busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 11 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 43248 قىتىم كۆرۈلدى
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى بىلەن زامانداش بولغان ھەم ئۆز- ئارا تەسىر كۆرسەتكەن دۇنيادىكى تىبابەتلەر
ھەر قانداق دۆلەت ۋە ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت،ھۈنەر سانائەتلىرى ھىچقانداق دۇنيادىكى زامانداش مىللەت ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ مەدىنىيەت تەسىرلىرىدىن خالى بولغان ئەمەس.
 بىر مەملىكەت مەدەنىيىتىڭ شەكىللىنىپ چىقىشىدا شۇ مەملىكەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر قوشقان ھەسسىسى بولغىنىدەك،بىر مىللەتنىڭ مىللى مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىپ چىقىشىدىمۇ،ئىچكى ئامىللارنىڭ رولى ئاساسى ئورۇندا بولسىمۇ، چەتتىكى ھەر خىل مىللەتلەرنىڭمۇ بەلگىلىك ھەسسىسى بۇلىدۇ.
بۈگۈنكى جۇڭگۇ مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كىلىشىدە، ئۇنىڭ بىر تەركىۋى قىسىمى بولغان جۇڭيى تىبابىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا جۇڭگۇدىكى ھەممە مىللەتنىڭ تارىخىي تۆھپىللىرى بار. شۇنىڭدەك جۇڭيى تىبابىتىنىڭ مۇھىم بىر سەپدىشى بولغان ئۇيغۇر تىبابىتىدىمۇ جۇڭگۇدىكى قىرىنداش مىللەتلەر تىبابىتىنىڭ بەلگىلىك تۆھپىسى بولغىنىدەك،دۇنيادىكى ھەر خىل تىبابەتلەرنىڭمۇ تۆھپىسى بار.
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى بىلەن زامانداش بولغان ھەم تەسىر كۆرسەتكەن دۇنيادىكى تىبابەتلەر يۇنان تىبابىتى، ئىسلام تىبابىتى، ھىندى تىبابىتى، جۇڭيى تىبابىتى، مىسىر تىبابىتى، بابىل تىبابىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
 مەملىكىتىمىز تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلنىدىغان ئەنئەنىۋى تىبابەتلەر
مەملىكىتىمىز تەرپىدىن ئىتىراپ قىلنىدىغان ئەنئەنىۋى تىبابەتلەر بولسا جۇڭيى تىبابىتى، ئۇيغۇر تىبابىتى، مۇڭغول تىبابىتى، زاڭزۇ تىبابىتى، دەيزۇ تىبابىتىدىن ئىبارەتتۇر.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282