busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 19 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 8100 قىتىم كۆرۈلدى
خەتەرلىك غەيرى تەبىئى نەپەسلىنىش
 خەتەرلىك غەيرى تەبىئى نەپەسلىنىشلەر ھامان مەلۇم كېسەللىكلەردىن دىرەك بېرىدۇ. بەزىدە مىزاج بوزۇلۇش، بەدەن توشۇپ قېلىش (ئىمتىلا)(سۇددە) بوغۇلۇش، تۇرلۇك ياللۇغلىنىشلار ئاغرىشلاردىن كېلىپ چىققان نەپەس ئېلىشتا بولغان مەلۇم توسالغۇلار يېرىڭلىق يارىلار بولۇپمۇ كۆكرەك ۋە كىرگىت پەردە(ھىجابى ھابىز)دىكى يېرىڭلىق يارىلار، كېزىك ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، زەھەر يەۋىلىش تۇپەيلىدىن بولغان قۇۋۋەت تۇۋەنلەش قاتارلىقلاردا بىرخىل كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ كېلىدۇ. ئەگەر نەپەس بوزۇلۇش خىلىتلار ئۆزگىرىشىدىن بولسا بىمار ئوڭدا ياتالمايدۇ. ياكى ئوڭدا ياتقاندىمۇ تىنىققا قېينىلىدۇ. يانچە ياتسا ياكى بىر ياندىن يەنە بىر يانغا ئۆرۇلسە بىر ئاز يەڭگىللىشىپ قالىدۇ.
خەتەرلىك غەيرى تەبىئى نەپەسلىنىش تۆۋەندىكىدەك سەككىز خىل بولىدۇ.
1.مۇختىلىپ نەپەس ئېلىش: بۇنىڭدا كېڭىيىش ۋە تارىيىش ھەركىتىنىڭ ئارلىقى بىرخىل بولمايدۇ. بەزىدە چوڭ،بەزىدە كىچىك،بەزىدە ئارقىمۇ-ئارقا بەزىدە ئۇزۇلۇپ نەپەس ئالىدۇ. بۇ خىل نەپەسلىنىش يامان ئاقىۋەتكە دالالەت قىلىدۇ.
2.مۇتەزائىپ نەپەس ئېلىش: بۇ مۇختەلىپ نەپەس ئېلىش دائىرىسىگە كېرىدىغان نەپەس ئېلىش بولۇپ كېڭىيىش ۋە تارىيىش ئارلىقىدا پەرىقلىق ھالدا توختاش ئەھۋالى كۆرۇلىدۇئ بۇ خۇددى كىچىك بالىنىڭ يىغلىغان چېغىدىكى تىنىققا ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ ھارارەتنىڭ كۆپلىكىدىن نەپەس ئېلىشتا شۇمۇرۇلگەن ھاۋا بىلەن ھارارەت دىگەندەك سۇۋۇپ كېتەلمىگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ سوغۇق ياكى قۇرۇقتىن مىزاج بوزۇلغاندا نەپەس ئەزالىرى قاتقاندا ياكى ئۇلاردا باغلىنىش پەيدا بولغاندا ھىجاب(كىرگىت) ئىششىغى، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەردە يۇز بېرىدۇ. كۆپۇنچە يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالامىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. لىكىن سوغۇقتىن بولغانلارنىڭ بەزىلىرىنى مۇۋاپىق داۋالىسا ساقىيىپمۇ كېتىدۇ. بۇ خىل نەپەس ئېلىشنىڭ سەۋەپلىرى شۇكى، يۇرەكتە بۇس ئىسسىقلىق نورمالدىن ئاشقاچقا تەبىئەت كۆپلىگەن ساپا ھاۋاغا مۇھتاج بولىدۇ. نەپەسلىنىش ئەزالىرى يەتكۇزۇپ بەرگەن ھاۋا يۇرەكنى قانائەتلەندۇرەلمەيدۇ-دە نەتىجىدە نەپەس ئەزالىرى ھاۋانى ئۆلگۇرتۇپ بىرەلمەي بۇ خىل نەپەس ئېلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ياكى نەپەسلىنىش ئەزالىرىنىڭ تۇمۇرلىرىغا قېتىش پەيدا بولغانلىقتىن ھاۋائى تۇلۇق يەتكۇزۇپ بېرەلمەيدۇ-دە نەتىجىدە بۇخىل نەپەس ئېلىش كېلىپ چىقىدۇ.
3.مۇنتەسەپ نەپەس ئېلىش: بۇ ئۆپكىنىڭ بىر قانىتى ۋە كۆكرەك پەردىسىنىڭ بىر تەرپى بىلەن نەپەس ئېلىشقا تۇلۇق قاتنىشالماي ساق بولغان بىر تەرىپى بىلەن كۆكرەك نەپەس ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ-دە نەتىجىدە بۇ خىل نەپەس ئېلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
4.ئىنىقتا ئوف نەپەس ئېلىش: كېسەللىك جىددى ۋاقتىدا نەپەس ئېلىش مەلۇم ۋاقىتت توختاپ قالىدۇ. نەپەس ئالغانلىقىنى پەقەت سەزگىلى بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىمارنىڭ نەپەس ئېلىش بەدەندىكى تەر تۇشۇكلىرى (مىسافلار)ئارقىلىقلار بولىدۇ. بۇ كۆپۇنچە سەكتە كېسىلىدە يۇز بېرىدۇ. بىمارنى ئۆلۇمگە ئېلىپ بارىدۇ. قىسمەنلىرى ۋە يەڭگىللىرى ساقىيشىمۇ مۇمكىن.
5.ئوسرۇن نەپەس:  بۇ نەپەس ئېلىشتا تەسلىك ۋە قىينلىق بولغانلىقى ھەتتا بىمار تۇلۇق نەپەس ئېلىشقا مۇھتاج بولسىمۇ يەنىلا يېتەرلىك نەپەس ئالالماي نەپىسى قىستالغانلىقىغا قارىتىلغان بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى بۇس قىزىقلىقنىڭ يۇرەكتە غالىپ كەلگەنلىكى ياكى ھەركەتلەندۇرگۇچى كۇچىنى يوقۇتىدىغان سوغۇقلۇقنىڭ كۆكرەك پەردىلىرى ياكى ئۆپكە ياپراقلىرىنى سوۋۇتقانلىقتىن بولىدۇ. بۇ كۆپۇنچە سوغۇق ھاۋا ۋە سوغۇق جايلاردا ئۆپكە ۋە كۆكرەكنى سوغۇق ھاۋادىن ساقلىماسلىق ياكى ئۆتكۇر سوغۇق دورىلارنى كۆكرەك ساھەسىگە ئورۇنسىز چېپىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.
6.تەقەللۇسۇن نەپەس: بۇ نەپەس ئېلىش ۋە نەپەس چىقىرىشنىڭ قېيىن بولغان بىر تۇرىگە قارىتىلغان سەۋەبى كۆكرەك ۋە قوۋۇرغلىرىدىكى پەردىلەردە پەيدا بولغان كۇچلۇك قورۇقلۇق ياكى ئىسسىقلىق بۇ ئەزالارنىڭ تەبىئى مىزاج بوزۇلۇپ پەردە ۋە كىرگىتلەرنىڭ كېڭىيىش ۋە تارىيىش ھەركىتىگە توسقۇنلۇق پەيدا بولىدۇ. قوۋۇرغلار ۋە ئۇنىڭدىكى گۆشلەر قورۇقلۇقتىن ۋە تارىيىش ھەركىتىنىڭ ناچارلىقىدىن مىدىر-مىدىر قىلالماي قالىدۇ-دە بۇ خىل نەپەس ئېلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
7. نەپەس قىستاش: بۇ بىمار نەپەس ئالغاندا ھاۋانىڭ كېرىپ چىقىشى قىسلغانلىقىغا قارىتىلغان بۇ كۆپۇنچە مۇستەقىل بىر كېسەل بولماستىن بەلكى ئۆپكە ئىششىقى، ئۆپكىگە سۇ چۇشۇش،بوغۇلۇش قاتارلىق كېسەللەرنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بەزىدە ئالاھىدە كېسەللىك بولۇپمۇ شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى شۇكى نەپەس يوللىرىنىڭ بىرەرسىدە ياكى ئۆپكىنىڭ ھاۋا پۇۋەكچىلىرىدە ياللۇغلىنىش پەيدا بولۇش، بولۇپمۇ ھاۋا يوللىرىدىكى قاتتىق ئېنىق (ئۆپكە قېتىش)ياكى ئۇلاردا قويۇق شىلىمشىق خىلىتلارنىڭ كۆپلەپ تۇرۇپ قېلىشى ۋە ئۆپكىگە سۇ چۇشۇشلەردە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نەپەس ئەزالىرىغا قوشنا بولغان ئەزالار مەسىلەن: جىگەر، ئاشقازان،تال قاتارلىق ئەزالاردا پەيدا بولغان ئىسسىق خاراكتېرلىك ئىشىق ۋە چوڭىيىشلارنىڭ نەپەسلىنىشكە دەخلى قىلغانلىقىدىن بولىدۇ.
8.ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولۇش : بۇنىڭدا بىمار بېشىنى رۇس قىلىپ تۇرسا نەپەس ئالالمايدۇ، ئەگەر سىڭايان قىلسا ياكى كۆكرەكنى تۇز قىلمىسا نەپەس چىقارمايدۇ. شۇڭا بىمار ئۆلتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇرى بولىدۇ. بۇ نەپەس ئېلىش ئەزالىرىدا توپلىشىپ قالغان سۇيۇق خىلىتلارنىڭ كۆپلىكى خىلىتلارنىڭ قۇيۇقلىقى، ئىششىق پەيدا بولغانلىقى كاناي يوللىرىدىكى ياكى كۆكرەك ساھەسىدىكى گۆشەرنڭ تاتۋاتقانلىقى ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى زىققا نەپەس كېسىلى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.، بەزى نەپەسلىنىش ئەزالىرى تۇغما تار بولۇپ تەرەققى قىلغانلاردىمۇ بۇخىل ئەھۋال يۇز بېرىدۇ.
تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282