busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 16 دىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 12381 قىتىم كۆرۈلدى
يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بارلار بېلىق گۆشىدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك
بېلىق گۆشى تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارى ئاز ، ئاقسىلنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ ، ئەگەر ئاقسىل بەدەندە تولۇق پارچىلىنالماي قالسا ، كۆپ مىقداردا سۈيدۈك كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بېلىق گۆشىنىڭ تەركىبىدە پۇرىن ماددىسىمۇ كۆپ بولغاچقا ، يېتەرلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ياردىمى بولمىسا ، پۇرىن مېتابولىزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، بەدەندە پۇرىن كۆپىيىپ كېتىدۇ .يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولسا دەل پۇرىن مېتابولىزىمىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولىدىغانبولغاچقا ، بېلىق گۆشىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ . شۇڭا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بارلار بېلىق گۆشىدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك .
 يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282