىرى تىكەنلىشىدۇ، چاچلار قۇرۇپ چۈشىدۇ. ئېغىر بولغاندا ناماز شام قارغۇسى كىلىپ چىقدۇ. نىكوتىن كىسلاتاسى كەم بولسا، چالاش كىسەللىكى قارا تەمرەتكە ئاسان پەيدا بولىدۇ. يىمەكلىكتە زىيادە سەزگۈر بولغاندا يەلتاشما پەيدا بولىدۇ.
3)        ماددا ئالمىشىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچىرشى
4)       ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچىرشى.
مەسىلەن: ئەرلىك ھورمۇن ئاجىرتىشنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، دانخورەك پەيدا بولىشى: دىئابىت كىسەللىكلىدىكى ئىنزولىن ئاجىرتىپ چىقىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچىرشى بىلەن دىئابىتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە تىرىگە چىققان چىقىش ھەم ھەر خىل يىرىڭلىق يۇمۇملىنىشنىڭ يۈز بىرىشىدىن ئىبارەت.
5)        ئۆز تەنلىك زەھەرلىنىش: بۇزۇلغان ، چىرىگەن سۈپىتى ئۆزگەرگەن يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن بۇلغان يەلتاشما ۋە ھەر خىل ئسىتىغراغنىڭ ۋاقتىدا بولماسلىقىدىن پەيدا بولغان تىرە كىسەللىكلىرى.
6)      يۇقۇملىنىش: ئۆز-ئارا يېقىنلىشىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش ۋە تازىلىق ئادىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ھەر خىل يۇقۇملۇق تىرە كىسەللىكلىرى يۈز بىرىدۇ. مەسىلەن: سۆگەل، قىچىشقاق، باش تەمرەتكىلىرى قاتارلىقلار.
7) روھىي ئامىللار: ناچار روھىي كەيپىيات ئىچكى ئاجراتمىلار ۋە رەئىس ئەزالار خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كۆپلىگەن تىرە كىسەللىكلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.
8)        ئىرسىيەت: بەزى تىرە كىسەللىكلىرى ئىرسىيەت ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن: بەرەس، تەڭگە تەمرەتكە ، سۆگەل قاتارلىقلار
9)        شىركى ئامىللار: بەزى تىرە كىسەللىكلىرى بەدەندە باشق ئەزالاردا يۈز بەرگەن كىسەللەر تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ. مەسىلە: دىئابىت، كىسەللىكىدىكى يىرىڭلىق يۇقۇملىنىشلار.
10)   تۇغما ئامىللار: بەزى تىرە كىسەللىكلىرى تۇغما پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن:خال، مەڭ.

تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بولومى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282