busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 13 دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 11688 قىتىم كۆرۈلدى
سۇڭەكلىشىش خارەكتىرلىك تىز بوغۇم بوغۇم ياللۇغى
1.     تونۇش :
سۇڭەكلىشىش خاراكتېرلىك تىز بوغۇم ياللۇغى كېسەللىك سەۋەبى ئوخشاش بولمىغان لېكىن كېلىنكىلىك ئالامەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، بوغۇم كۆمۇرچىگى بۇزۇلۇش، سۇڭەك ماددىسى ئۆسۈش گەۋدىلىك بولغان ئاستا خاراكتېرلىك بوغۇم كېسەلىكىدۇر.ئۇيغۇر تىبابەت قەدىمى كىتاپلىرىدا مۇپاسىل،تىز بوغۇم ئۆسۇكچىسى دىگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتاپ كەلگەن بولۇپ كېسەلىكنىڭ پۇتكۇل جەريانى پەقەت بوغۇم كۆمۈرچىكىگىلا تەسىر كۆرسۈتۈپ قالماستىن پۇتكۇل بوغۇمغا يەنى سۇڭەككە، تارامۇشلارغا، بوغۇم خالتىسىغا، سىلىقلاشتۇرغۇچى پەردە ۋە بوغۇم ئەتىراپىدىكى مۇسكۇللارغىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ.كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا ئۇيغۇر تىبابىتى غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ ئوزۇن ۋاقىت بوغۇم يۈزىگە ئولتۇرۋېلىشىدىن ياكى غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنىڭ چۆكمە ھاسىل قىلىشىدىن بوغۇم يۈزىدە سۆڭەك ئۆسۈشنى پەيدا قىلىپ بۇ كېسەلىكنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.
بۇ خىل كېسەل ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، مەلۇم بۇلىشىچە مەملىكىتىمىزدە كىسەللىك يۈز بېرىش نىسپىتى% 8.3كە يەتكەن. ئاياللاردا كۆپ بۇلۇپ%74نى ئىگەللەيدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا 40ياشلىقلارد%10-%17نى 60ياشتىن يۇقىرلاردا%50نى 75ياشتىن يوقۇرلاردا%80نى ئىگەللەيدۇ. مەزكۇر كىسەل بىلەن مېيىپلىنىش نىسپىتى %53كە يېتىدۇ.
2.    ئۇيغۇر تىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:
1)     كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن :
كىسەل ياشانغانلار ۋە زەخمىلنىش تارىخى بارلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ، قۇۋەتلەر تەڭپۇڭسىزلىغىدىن سۆڭەككە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ،يېشى، بەدەن ھالىتى، كەسپى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
كىسەلنىڭ تەرەققىياتى ئاستا ،خىلىت (مىزاج)غا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەردىن سىرت ئومۇمى بەدەنلىك ئالامەتلىرى ئاز بولۇپ كىسەللىك ئالامىتى ئاساسەن كىسەللەنگەن تىز بوغۇمدا بۇلىدۇ.
2)    تىپىك كىلنىك ئالامىتىگە ئاساسەن:
بوغۇم ئاغرىش، قېتىۋىلىش ،ھەركىتى چەكلىمىگە ئۇچراش ، ھەركەتلەندۇرگەندە سۇڭەك سۇركىلىش ئاۋازى(سېزىمى)بولۇش ، بوغۇمغا سۇيۇقلۇق يىغىلىش، غەيرىلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. 
قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :
رىنتىگىنلىق رەسىمدىكى ئىپادىسى: بوغۇم ئارلىقى تەرتىپسىز تارىيىش، كۆمۇرچەك ئاستىدىكى سۆڭەك قاتتىقلىشىش ۋە خالتىلىق ئۆزگۇرۇش ، بوغۇم ئەتراپىدىكى سۆڭەك ماددىسى ئۆسۇش ۋە سۆڭەك قىرى شەكىللىنىش، ئەركىن تەنچە پەيدا بۇلۇش ، بوغۇمنىڭ شەكلى ئۆزگۇرۇش ، يېرىم چىقىق شەكىللىنىش قاتارلىقلار.
3.     دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش:
1)     موزا تەملىك بەلغەم بەلغەم خىلىتى  تەسىرىدىن كىلىپ چىققان سۇڭەكلىشىش خاراكتېرلىك تىز بوغۇم بوغۇم ياللۇغى
2)    گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان سۇڭەكلىشىش خاراكتېرلىك تىز بوغۇم بوغۇم ياللۇغى
3)     غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان تىز بوغۇم سۇڭەكلىشىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى
4.    كېلىنكىلىك تىپقا ئايرىلىشى:
خاس مەنبەلىك ۋە شىرىك مەنبەلىك دەپ ئىككى تىپقا بۆلۈنىدۇ. خاس مەنبەلىك تىز بوغۇم سۇڭەكلىشىش بوغۇم ياللۇغى ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچۇرايدۇ، سەۋەبى ئېنىق ئەمەس،مىزاج ۋە خىلىت، ئېرىسىيەت، بەدەن سۈپىتى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.شىرىك مەنبەلىك تىز بوغۇم سۇڭەكلىشىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى ياشلاردىمۇ يۇز بېرىدۇ.زەخمە، ياللۇغ، بوغۇم تۇراقسىزلىقى، سۇزۇلما تەكىرار يىغىلىش خاراكتېرلىك چارچاپ زەخمىلىنىش ياكى توغۇلما بوغۇم كېسەلكى قاتارلىق ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ.
5. داۋالاش:
داۋالاش پىرىنسىپى :
(1)   مىزاجنى تەڭشەش ، كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش- تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە مۇنزىچ- مۇسھىلى بىرىلىدۇ.
(2)بۇغۇمدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشنى ياخشىلاش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچى -سىرتىدىن دورا بىرىلىش بىلەن بىرگە ئاشقازان خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(3)  سىرتىدىن ماس كىلىدىغان فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
(4) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى قىززىتىش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(5) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .
1- مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان سوڭەكلىشىش خاراكتىلرىك تىز بوغۇم ياللۇغى
1)    دىئالىكتىك ئانالىز :
  مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى بۇلسا تەبئى بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە كۇيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن شەككىللەنگەن بۇلۇپ قىيامى قۇيۇق ،قىرىق تەمگە كىرىپ قالىدۇ ،بۇخىل غەيرى تەبىئى بەلغىمى سەۋدا خىلىتى قىيامى قۇيۇق بۇلغاچقا ئاسان چۇكمىگە چۇشۇپ تۇز بۇغۇم ساھەسىگە تەسىر قىلىپ ئۇمۇرتقا سۇڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ ، بۈ خىل قۇيۇق خىلىت ئۈزىنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش تەسىرى بىلەن بۇغۇم بوشلۇقىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، بىرىكتۈرگۈچى  پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ يەرلىك ئوروننىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرتىپ تىز بۇغۇمىدا سۇڭىكىنىڭ بىنۇرمالسىز ئۇسۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ
2)   ئالامىتى :  
بەدەندە بەلغەم خىلىتىغا سەۋدا خىلىتى ئارلاشقاننىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ بەدەن تىرىلىرى قولغا سۇغۇق بىلىنىدۇ، ئۇيقۇسى كۆپرەك، چۇش كۆپ بولىدۇ، بىمار سىمىزرەك كېلىدۇ، كۇز ئىقى كۆكۇش ئاق، تېلىدا ئاقۇش كۆك گەز بۇلىدۇ، تۇمۇرى تۇم ،ئاستا، سوغۇق، ئاجىز، بوش، لەيلىمە سالىدۇ، ئىغىز تەمى تەمسىز ياكى قىرتاق بۇلىدۇ، سۈيدۇكى ئاقۇش كېلىدۇ، ئسسىققا يولۇقسا راھەت ھىس قىلىدۇ، كۆپۈنچە سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ .بىمار خىيالچان بولىدۇ، ھەر دائىم ئۆزدىكى كېسىەللىكتىن غەم قىلىدۇ.تىز بوغۇم چوڭقۇر قىسىمى ئاغىرىش گەۋدىلىك بولۇپ ئسسىققا يولۇقسا راھەت ھىس قىلىدۇ، كۆپۈنچە ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن قوزغۇلىدۇ.
3)    داۋالاش ئۇسۇلى:
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 10-15 كۇن بىرىلىدۇ .
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى:تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4-6 كۇن بىرىلىدۇ .
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە : مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ .
بۇزۇق ماددىلارنى ، يەللەرنى تارقىتىش ، سوڭەك ئوسوشنى كونتىرول قىلىش ۋە ياخشىلاش مەخسەتتە مەخسۇس ھەببى سەكبۇنەچ ، ھەببى بەريۇما تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
قۇرسى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، ئەرقى بەدىيان ، ئەرقى شوخلا، ئەرقى چوبىچىن ، ھەببى ماتىدىل ھايات ، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر، قۇرسى كۇرسىنگى ،قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن،قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت، ئەبرىشىم دانچىسى.
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن15-25 كۇن  تاللاپ بىرىلىدۇ .
نارپىننە ئىچىملىكى، قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، پىننە گۇلقەنىتى،قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى ، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى .
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە:مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل ساددە مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى داۋائىل مىشكى، ئۇستىخۇدۇس ئىچىملىكى،ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،سۇنبۇل شەربىتى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى، قۇرسى نۇجاھ .
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3  قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلە غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتالىقلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن، زىيادە ھېرىپ-چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن،زۇكامداپ قېلشىتىن، زىيادە قۇرۇق سۇغۇق مۇھىيتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، ياشاش مۇھىيىتى ۋە خىزمەت مۇھىيىتىنى تەڭشەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىشقا دىققەت قىلىش.
2- گەجسىمان بەلغەم خىلتىدىن كىلىپ چىققان سوڭەكلىشىش خاراكتىرلىك تىز بوغۇم ياللۇغى
1)    دىئالىكتىك ئانالىزى:
گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بۇلسا تەبئى بەلغەم خىلىتىگە يۇقۇرى ھارارەتتىكى ئىسسقلىق تەسىرقىلىشى بىلەن بەلغەم خىلىتى قىيامى قۇيۇلۇپ ،سۇيۇق ،ئىقىشچان  خۇسۇسىيىتى  يۇقۇلۇپ چۇكمىگە چۇشۇشىنى كۇرسىتىدۇ ، بۇخىل غەيرى تەبىئى بەلغىمى سەۋدا خىلىتى قىيامى قۇيۇق بۇلغاچقا ئاسان چۇكمىگە چۇشۇپ بۇيۇن ئۇمۇرتقا ساھەسىگە تەسىر قىلىپ ئۇمۇرتقا سۇڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ ، بۈ خىل قۇيۇق خىلىت ئۈزىنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش تەسىرى بىلەن بۇغۇم بوشلۇقىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ يەرلىك ئوروننىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرتىپ بۇيۇن ئۇمۇرتقا سۇڭىكىنىڭ بىنۇرمالسىز ئۇسۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ
2)   ئالامىتى :
بەلغەم خىلىتىغا ئۆتكۈر ھارارەت تەسىر قىلغانلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ يەرلىك ئۇرۇن ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ ، بەدەن تېرىلىرى قولغا ئىسسىقراق بىلىنىدۇ، كۆز ئېقى ساغۇچ ئاق ياكى كۆكۈش ، تېلىدا ئاق ساغۇچ گەز ياكى كۆكۈش گەز بولىدۇ ، سۈيدۈكى ساغۇچ دۇغ ھالەتتە كېلىدۇ ، ئېغىز تەمى ئاچچىق بىلىنىدۇ ، تومۇرى ئاستا، لەيلىمە، قاتتىق، چۆڭقۇر سالىدۇ ، ئسسىققا يولۇقسا ئاغرىق كۇچەيگەندەك ھىس قىلىدۇ ، كۆپۈنچە زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك ، غىدىقلىغۇچى يىمەك- ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ تىز بۇغۇم قىسمى قاتتىق ئاغرىش، ھەركىتى چەكلىمىگە ئۈچراش، كېسەللىك جەريانى جىددى، گەۋدىلىك بولۇش بىلەن ئىچىشىپ ئاغىرىش ،تۇۋەنكى مۇچە ئىچىشىپ ئاغىرىش ،سىزىمى تۇۋەنلەش .
3)     داۋالاش ئۇسۇلى:
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 10-20 كۇن بىرىلىدۇ .
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى:تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى4-8 كۇن بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ.
بۇزۇق ماددىلارنى ، يەللەرنى تارقىتىش ، سوڭەك ئوسوشنى كونتىرول قىلىش ۋە ياخشىلاش مەخسەتتە مەخسۇس ھەببى سەكبۇنەچ ، ھەببى بەريۇما تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
قۇرسى سۆرۈنجان، قۇرسى يەھيا ، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن ،قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى شوخلا، ئەرقى چوبىچىن، ھەببى ماتىدىل ھايات،قۇرسى كۇرسىنگى، قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت، ئەبرىشىم دانچىسى.
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، نارپىننە ئىچىملىكى، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، پىننە گۇلقەنىتى،قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى.
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
مىڭىگە ھوللوك يەتكۇزۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش مەخسەتتە : ئۇيقۇ تالقىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ شەربىتى تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى داۋائىل مىشكى، ئۇستىخۇدۇس ئىچىملىكى،ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،سۇنبۇل شەربىتى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى، قۇرسى نۇجاھ .
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3  قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4)   پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلە غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتالىقلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن ، زىيادە ھېرىپ-چارچاشىتىن ، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن،زۇكامداپ قېلشىتىن، زىيادە قۇرۇق سۇغۇق مۇھىيتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، ياشاش مۇھىيىتى ۋە خىزمەت مۇھىيىتىنى تەڭشەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىشقا دىققەت قىلىش.
3- غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان سوڭەكلىشىش خاراكتىرلىك تىز بوغۇم ياللۇغى
1)    دىئالىكتىك ئانالىز :
 غەيرى تەبئى سەۋدا خلىتى تىز بۇغۇم ۋە سۆڭەك ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارغا تەسىر قىلىپ چۆكمىگە چۇشۇپ، يەرلىك ئۇرۇننڭ ماددا ئالمىشىشىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچۇرتۇپ، قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بولۇپمۇ ئۆزگەرتكۇچى ۋە شەكىللەندۇرگۇچى قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تىز بۇغۇم سۆڭەك توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيشىدە نورمالسىزلىق يۈز بىرىپ سۇڭەك ئۇسۇش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
2)   ئالامىتى :
تىز بۇغۇمى ئاغرىش، ھەركىتى چەكلىمىگە ئۈچراش قاتارلىق ئورتاق ئالامەتلەردىن سىرت سەۋدا غالىپلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، بەدەن تېرىسى قولغا قورغاق، سوغۇق بىلىندۇ. چىرايى نۇرسىز، قاپاقلىرى تۈرۈلگەن، ھارارىتى تۆۋەن، تېرىلىرى قۇرغاق، يىرىك، ئېغىز تەمى بەدتەم، ئاچچىق بولىدۇ. ئۇيغۇسى ئاز، ئۇخلىغاندا جۆيلىيدۇ. تىل ئۇستىدە كۆكۈش ياكى قارامتۇل گەز باغلىغان بولىدۇ. تومۇرى ئىنچىكە، ئاستا، قاتتىق، ئۇزۇن، يۈزەكى سالىدۇ. سۈيدۈكى ئاقۇشقا مايىل دۇغ ھالەتتە كىلىدۇ. ئاغرىش يەڭگىل، سوزۇلما بولىدۇ، تېرىسى قارامتۇل، بىماردا كۆپۈنچە خىيالچانلىق، كېسىلىدىن غەم- ئەندىشە قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، نەم، ئىسسىققا يولۇققاندا راھەت ھىس قىلىدۇ، تىز بۇغۇم ساھەسىدە قىتىۋىلىش ئەھۋاللىرى كۆپرەك ئۈچرايدۇ. كۆپۈنچە زىيادە قۇرۇق - سوغۇق تەبىئەتلىك، غىدىقلىغۇچى يىمەك  - ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ .ئەتتىگەندە ئۇرنىدىن تۇرغاندا تىز بۇغۇم ساھەسى قىتىۋىلىش ، تۇۋەنكى مۇچە ھەركىتى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىراش ،ھەركەت دائىرسى تۇۋەنلەش ، ئۇيقۇسى  يۇق  بۇلۇش ،  خىيال قىلىشى كۇچۇيۇپ كىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۇرۇلىدۇ .
3)    داۋالاش ئۇسۇلى:
مۇنزىچ مۇسھىل بىلەن داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
دەسلەپتە غەيرى تەبىي سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى:تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ غەيرى تەبىي سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4-8 كۇن بىرىلىدۇ .
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان سەۋدائى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە : مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ.
بۇزۇق ماددىلارنى ، يەللەرنى تارقىتىش ، سوڭەك ئوسوشنى كونتىرول قىلىش ۋە ياخشىلاش مەخسەتتە مەخسۇس ھەببى سەكبۇنەچ ، ھەببى بەريۇما تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
قۇرسى سۆرۈنجان، ھەببى سۆرۈنجان، قۇرسى يەھيا ، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر، قۇرسى كۇرسىنگى، قۇرسى مەنتىن ، ھەببى لوبوبى كەبىر،قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن ، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى شوخلا، ئەرقى چوبىچىن، ئەبرىشىم دانچىسى ،قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت.
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر،قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش ئامىلە، پىننە گۇلقەنىتى، نارپىننە ئىچىملىكى ،قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى،قۇرسى ئامىلە نۇشدارى .
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
مىڭىگە ھوللوك يەتكۇزۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش مەخسەتتە : ئۇيقۇ تالقىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، ئارتۇقچە ھوللوكنى ھەيدەش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە:مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل ساددە مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە:  تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ.
قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى،قۇرسى داۋائىل مىشكى، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى، سۇنبۇل شەربىتى، قۇرسى نۇجاھ .
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3  قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4)   پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلە غىدىقلىغۇچى  يىمەكلىكلەر لازا -  ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتالىقلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن ، زىيادە ھېرىپ - چارچاشىتىن ، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن ، زۇكامداپ قېلشىتىن، زىيادە قۇرۇق سۇغۇق مۇھىيتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، ياشاش مۇھىيىتى ۋە خىزمەت مۇھىيىتىنى تەڭشەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىشقا دىققەت قىلىش.
تەييارلىغۇچى : سوڭەك - بۆغۈم كىسەللىك بۆلۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282