busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 11 دىن 4 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 131565 قىتىم كۆرۈلدى
ئەرلەر جىنسى ئاجىزلىق كېسەللىكى
تونۇش:
 ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەرلەر جىنسى قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ، يات جىنىسلىقلارغا نىسبەتەن جىنسى غىدىقلىنىشنىڭ بولماسلىقى ياكى جىنسى غىدىقلىنىشى بولغاندىمۇ زەكەرنىڭ قايىم بولماسلىقى ياكى يىتەرلىك قايىم بولماسلىقى تۈپەيلىدىن نۇرمال جىنسى تۇرمۇشقا تەسىر يىتىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. قەدىمى كىتابلاردا (زەئىف باھ) دەپ ئاتىلىدۇ.
دىئاگنۇز ئاساسى:
 تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنۇز قويىلىدۇ.
جىنسى ئىنكاسى سۇسلىشىش، جىنسى غىدىقلىنىشى تۆۋەن بولۇش، زەكەر قايىم بولماسلىق ياكى يىتەرلىك قايىم بولماسلىق، جىنسى مۇناسىۋەتتىن يىتەرلىك لەززەت ئالالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
تۈرلەرگە بۆلۈنىشى:
 جىنسى ئاجىزلىق پەيدا بولۇش سەۋەبىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك 3 چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1) تۇغما كەمتۈكلىكتىن كىلىپ چىققان جىنسى ئاجىزلىق.
2) خىلىت ۋە كەيفىياتلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كىلىپ چىققان جىنسى ئاجىزلىق.
3) روھى ـ نىرۋا ئامىللىرىدىن كىلىپ چىققان جىنسى ئاجىزلىقتىن ئىبارەت.
كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى:
تۇغما كەمتۈكلىكتىن كىلپ چىققان جىنسى ئاجىزلىق بولسا: بەزى بىر قىسىم بۇۋاقلاردا تۇغۇلغاندا ئۇرۇقدان بېزى بولمايدۇ ياكى جىنسى بەزلەردىن ئۇرۇق بەزلىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرى تولۇق بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ.
خىلىت ۋە كەيفىياتلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كىلىپ چىققان جىنسى ئاجىزلىقتا بولسا قايسى خىل خىلىت ۋە كەيغىياتلارنىڭ سۇسلىشىدىن كىلىپ چىققان بولسا شۇ خىل خىلىت ۋە كەيپىياتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر بولىدۇ.
مەسىلەن: بەدەندە بەلغەم خىلىتى زىيادە بولۇش بىلەن بىرگە سوغۇقلۇق كەيفىياتنىڭ زىيادە ئارتۇقلىقىدىن كىلىپ چىققان جىنسى ئاجىزلىقتا بولسا جىنسى ئىقتىدار ئاجىزلىق ئالامەتلىرىدىن سىرت يەنە بەدەندە ئۇيقۇ كۆپ بولۇش، باش ئېغىرلىق، بوشاڭلىق، ھورۇنلۇق، ئېغىز سۇيۇقلۇقى كۆپ بولۇش، تىل ئۈستىدە ئاق گەز بولۇش، تۇمۇر تۇتۇپ تەكشۈرگەندە تومۇرى توم ئاستا سېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
روھى ـ نىرۋا ئامىلىدىن كىلىپ چىققان جىنسى ئاجىزلىقتا بولسا بىماردا پاسسىپ رۇھى ھالەت شەكىللەنگەن بولىدۇ. مەسىلەن: كۆپ غەم ـ ئەندىشە قىلىش، جىنسى مۇناسىۋەتتە تەمتىرەش، ھۇدۇقۇش، جىنسى مۇناسىۋەتكە قىزىقماسلىقتەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
دەرىجىگە ئايرىلىشى:
تۆۋەندە بىمارلار ئۆزىدىكى جىنسى ئاجىزلىقنىڭ بارـ يوقلىقىنى، ئېغىرـ يىنىكلىكىنى باھالايدىغان ئاددى بىر خىل ئۇسۇل تونۇشتۇرىلىدۇ. بۇنىڭدا 21 ـ 12 نومۇرغا ئېرىشسە يىنىك دەرىجىلىك، 11 ـ 8 نومۇرغا ئېرىشسە ئوتتۇرھال دەرىجىلىك، 7 ـ 5 نومۇرغا ئېرىشسە ئېغىر دەرىجىلىك ھېسابلىنىدۇ.
زەكەر قايىم بولىشنى 6 ئايدىن بۇيانقى ئۆتكۈزگەن جىنسى مۇناسىۋەت ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن نومۇرلارنى قويۇش ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.
 
سۇئاللار
0
1
2
3
4
5
نومۇرى
زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى ۋە ساقلىشىغا قارىتا قانچىلىك ئىشەنچىڭىز بار؟
يوق
ناھايىتى
تۆۋەن
تۆۋەن
ئوتتۇراھال
يۇقىرى
ناھايىتى
يۇقىرى
 
جىنسى غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغانىدىن كىيىن زەكەر قانچە قېتىم ياخشى قېتىپ، جىنسى يولغا كىردى؟
جىنسى پائالىيەت
يوق
 
يوق دىگۈدەك
ياكى يوق
پەقەت بىر نەچچە قېتىم
بەزىدە ياكى تەخمىنەن%50
ۋاقىتتا
كۆپ ۋاقىت
ھەر قېتىم دېگۈدەك ياكى ھەر قېتىم
 
جىنسى مۇناسىۋەتتە زەكەر جىنسى يولغا كىرگەندىن كىيىن نەچچە قېتىم قاتتىقلقنى ساقلىدى؟
جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىدۇق
يوق دىگۈدەك ياكى يوق
پەقەت بىر نەچچە قېتىم
بەزىدە     ياكى تەخمىنەن %50 ۋاقىتتا
كۆپ ۋاقىت
ھەر قېتىم دىگۈدەك ياكى ھەر قېتىم
 
جىنسى مۇناسىۋەتتە زەكەرنىڭ قاتتىقلىقىنى ساقلاشتا قانچىلىك قىيىنچىلىق بار؟
جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىدۇق
ناھايىتى
بەك قىيىن
 
قىيىن
ئازراق قىيىن
قىيىن ئەمەس
 
جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە
قانائەتلىنەمسىز؟
جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىدۇق
يوق دىگۈدەك ياكى يوق
پەقەت بىر نەچچە قېتىم
بەزىدە    ياكى
تەخمىنەن %50 ۋاقىتتا
كۆپ ۋاقىتتا
ھەر قېتىم دىگۈدەك ياكى ھەر قېتىم
 
 
داۋالاش پىرىنسىپى:
1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەلگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.
3. بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش مەقسەتتە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:
رۇھى داۋالاشتا: بىمارنى ئالدى بىلەن روھى جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىش ۋە روھى ئازادىلىكنى ھىس قىلىدۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن بىمارنى چىرايلىق، مەنزىرىلىك، ھاۋاسى ساپ، پاكىزە ئورۇنلارغا ئاپىرىپ ساياھەت قىلىدۇرۇش ۋە ئارام ئېلىشقا بۇيرۇش، بىمارغا كېسەللىكنىڭ ساقىيىش، ياخشىلنىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش، بىماردىكى ساغلام بولغان جىنسى پىسخىكا ھالىتىنى يىتىلدۈرۈش، بىمارنى نورمال جىنسى تۇرمۇش پىسخىكا بىلىملىرىگە ئىگە قىلىشى، شۇنداقلا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم.
دورا بىلەن داۋالاشتا: مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كىلپ چىققان جىنسى ئاجىزلىقنى داۋالاشتا، بۇ خىل كېسەللىك كۆپۈنچە بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ. بۇنىىڭ ئۈچۈن بەلغەم خىلىتىنى پۇشۇرۈش ئۈچۈن بەلغەمنىڭ مۇنزىچ 7 ـ5 كۈنگىچە بېرىلىدۇ.
ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يوقارقى بەلغەمنىڭ مۇسھىلى بىرىلىپ تەنقىيە قىلىنىدۇ.
ماددا تەنقىيە قلىنىپ بولغاندىن كىيىن بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش مەقسەتتە مەجۇنى سۆئلەپ. بىر كۈندە 2 قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن بىرىلىدۇ. كىيىن رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسەتتە مۇپەررىھ ئەبرىشىم، بىر كۈندە 3 قېتىم تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە 2 قېتىم تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىتىردىن، خېمىر مەرۋايىت، كۈندە 2 قېتىم، تاماقتىن كىيىن ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن، داۋائى مىشكى كۈندە 2 قېتىم تاماقتىن كىيىن ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئەھۋالغان قاراپ تاللاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كىسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يۇقىتىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يېمەك ـ ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئۇزۇقلۇق قۇۋۋىتى يوقىرى بولغان يىمەك ـ ئىچمەكلەر ئەھۋالغا قاراپ، مىزاجىغا مۇۋاپىق تاللاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.
3. ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، ئاچچىقلىنىشىتىن، غەم ـ ئەندىشە قىلىشتىن، كۆپ جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشىتىن، ھاراق ئىچىشىتىن، سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك ـ ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشىتىن، نەشىگە ئوخشاش مەس قىلغۇچى نەرسىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشىتىن، تۇتقۇچى دورىلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىشىلتىشىتىىن ساقلىنىش لازىم.
4. كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇش، روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، شەخسى تازلىققا ئەھمىيەت بېرىش، تۈ غرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلۇنۇش ئادىتىنى يىتىلىدۈرۈش، ئىككى تەرەپ بىرـ بىرىگە كۆيۈنۈش، تۈنجى قېتىملىق جىنسى مۇناسىۋەتتە ئايال تەرەپ، غەم ـ ئەندىشە قىلىشتىن خالىي بولۇش، ئاياللار كىيىم ـ كېچەك تازىلىقى ۋە جىنسى ئورۇنلارنىڭ تازلىقىغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
داۋالاش ئۈنۈمىگە باھا بىرىش :
جىنسىي ئاجىزلىق كىسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارغا يۇقارقىدەك داۋاش باسقۇچى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن (1) يىنىك تىپتىكى جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكىنى داۋالاش ۋاقتى بىرقەدەر قىسقا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بۇلۇپ داۋالنش ئۈنۇمى%70بولىدۇ .
(2).ئوتتۇرھال دەرىجىدىكى جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكىنى داۋالاش ۋاقتى بىرقەدەرئۇزۇن ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشى بۇلۇپ داۋالنش ئۈنۇمى%50بولىدۇ .
(3).ئېغىر دەرىجىدىكى جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكىنى داۋالاش ۋاقتى ئۇزۇن ئۈنۈمى نىسبەتەن تۈۋەن بۇلۇپ داۋالنش ئۈنۇمى%30بولىدۇ .
تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى
   يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت
 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282