busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12 دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 33663 قىتىم كۆرۈلدى
چىش پاستىسى تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ
   1. تېرىنىڭ ئازراق يېرى زەخمىلەنسە ياكى كۆيۈپ يارىلانسا، ئازراق چىش پاستىسى سۈركەپ قويسا، تېزلا قاننى ۋە ئاغرىقنى توختىتىدۇ، ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
  2. كىيىملەرگە ماي يۇقۇپ داغ بولۇپ قالغاندا، داغ ئورۇنغا ئازراق چىش پاستىسى سۈركەپ، يېنىك ئۇۋىلاپ سۇ بىلەن يۇسا داغ چىقىپ كېتىدۇ.
  3. ھەرە، پاشا، چايان چېقىۋالغاندا، چىش پاستىسىنى سۈركەپ قويسا ئىشىقنى ياندۇرۇپ ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
  4. بېلىق تازىلىغاندا قول سېسىق پۇراپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئالدى بىلەن قولنى سوپۇنداپ يۇيۇپ، ئاندىن چىش پاستىسىنى سۈركەپ، بىردەم ئۇۋىلاپ يۇيۇۋەتسە، سېسىق پۇراق تېزلا  يوقايدۇ.
  5. پۇت سېسىق پۇرىسا ۋە پۇت بارماقلىرى قىچىشسا، چىش پاستىسىنى ئازراق سىقىپ پۇت  بارماقلىرىغا سۈركىسە، پۇت پۇراشنى ھەم قېچىشىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
  6. قىش پەسلىدە قول، يۈزلەر يېرىلغاندا، يېرىلغان ئورۇنغا چىش پاستىسى سۈركەپ قويسا تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ.
   دورىلىق چىش پاستىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى دورىلىق چىش  پاستىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە ئېغىز بوشلۇقىدىكى كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەرنىڭ دورىغا قارشى كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىنن بەلكى ئېغىز بوشلۇقىدىكى پايدىلىق باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ ساندىكى دورىلىق چىش پاستىسى تەركىبىدە بىئو ئىشقار ۋە غىدىقلاغۇچى ماددىلار بولغاچقا، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئېغىز  بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى زەخمىلەندۈرىدۇ.
شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282