busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 20403 قىتىم كۆرۈلدى
ھاۋا تۇراقسىز چاغلاردا بەدىنىڭىزنى ئىسسىق تۇتۇڭ
كۈز پەسلى بىلەن قىش پەسلى ئالمىشىدىغان مەزگىلدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۇراقسىز بولۇپ ، بۇ مەزگىلدە بەدەننىڭ مۇھىم قىسىملىرىنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك .
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ : ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىشلەر باش ، مۈرە ، قورساق ، پۇت ، تىز بوغۇمى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك ، بولۇپمۇ پەسىل ئالمىشىدىغان ۋاقىتتا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى تۇراقسىز بولۇپ ، بۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىش كېرەك . كۈز ، قىش پەسىللىرىدە سەھەردە چاچ يۇيۇش مۇۋاپىق ئەمەس ؛ مۈرە بوغۇمى بىلەن ئەتراپتىكى تەشكىلىي بوغۇملار بىر ئاز ئاجىز بولۇپ، تېمېپراتۇرا تۆۋەنلىگەندە ، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى كۆپ قوزغىلىدۇ ، شۇڭا مۈرىنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك ؛ ئاشقازان ، ئۈچەي كېسىلى بار ئاغرىقلار قورساق قىسمىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىپ ، كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
مۇتەخەسسىس مۇنداق دېدى : ‹‹ پۇت ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ يۈرەكتىن ئەڭ يىراق قىسمى بولغاچقا ، پۇت مۇزلىسا ، پۈتۈن بەدەن مۇزلاپ كېتىدۇ . بۇلۇپمۇ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاستا خاراكتېرلىك رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282