busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 13 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 55260 قىتىم كۆرۈلدى
بەدەن تەرلەش ۋە بەدەندىكى غەيرى پۇراقنى داۋالاش
سەۋەبى : خىلىتلار سېسىغانلىقتىن ، تېرىنىڭ تەرىپىگە ھەرىكەت قىلغانلىقتىن بولىدۇ . بولۇپمۇ جىددىي ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ تەرلىگەندە خىلىتلارنىڭ بۇيى زىيادە بولىدۇ .
يەنە جىنسىي ھەركەتتىن كىيىن يۇيۇنۇشنى كېچىكتۈرۈش ، بىلخاسىيەت مۇخالىپ ۋە تىز ماددىنى بەدەننىڭ سىرتقى تەرىپىگە ھەركەتلىنىدىغان نەرسىنى يېيىش مەسىلەن :ھىڭ ، ھۆلبە ، سامساق ، ھىڭ ئۆسۈملۈكىنىڭ يىلتىزى ۋە يۇپۇرمىقى ۋە شۇلارغا ئوخشاشلارنى يېيىش ، مەزكۇر كىسەللىككە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەردىندۇر . مەزكۇر كىسەللىك يۇشۇرۇن تۇرىدىغان جايلار مەسىلەن : قولتۇق ، يوتىنىڭ يىرىقى ، ئىككى تاشاقنىڭ ئاستى ۋە شۇلارغا ئوخشاش جايلاردا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ . بەزىدە تامام بەدەندىن سېسىق بۇي كېلىدۇ . ئارقا تەرەت ، سۈيدۈك ، تەرلەرنىڭ سېسىق بولۇشى ھەم خىلىتلار سېسىغانلىقتىن بولىدۇ .
داۋالاش :سۈرگە ئارقىلىق بەدەننى تازىلاش ، خىلىتلارنىڭ تىزلىكىنى پەسەيتىش ، مىزاجىنى يۆتكەش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سۇۋۇتقۇچى شەربەتلەرنى سىركەنجىۋىلنى بېرىش ، مۇناسىپ تاماقلارنى مەسىلەن : چۈجىلەر ، ئۇچار - جانىۋارلارنىڭ گۆشلىرىنى سىركە بىلەن پىشۇرۇپ يېگۈزۈش ، مەزكۇر كىسەللىككە ياردەم بولىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش كىرەك . بەدەننى تازىلىغاندىن كېيىن قىزىق سۇ بىلەن يۇيۇنۇش لازىم . ئاس، سېرىقچىچەك ، سەۋسەن يۇپۇرمىقى سەندەللەرنى ئېزىپ سۇ بىلەن ياكى گۇلاب بىلەن خېمىر قىلىپ چېپىش كىرەك .
تۆۋەندىكى دورىلارنى قولتۇق ۋە باشقا بەدبۇي بولغان جايلارغا سۈركەش مەنپەئەت قىلىدۇ . بۇنىڭ ئۇسۇلى :
مۇردارسەڭنى ئاقارتىپ ئاندىن ئۇنى گۇلابقا چىلاپ سايدە قۇرۇتۇپ ، تۇتىيا ، بىر ئاز كاپۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، گۇلابقا ياكى سۇدا ئېزىپ چېپىلىدۇ .
يەنە بىر خىلى :ئاس ، ئاق سەندەل ، پورتىخال پوستى ، مەرزەنجۈش ، قارا رەيھان ، ئۆشنە ، قىزىلگۈل ، سۇمبۇل ،زەمچىلەرنىڭ ھەممىسىنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ، يۇمشاق سوقۇپ ، تاسقاپ قولتۇققا سېپىلىدۇ ياكى داكىغا ئوخشاش بىرەر رەختكە ئېلىپ قولتۇققا تۆكۈلىدۇ . تېرىدىكى ئۇششاق تۆشۈكلەرنى قورۇغۇچى ، تېرىنى قېلىنلاشتۇرغۇچى تەرنى توسقۇچى بولغان نەرسىلەرنى سۈركەش ۋە چېپىش مەنپەئەت قىلىدۇ .
مۇردارسەڭنى سۇ بىلەن ئېزىپ چېپىش تىز تەسىر قىلىدۇ .
ئەسكەرتىش: كۆپ سېمىز بولۇش ۋە شورلۇق تەر ئارقىلىق قولتۇق ، يىرىق ، قۇلاقنىڭ ئارقىسى ، ئۇششاق قوللارنىڭ ئارقىسى ياكى پۇتنىڭ ئاستى ، ئەمچەكنىڭ ئاستى قاتارلىق جايلاردا بەتبۇيلۇق پەيدا بولىدۇ .
داۋالاش : سۈرگە بېرىش ، بەدەننى ئورۇقلىتىشقا تىرىشىش ، ھەركەتلەردىن ساقلىنىش ، بولۇپمۇ ئىسسىق ھاۋادا ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنش لازىم . بەدەننى تازىلىغاندىن كېيىن مەزكۇر جايلارنى قىززىق سۇ بىلەن يۇيۇش كىرەك .شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر جايلاردىكى كىر ۋە يىغىلغان ئارتۇق ماددىلار يۇيۇلۇپ تازىلىنىدۇ . كىيىن تىرىنى چىڭىتىش ۋە قېلىنلاشتۇرۇش ، تىرىدىكى ئۇششاق تۈشۈكلەرنى بىكىتىش ئۈچۈن شۇ جايغا سۇغۇقلۇق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش لازىم . شۇنىڭ بىلەن تەرنىڭ ۋە سېسىق ماددىلارسىزىپ چىقىشى توسۇلىدۇ . بۇ جايدا تۆۋەندىكى زۈرۈرى ئەرەق (تەر ئۈچۈن سېپىلىدىغان دورا )بېرىلىدۇ .
تەركىبى : سەۋسەن يۇپۇرمىقى ، تۇتىيا ، مۇردارسەڭ ، گۈلنار ، قىزىلگۈل ، گىل ئەرمىنى ، كۆيدۈرۈلگەن خىنە (مەككە خېنىسى ) ، ئانار پوستىلىرىنى ھاجەتكە لايىق باراۋەر مىقداردا ئېلىنىدۇ، كاپۇردىن بىر ئاز مىقداردا ئېلىنىدۇ .
تەييارلىنىشى ؛ مەزكۇر دورىلارنى سىركىدە يۇمشاق ئېزىپ ۋە سالايە قىلىپ ، ئاندىن سايىدە قۇرۇتۇپ ساقلاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ .
خۇسۇسىيىتى :قولتۇق ، يوتىنىڭ يىرىقى ، قۇلاق ئارقىسى ، ئەپچەكنىڭ ئاستى قاتارلىق جايلاردىكى بەدبۇيلۇقنى دەپئى قىلىش ۋە تەرنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
تەبىئىتى : قۇرۇق سوغۇقتۇر .
ئىشلىتىلىشى : ھاجەت بولغاندا تەرگە ۋە بەدبۇي بولغان جايلارغا ئەھۋالغا قاراپ سېپىلىدۇ .
ئەگەر تەرنىڭ ۋە ماددىنىڭ تىزلىكىدىن شۇ جايدا ھارارەت پەيدا بولسا ، مەلھىمى سىركە (مەلھىمى خەل ) ، مەلھىمى سەپىتلەرنى چېپىش لازىم . ياكى ئاۋۋال شۇ جاي سىركە بىلەن يۇيۇلسا ، چاقىنىڭ پۈتۈشىگە توسالغۇ بولغان كىر ۋە ھۆللۈكلەر چىقىپ كىتىدۇ . ئاندىن كىيىن مەزكۇر مەلھەملەرنى ئىستىمال قىلسا ياخشىراق بولىدۇ .
ئەسكەرتىش :باشنىڭ تىرىسىدە بەتبۇيلۇق پەيدا بولىدۇ .بۇنىڭ سەۋەبى مىڭىدىن باشنىڭ تىرىسىگە چىققان مايلىق بۇخاراتتىن شۇ جايدا يىغىلغان ياغلىق ماددىدىن بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن كىسەللىك قېرىلار ۋە كىچىك بالىلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ . چۈنكى سېسىقلىقنىڭ ماددىسى بولغان ھۆللۈك ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىدە كۆپ بولۇپ ، سېسىقلىقنى توسىدىغان ھارارىتى تەبىئىي ئاجىز بولىدۇ .
داۋالاش :بەدەن مۇۋاپىق تازىلانغاندىن كىيىن ، سەۋسەن يۇپۇرمىقى ، مۇردارسەڭ ، تۇتىيا ، سەنۇبەر دەرىخىنىڭ پوستى ، سەرۋى دەرىخىنىڭ كۆيدۈرۈلگەن مىۋىسى دىقاقى كۇندۇر (كۇندۇرنىڭ ئۇۋاقلىرى )لارنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ ، شاراب بىلەن خېمىر قىلىپ چېپىش ، سامساق ۋە پىياز سېلىنغان تاماقلاردىن ساقلىنىش لازىم .
بارلىق بەدەننىڭ تەرلىرىنى خۇشبۇي قىلىدىغان درىلار : ئارچىنىڭ مىۋىسى ، (ئۇبھەل ) ، سەلىخە ، ئۆرۈك ، نۆشۈدۈرلەرنىڭ ھەر بىرى بۇ ھەقتە مەنپەئەتلىكتۇر بۇلارنى ئۆز مىقدارى ۋە قائىدىسى بويىچە يەيدۇ . تەرنى توختىتىش ئۈچۈن زەمچىنى سۇدا ئېرىتىپ سۈركىسە مەنپەئەت قىلىدۇ . سەۋسەن يۇپۇرمىقى ياكى يۇلغۇن يۇپۇرمىقى ياكى ئاسنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيى قاتارلىقلار ھەم شۇ تەسىرنى بېرىدۇ. قولنىڭ ئالقىنىنىڭ تەرلىشى ھەم شۇ دورىلار بىلەن ياخشى بولىدۇ .
مۇھەممەد ئەكبەرئەرزانىنىڭ << تېببىي ئەكبەر >>دىن ئېلىندى .
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282