busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 19 دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 12084 قىتىم كۆرۈلدى
كۆكرەك پەردە ياللۇغى
تونۇش :
كۆكرەك پەردە ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتىدە « زاتىل جەنبە » دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ ھەر سەۋەبلەر تەسىرىدىن كۆكرەكنىڭ ئەزا قەۋىتى بىلەن دىۋار قەۋىتى پەردىلىرى ياللۇغلىنىپ ، كىلىنكىدا قىزىش ، كۆكرەك ئاغرىش يۆتىلىش نەپەس قىيىنلىشىش تومۇرى ھەرەچىشىسىمان سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت .
سەۋەبى :
1. ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
2. زەنگار سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
3. بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپۈيۈپ كىتىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
4. شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
5. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
6. ئۆپكىدىكى ھەر خىل كېسەللىكلەر تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
7. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
8. سىرىتقى زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
كېسەللىك ئۆزگۈرىشى :
1. قۇرۇق كۆكرەك پەردە ياللۇغى دەۋرى :
2. ھۆل كۆكرەك پەردە ياللۇغى دەۋرى :
كېسەللىك ئالامىتى :
بۇ كېسەللىكتە كۆكرەكتە ئاغرىش ، نەپەس قىيىنلىشىش ، قىزىتما بولۇش ، يۆتىلىش ، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش ، ماغدۇرسىزلىنىش ، تەرلەش تىترەش ، ئىشتىھاسىزلىنىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ . بۇلاردىن باشقا يەنە نەپەس ھەرىكىتى يۈزە ۋە تىز بولىدۇ ، كېسەللەنگەن تەرەپ نەپەس ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراپ ، نەپەس تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ . قولتۇق ئاستىدىن دائىم چەكلىك تۇراقلىق ھالدىكى كۆكرەك پەردىسىنىڭ سۈركىلىش تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ ، بەزىدە بۇ تاۋۇشنى قول بىلەن تۇتۇپمۇ بىلگىلى بولىدۇ .كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا سىرغىتما سۇيۇقلۇقلار ۋە ئۆپكىنىڭ تولۇق ئېچىلالماسلىقى تۈپەيلىدىن كۆكىرىش ئېغىرلىشىدۇ . تومۇرى توم ۋە ھەرىچىشىسىمان سالىدۇ .چىكىپ تەكشۈرگەندە يەرلىك ئورۇندىن بۇغۇق تاۋۇش ياكى ئۇيۇل تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ .كېسەللەنگەن تەرەپ كۆكرەك قەپىزىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ ئازراق كۆتىرىلىپ قالىدۇ . كاناي ساق تەرەپكە سىلجىيدۇ .
دىئاگنوز ئاساسى :
1. تېپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ .
2.قان تەكشۈرۈش ، رېنتىگىنلىق تەكشۈرۈش ، كۆكرەك بوشلىقىدىن سۇيۇقلۇق ئېلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا ئوخشاش قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ .
سېلىشتۇرما دىئاگنوزى :
1. ئۆپكە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرلىدۇ .
2. يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرىدىن پەرقلەندۈرلىدۇ .
داۋالاش پىرىنسىپى :
1. خىلىتلىق مىزاق بۇزۇلۇشتىن بولغان بولسا ، ئالدى بىلەن شۇ خىلىتقا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا ئالدى بىلەن شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش چارىسى قوللىنىلىپ سەۋەبى يوقۇتىلىدۇ .
3.قىزىتما پەسەيتىش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، بەلغەم بوشۇتۇش ، نەپەس يوللىرىنى تازىلاش ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش ، يۆتەل پەسەيتىش ، يۈرەكنى كۈچەيتىش مەخسەتلىرىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
4. كۆكرەكتىكى سۇنى يوقۇتۇش چارىسى قوللىنىلىدۇ .
داۋالاش ئۇسۇلى :
-  ئۇفۇنەتلەنگەن قاننىڭ تەسرىدىن كىلىپ چىققان بولسا قان تازىلاش مەخسىتىدە چىلان شەربىتى ، ئەرەقى شاھتەررە ، مەتبۇخى شاھتەررە ، مەتبۇخى ھېلىيلە م ئۆشبە شەربىتى ، شاھتەررە شەربىتى ، ئىتتىرفىل شاھتەررە ، ئىتتىرفىل چۆبىچىن قاتارلىق دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ .
- زەنگار سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى ، نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار قوشۇپ بىرىلىدۇ.
- بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا ،خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى ،نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار قوشۇپ بېرىلىدۇ.
- شورلۇق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا ،شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى ،نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار قوشۇپ بىرىلىدۇ.
-  گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرۇپ، نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ.
- كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرۇپ، نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار قوشۇپ بېرىلىدۇ.
ياللۇغ قايتۇرۇش ، ئىششىق قايتۇرۇش ، قىزىتما پەسەيتىش ، بەلغەم بوشىتىش، نەپەس يوللىرىنى تازىلاش ، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش ، يۆتەل پەسەيتىش ، ئاغرىق توختۇتۇش مەقسىتىدە دورىلار تاللاپ بېرىلىدۇ.
كۆكرەك سۈيىنى يوقۇتۇش چارىلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ .
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
1.تەستە ھەزىم بولىدىغان ، يۇقىرى ئىنىرەىيىلىك مايلىق ، غىدىقلاش ، يەل پەيدا قىلىش تەسىرىگە ئىگە ،زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىپ ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئۇزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى يىمەكلىكلەر تاللاپ ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ .
2.بىمارزۇكام بولۇشتىن ، سوغۇۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ، ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىشتىن ، تاماكا چىكىش ، ھاراق ئىچىش ، سوغۇق سۇ ئىچىش ، سوغۇق سۇدا يۇيىنىشتىن ، زىيادە چارچاشتىن ، زىيادە ھاياجانلىنىشتىن ، قورقۇش غەم- ئەندىشە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .
3.مۇۋاپىق ئارام ئېلىش ، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش ، روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش ، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش . ئۇسسۇزلىقىغا ئەرەقى گاۋزىبان ئىچىش لازىم
تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282