busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 13 دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 43647 قىتىم كۆرۈلدى
ئاشقازان ياللۇغى
   ئاشقازان ياللۇغى- غىدىقلىنىش ۋە زەخمىلىنىشتىن كىلىپ چىقىدىغان، كىلىنىكىدا دائىم ئاشقازان سۇيۇقلىقى مىقدارى ئۆزگىرىش، ئېشتىھاسى تۆۋەنلەش، يۇقىرى قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىپ ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان سوزۇلما خاراكتىرلىك كىسەللىك بولۇپ، تېبابىتىمىزدە ئاشقازان ياللۇغى دېيلىدۇ.
1-رېتسىپ:
سەندەل، تۆگە تاپىنى ئۇنى، تاجىگۇل قاتارلىقلارنى سوقۇپ، قايناق سۇدا يۇغۇرۇپ، سېرتتىن چىپىشقا بىرىلىدۇ.
2-رېتسىپ:
كۆك يانتاق چىچىكىدىن بىر ئوچۇم ئىلىپ، چايلىق سوقۇپ ئىچىشكە بولىدۇ.
3-رېتسىپ:
ئىككى تارغاق سۆڭەك ئوتتۇرىسىغا لوڭقا قويۇشقا بولىدۇ.
4-رېتسىپ:
ئارپابادىيان بىر چىمدىم، لاچىندانە بىر چىمدىم، قارا چاي بىر چىمدىم، بۇلارنى سوقۇپ، چايلىق قىلىپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
5-رېتسىپ:
100 دانە ياڭاق مېغىزىنى قورۇپ پىشۇرۇپ، سوقۇپ، بىر پىيالە ئاق شېكەر، بىر قوشۇق ھەسەل سۈيىنى كۆيدۈرۈلگەن چىلاننىڭ ئەتلىك قىسمى بىلەن بىللە ئېزىپ، خېمىر ھالەتكە كەلتۈررۈپ يېيشكە بولىدۇ.
6-رېتسىپ:
خىيارشەنبەر، قۇرىتىلغان ئېتئۈزۈمى، تەمرى ھىندى، قىزىل گۈل قاتارلىقلارنىڭ قايننىتىلمىسىغا قوشۇپ بىرىلسە، ياللۇغنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدېنى ئالىدۇ.
7-رېتسىپ:
ئۈزۈم دەرىخى شىخنىڭ كۆيدۈرۈلگەن گۈلى، ئىزخىر، سۇمبۇل قاتارلىقلارنى سىركىدە يۇغۇرۇپ، ئاشقازان ساھاسىگە تىڭىلىدۇ.
8-رېتسىپ:
زۇفا قاينىتىلمىسىغا خىيارشەنبەر ئېتىنى قوشۇپ ئېچكۈزىلسە، ئاشقازاننى بوشىتىدۇ.
9-رېتسىپ:
ئەنجۈر سۈيىگە خىيارشەنبەرنى قوشۇپ ئۈچ كۈن ئېستىمال قىلسا، ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
10-رېتسىپ:
بىھى شەربىتى ياساپ ئېستىمال قىلسا ئۈنۈمى ياخشى.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282