busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 17 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7425 قىتىم كۆرۈلدى
مۇفاسىل
1.      تونۇش :
مۇفاسىل كىسەللىكى ھەر خىل سەۋەبلەردىن چوڭ بۇغۇملارنى ئوراپ تۇرغۇچى پەي تارىمۇشلار ۋە بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار ياللۇغلىنىپ كىلنىكىدا چوڭ بۇغۇملار ئاغرىش، ئىشىش، قىززىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش ، قىتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت.
كىسەللىك سەۋەبىگە قارتا ئۇيغۇر تىبابىتى خىلىتىلارنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشى بولوپمۇ غەيرى تەبىي بەلغەم ، سەۋداۋە سەپرا خىلىتىنىڭ يەككە ياكى مورەككەپ ئوزگىرىشى تەسىرىدىن بۇ كىسەللىكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ .
2.    دىئاگىنۇز ئولچىمى :
 ئۇيغۇرتىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:
1)    كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن :
ئاساسەن نەم، سۇغۇق مۇھىيىتتا كۆپ تۇرغان، ياشىغان ، زەخمىلىنىش تارىخى بار ، ھول – سوغوق يىمەك – ئىچمەكلەرگە ئامراق ھەمدە يىمەك – ئىچمەك جەھەتتە تەرتىپسىز غىزالىنىش ئادىتى بار ۋە تۇغما ئىممۇنىت كۇچى توۋەن ياكى ئومومى بەدەن خىزمىتى ياخشى بولمىغان كىشىلەردە كۆپ يۈز بىرىدۇ.
2)   تىپىك كىلنىك ئالامىتىگە ئاساسەن:
ئوتكور بوغوم ياللۇغىنىڭ كىسەللىك تەرەققىياتى تىز ھەمدە ئوتكۇر بولىدۇ ، تىپىك كىلنىك ئالامىتىدىن كىسەللەنگەن بوغوملار كۇچلۇك ئاغرىش ، قىززىش ، ھەركەت قىلىشقا جۇرئەت قىلالماسلىقتىن سىرىت ئومومى بەدەن قىززىش ، ئۇسساش ، يۇرەك ھەركىتى تىزلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، ھاسىرش ، ئۇيقۇسىزلىق ، ئىشتىھاسى ئازىيىش ،كىچىك تەرەت نىسپەتەن ئاز ، رەڭگى سىرىق كىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ ، ۋاختىدا داۋالىنىش ئىلىپ بارماسلىق ياكى خاتا داۋالىنىش سەۋەبىدىن تىزلا سوزولما ھالەتكە ئوتوپ كىتىدۇ . سوزولما ھالەتتىكى تىپىك كىلنىك ئالامەتلىرىدىن  چوڭ بۇغۇملار ئاغرىش، ئىشىش، قىززىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش ، قىتىشىش ، ھەركەت چەكلىمىگە ئۇچراش بولىدۇ ، ئومومى بەدەن ئالامىتى ئادەتتە كورونەرلىك بولمايدۇ ، قوزغاتقۇچى ئامىللار يەنىي ، يەللىك غىزالار ، سوغوق ئوتكوزۋىلىش ، كۇچەپ ھەركەت قىلىش ، زۇكامداش ۋە باشقا قوزغاتقۇسى ئامىللار تەسىر قىلغاندا تىپىك كىلنىك ئالامەتلىرى كورونەرلىك ئىغىرلاشقاندىن سىرىت ئومومى بەدەن ئالامەتلرىىدىن قىززىش ، يۇرەك ھەركىتى تىزلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، ھاسىراش ، ئىشتىھاسى ئازىيىش ، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ قوشولوپ كىلىدۇ .
3)    قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :
WBC , C-RP, ESR, ASO دا كورونەرلىك ياكى يەڭگىل دەرىجىدە ئوزگىرىش بولوش ۋە ياكى بولماسلىق ئەھۋالىغا ھەمدە سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرش رەسىم ئىپادىسىدىن بوغوم ئارلىقى تارىيىش ، خالتىلىق ئوزگىرىش بولوش ، بوغومغا سۇيۇقلۇق يىغىلىش ياكى نورمال بولوش ئەھۋالىغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قويولىدۇ .
3.    خاراكتىرىگە ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىش
كىسەللىك  خاراكتىرىگە ئاساسەن ئوتكور ۋە سوزولما دەپ ئىككىگە بولىنىدۇ .
ئوتكۇر مۇفاسىل : غەيرى تەبىي قان ۋە سەپرا خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىقىدۇ.
سوزولما مۇفاسىل : غەيرى تەبىي بەلغەم ، سەۋدا خىلىتى تەسردىن كىلىپ چىقىدۇ .
4.    دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش :
1)     قان خىلىتىنىڭ ئوفىنەتلىنىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.
2)    شورلۇق بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.
3)     تەمسىز بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.
4)    موزا تەملىك خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.
5)     گەجسىمان بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.
6)    تۇخۇم سېرىق رەڭلىك سەپرا خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.
7)     غەيرى تەبىئى سەۋدا خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.
8)     زەخمىلىنىش تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.
5.    كىلىنكىلىق تىپقا ئايرىش :
خاس مەنبەلىك ۋە شىرىك مەنبەلىك دەپ ئىككى تىپقا بۆلۈنىدۇ. خاس مەنبەلىك مۇفاسىل خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشى تەسىردىن كىلىپ چىقىدۇ ، كوپونچە ئوتتىرا ياش ۋە ياشانغانلاردا ، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كوپرەك كورىلىدۇ . شىركى مەنبەلىك مۇفاسىل ياشلاردىمۇ يۇز بېرىدۇ. زەخمە، باشقا ئورونلاردىكى ياللۇغ، بوغۇم تۇراقسىزلىقى، سۇزۇلما تەكىرار يىغىلىش خاراكتېرلىك چارچاپ زەخمىلىنىش ياكى توغۇلما بوغۇم كېسەللىكى قاتارلىق ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ.
6. داۋالاش پىرىنسىپى :
ئوتكور مۇفاسىلنىڭ داۋالاش پىرىنسىپى :
(1) مىزاجنى تەڭشەش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، قىززىتما پەسەيتىش ، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(2) ماس كەلگەن فىزىكىلىق داۋالاشلار تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
(3) ھەزىمنى كۇچەيتىش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(4) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .
سوزولما مۇفاسىلنىڭ داۋالاش پىرىنىسپى:
(1) مىزاجنى تەڭشەش ، كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش- تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە مۇنزىچ- مۇسھىلى بىرىلىدۇ.
(2) بۇغۇمدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشنى ياخشىلاش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچى -سىرتىدىن دورا بىرىلىش بىلەن بىرگەئاشقازان خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(3) سىرتىدىن ماس كىلىدىغان فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
(4) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى قىززىتىش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(5) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .
1- قان خىلىتىنىڭ ئوفىنەتلىنىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.
1)    دىئالىكتىك ئانالىزى :
قان خېلىتىنىڭ ئۇفىنەتلىنىشى ئاساسلىقى قان خېلىتىغا كىسەل پەيدا قىلغۇچى مىكرو-جاراسىملارنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان ئۆتكۈر غىدىقلاش، ئۇفىنەتلەندۈرۈش تەسىرىگە ئىگە غەيرى تەبىئى خىلىت بۇلۇپ، بۇغەيرى تەبىئى قان خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق بۇغۇم بوشلۇقىغا تەسىر قىلىپ، بۇغۇمنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردىلىرى ۋە ئەتراپ تۇقۇلمىلارنى ئۈزنىڭ زىيادە غىدىقلاش، ئۈفىنەتلەندۈرۈش تەسىرى بىلەن غىدىقلاپ ياللۇغ پەيدا قىلىپ بۇخىل كىسەللىك ئۆزگۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2)   ئالامىتى:
تومۇرى توم، تىز، يۈزە سالىدۇ.كوز ئىقى قىزغۇچ، تىل ئۈستىدە قىزغۇچ گەز بۇلىدۇ، تىرىسى قولغا قىززىق بىلىنىدۇ، كىچىك تەرىتى سېرىققا مائىل بۇلۇپ بىمارغا قىزىق بىلىنىدۇ، بۇغۇملار قىززىپ،لۇقۇلداپ، چىڭقىلىپ ئاغىرىيدۇ، ئىششىيدۇ، يەرلىك ئۇرۇن بۇغۇملىرىنى تۇتقۇندا قولغا قىززىق بىلىنىدۇ، ئۇمۇمى بەدەنلىك ئالامەتلەردىن تۇڭۇپ تىتىرەيدۇ، ئارقىدىن قىززىيدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق كۆپ بۇلىدۇ، سۇغۇق نەرسىلەردىن راھەتلىك ھىس قىلىدۇ، ئىسسىق نەرسىلەردىن بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ.
3)    داۋالاش ئۇسۇلى:
قاننىڭ ئوتكورلىكىنى پەسەيتىش ، قىززىتما چۇشۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەخستىدە شەربەت تەرييارلاپ بىرىلىدۇ .
يۇقارقى شەربەتنىڭ تەسىرىنى تىخىمۇ كۇچەيتىپ قاننىڭ ئوتكورلوكىنى پەسەيتىپ ،ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش مەخسەتتە شەربەت تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ماددىلارنى تارقىتىش مەخسەتتە توۋەنكى شەربەت تەييارلاپ بىرىلىدۇ ياكى مەخسۇس مەتبۇخ ھەلىيلە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
توسالغۇلارنى ئىچىش ، ئوتكورلوكنى پەسەيتىش مەخسەتتە مەخسۇس مائۇل ئۇسۇل بارىد تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
قاننىڭ ئوتكورلىكىنى پەسەيتىش ، قىززىتما چۇشۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەخستىدە توۋەندىكى ياللۇغ قايتۇرۇش زىمادى يەرلىك ئورونغا تىڭىلىدۇ ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان بارىد ۋە  ياللۇغ قايتۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ، ياخشىلاش ۋە يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەخسەتتە: توۋەندىكى پىششىق دورىلار بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ 15-25 كۇن تاللاپ بىرلىدۇ.  

 ئەرقى كاسىنە ،  ئەرقى چۆبىچىن ،ئەرقى سەندەل ،ئەرقى شوخلا ، ئۆشبە شەربىتى،قۇرسى ئىتتىرفل چوبىچىن، قۇسى بىنەپشە ، قۇرسى ئۆشبە ،مۇنزىچ دانچىسى ، كاشكاپ دانچىسى، قۇرسى سۆرۈنجان، قۇرسى يەھيا ، قۇرسى كۇرسىنگى ، قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن،قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن ،قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت ، ئەبرىشىم دانچىسى .

 ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، قۇرسى جاۋرىش ئامىلە ،قۇرسى ئامىلە نۇشدارى، نارپىننە ئىچىملىكى.

 ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: توۋەندىكى شەربەتلەر مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
مائۇل ئۇسۇل ساددە  ۋە مائۇل ئۇسۇل مورەككەپ شەربىتى تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

 قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە:  تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى داۋائىل مىشكى، قۇرسى ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس ، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى،قۇرسى نۇجاھ .

 يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن  ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .

مەجۇنى ئەفئى كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يەللىك يىمەكلىكلەردىن كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا ، لازا- ئاچچىقسۇ....
ھەرخىل  سۇغۇق ئىچىملىكلەر ، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، ۋاقتى ئۈتۈپ كەتكەن يىمەك - ئىچمەكتىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەردىن باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتاتلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
زىيادە ھېرىپ - چارچاشىتىن، ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن ، زۇكامداشىتىن ، زەخمىلنىشتىن ، زەخمىلەنگەن ئۇرۇننىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كىرەك .
2- شورلۇق بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.
1)    دىئالىكتىك ئانالىزى :

 ئەسلى مىزاجى بەلغەم بولغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت ئوتكور ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەك –ئىچمەكلەرنى زىيادە كوپ ئسىتىمال قىلىش ، ئاپتاپتا قىلىش ، ئىسسىق ئوتكوزۋىلىش قاتارلىقلار تەسىرىدىن بۇخىل غەيرى تەبىي خىلىت پەيدا بولوشقا سەۋەپ بولىدۇ .

شورلۇق بەلغەم خىلىتى بەلغەم خىلىتىغا يۇقىرى ھارارەتتىكى سەپىرا خىلىتىنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ، تەبىئەت جەھەتتىىن قۇرۇق ئىسسققا مائىل، زىيادە غىدىقلاش، ئۇفىنەتلەندۈرۈش تەسىرى بار، بۇ تۇزلۇق بەلغەم خىلىتى ئۈزىنىڭ زىيادە غىدىقلاش، ئۇفىنەتلەندۈرۈش تەسىرى بىلەن قان ئايلىنىش ئارقىلىق چوڭ بوغوملارغا تەسىر قىلىپ بۇغۇملاردىكى بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ، ياللۇغ پەيدا قىلىپ يەرلىك ئوروندا بۇخىل كىسەللىك ئۆزگۈرىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

 2)   ئالامىتى:

  تومۇرى ئىنچىكە، تىز، يۈزە سالىدۇ. كوز ئىقى قىزغۇچ، تىل ئۈستىدە سارغۇچ گەز بۇلىدۇ، تىرىسى قولغا قىززىق بىلىنىدۇ، كىچىك تەرىتى سېرىققا مائىل كىلىدۇ. بۇغۇملار قىززىپ، ئېچىشىپ ئاغىرىيدۇ، ئىششىيدۇ، يەرلىك ئۇرۇن بۇغۇملىرىنى تۇتقۇندا قولغا قىززىق بىلىنىدۇ، بۇغۇملار ئاغىرىقىدىن گاھىدا مىدىرلاتقىلى بولمايدۇ، ئۈزىگە خاس يەنە بىر ئالامىتى:بۇغۇملارنىڭ ئاغىرقىنىڭ بۇغۇمدىن بۇغۇملارغا كۈچىشى، يۆتكىلىشىدۇر، ئۇمۇمى بەدەنلىك ئالامەتلەردىن تۇڭۇپ تىتىرەيدۇ، ئارقىدىن قىززىيدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق كۆپ بۇلىدۇ، ئاغىرىق دەستىدىن بۇغۇملارنى مىدىرلاتقىلى، ھەتتا تۇتقىلى بولمايدۇ.سۇغۇق نەرسىلەردىن راھەتلىك ھىس قىلىدۇ.

 3)    داۋالاش ئۇسۇلى:

مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە شورلوق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 7 - 15 كۈن ئەتراپىدا بىرىلىدۇ ،

 ماددا پىشقانلىق ئالامىتى:تۇمۇر ھەركىتى ،تىل گىزى ،چۇڭ-كىچىك تەرىتى ،ئاغىرىش ،بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشگە قاراپ شورلوق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4 - 6 كۈن ئەتراپىدا ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ.

 ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

  بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .

دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
سەپرانىڭ ئوتكورلىكىنى پەسەيتىش ، قىززىتما چۇشۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەخستىدە توۋەندىكى ياللۇغ قايتۇرۇش زىمادى يەرلىك ئورونغا تىڭىلىدۇ ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان بارىد ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىق تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ياللۇغ قايتۇرۇش ، سۇيدۇك ھەيدەش ، ئاغرى پەسەيتىش ،غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش، يۇرەكنى قوغداش مەخسەتتە: توۋەندىكى پىششىق دورىلار بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ10-30 كۈن ئەتراپىدا تاللاپ بىرىلىدۇ.

 ئەرقى بەدىيان ، ئەرقى كاسىنە،ئەرقى چۆبىچىن،ئەرقى سەندەل،ئەرقى شوخلا ،ئۆشبە شەربىتى قۇرسى ئىتتىرفل چوبىچىن  قۇسى بىنەپشەقۇرسى ئۆشبەمۇنزىچ دانچىسى ، كاشكاپ دانچىسى ، قۇرسى سۆرۈنجان، قۇرسى يەھيا ، قۇرسى كۇرسىنگى، قۇرسى مەنتىن، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر  ، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن ،قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت، ئەبرىشىم دانچىسى.

 ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ،قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى ، پىننە گۇلقەنىتى، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى،قۇرسى ئامىلە نۇشدارى، نارپىننە ئىچىملىكى.

 ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە توۋەندىكى شەربەتلەر مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى داۋائىل مىشكى، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى ،ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى، سۇنبۇل شەربىتى، قۇرسى نۇجاھ .

 يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .

مەجۇنى ئەفئى كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، سۇغۇق ئىچىملىك ، غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
 سىڭىشلىك ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەردىن باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتارلىقلار شۇنداقلا مۇئاپىق مىقداردا مىۋە – چىۋە بىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
زىيادە ھېرىپ- چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن، زۇكامداپ قېلشىتىن قەتئى ساقلىنىدۇ.  
3- تەمسىز بەلغەم خېلىتى  تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.
1)    دىئالىكتىك ئانالىزى
ئەسلى مىزاجى بەلغەم بولغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت ھول سوغوق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرنى زىيادە كوپ ئسىتىمال قىلىش ، يامغۇردا قىلىش ، كوپ سۇغا چۇشۇش ياكى سوغوق ئوتكوزۋىلىش تەسىردىن بۇخىل غەيرى تەبىي خىلىت پەيدا بولوشقا سەۋەپ بولىدۇ .
تەمسىز بەلغەم خىلىتى بەلغەم خىلىتىغا كۆپ مىقداردا سۇنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ، تەبىئەت جەھەتتىىن زىيادە سۇغۇق، بۇ تەمسىز بەلغەم خىلىتى ئۈزىنىڭ زىيادە سۇغۇقلۇق تەسىرى بىلەن قان ئايلىنىش ئارقىلىق چوڭ بوغوملارغا تەسىر قىلىپ بۇغۇملارنىڭ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ ، ھەمدە بوغوم ئارلىقلرىغا كوپلەپ سىرغىپ چىقىپ ، بوغوم ئارلىقىدىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ مىقدارىنى كوپەيتىۋىتىدۇ ،بۈ سۇيۇقلۇقلار ئۈزىنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش تەسىرى بىلەن بۇغۇم بوشلۇقىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ يەرلىك ئوروندا بۇخىل كىسەللىك ئۆزگۈرىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
2)    ئالامىتى:
تومۇرى توم، ئاستا، چوڭقۇر سالىدۇ. كوز ئىقى ئاقۇش، تىل ئۈستىدە ئاق گەز بۇلىدۇ، تىرىسى قولغا نەم ھەم سۇغۇق بىلىنىدۇ، كىچىك تەرىتى ئاققا مائىل كىلىدۇ. بۇغۇملار تۇڭۇپ، تېلىپ ئاغىرىيدۇ، يەرلىك ئۇرۇن بۇغۇملىرىنى تۇتقۇندا قولغا سۇغۇق بىلىنىدۇ، پۇت- قولار ئېغىر بۇلۇپ ئاسان قۇلىشىدۇ، ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەكلىكتىن ، ئىسسىق نەرسىلەردىن راھەتلىك ھىس قىلىدۇ.
3)    داۋالاش ئۇسۇلى :
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 10 - 15 كۈن ئەتراپىدا ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ،

 ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى:تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 3-5 كۈن ئەتراپىدا ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ.

 بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .

دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش ئۇچۇن مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش مەخسەتتە : قاننى جانلاندۇرۇش ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.

  قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن، ئەرقى چوبىچىن،ئەرقى بەدىيان،قۇرسى سۆرۈنجان، ھەببى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا ،ھەببى ماتىدىل ھايات ، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر، قۇرسى كۇرسىنگى ، قۇرسى مەنتىن، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن ، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت،ئەبرىشىم دانچىسى.

 ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن15-25 كۇن  تاللاپ بىرىلىدۇ .

 قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش جالىنۇس، پىننە گۇلقەنىتى ، قۇرسى جاۋرىش شەھرىيان ، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، نارپىننە  ئىچىملىكى ، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى.

 ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، ئارتۇقچە ھوللوكنى ھەيدەش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە:
 مائۇل ئۇسۇل ھار ۋە مائۇل ئۇسۇل مورەككەپ  مەخسۇس تەييارلاپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ تاللاپ ياكى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ .

 قاننى قىززىتىش ، ئارتۇقچە ھوللوكنى ھەيدەش ، رەئىس ئەزالارنى ، نىرۋىنى قۇۋەتلەش مەخسەتتە توۋەندىكى پىششىق دورىلار بىرلىكتە تاللاپ15-20كۇن بىرىلىدۇ .

داۋائىل مىشكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،سۇنبۇل شەربىتى، قۇرسى ئىتترفىل ئۇستىخۇددۇس،ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، قۇرسى نۇجاھ،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى.

 يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .

مەجۇنى ئەفئى كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى زەپە سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجنى زەپە كەبىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 5-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4)   پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك ، غىدىقلىغۇچى ، يەللىك غەلىز يىمەكلىكلەردىن كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا مىۋە - چىۋە، سۇغۇق ئىچىملىك ، لازا- ئاچچىقسۇ دىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەردىن  باچكا گۈشى، كوك كەپتەر گوشى سۇيى ، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتاتلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن، زىيادە ھېرىپ - چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن، زۇكامداشىتىن ، زىيادە تۇيۇنۇپ تاماق يىيىشتىن  ، كوپ جىنسى مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىدۇ.
4- موزا تەملىك خېلىتى  تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.
1)  دىئالىكتىك ئانالىزى
ئەسلى مىزاجى بەلغەم بولغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت قۇرۇق سوغوق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرنى زىيادە كوپ ئسىتىمال قىلىش ، سوغوق ئوتكوزۋىلىش قاتارلىقلار تەسىرىدىن بۇخىل غەيرى تەبىي خىلىت پەيدا بولوشقا سەۋەپ بولىدۇ .

 موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى، بەلغەم خىلىتىغا قۇيۇق سەۋدا خىلىتىنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ بىر تۈرى، تەبىئەت جەھەتتىىن قۇرۇق سۇغۇق بۇلۇپ بۇزۇق ماددىلارنىڭ چۆكمىگە چۈشۈشنى تىزلىتىش، يېپىشقاقلىقىقنى ئاشۇرۇش، ماددا ئالمىشىنى نىسپەتەن ئاستىلىتىش تەسىرىگە ئىگە، بۇ موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى ئۈزىنىڭ قۇرۇق سۇغۇقلۇق تەسىرى بىلەن قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىپ، ماددا ئالمىششنى سۇسلاشتۇرىدۇ، نەتىجىدە  چوڭ بوغوملارغا تەسىر قىلىپ بۇغۇملارنىڭ ماددا ئالمىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ، بۇغۇم سۇيۇقلۇقىنىڭ ۋاقتىدا يىڭىلىنىپ تۇرۇشىغا تەسىر قىلىپ، بۇغۇم سۇيۇقلۇقىنى قۇيالدۇرىدۇ، بۇ قۇيالغان بۇغۇم سۇيۇقلۇقى كۆپلەپ يىغىلىپ بۇغۇم بىرىكتۈرگۈچى پەردىلەرنى غىدىقلاپ، ياللۇغلاندۇرۇپ يەرلىك ئوروندا بۇخىل كىسەللىك ئۆزگۈرىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

 2) ئالامىتى:

 تومۇرى ئىنچىكە، ئاستا، چوڭقۇر سالىدۇ. كوز ئىقى كۈكۈش، تىل ئۈستىدە كۈكۈش ئاق گەز
نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى