busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 26397 قىتىم كۆرۈلدى
زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇرۇش كېرەك
  بەدەننىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە زەھەر تازىلاش ئىقتىدارى بولىدۇ، بىراق بۇنداق ئىقتىدار چەكلىك بولۇپ، بەدەن يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلىگەن شارائىتتىلا، ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ.مۇۋاپىق بولمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، دورا ئىشلىتىش، فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارنىڭ قالايمىقانلىشىشى، كەيپىياتنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىقلار توكسىنلارنىڭ مەلۇم خىل شەكىللەردە يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئاسانلا كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
بەدەندىكى توكسىنلار ئادەتتە سۇدا ئېرىيدىغان توكسىن ۋە ياغدا ئېرىيدىغان توكسىن، دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، بۆرەك، جىگەر، تېرە ۋە ئۈچەي قاتارلىق ئەزالار توكسىنلارنى تازىلىيالايدۇ، بۇ ئەزالار توكسىنلارنى ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلىيالمىسا، سۇدا ئېرىيدىغان توكسىنلار قان ئارقىلىق كۆمۈرچەك، سىلىق پەردە ۋە پەي قاتارلىق ئورۇنلارغا يىغىلىپ قېلىپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى دېگەندەك بوغۇم يەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياغدا ئېرىيدىغان توكسىنلار قان ئارقىلىق لىمفا سىستېمىسى ياكى ئەزالارنىڭ شىللىق پەردىسىدە مونچاق گۆش، خالتىلىق ئىششىق ياكى ئۆسمىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
توكسىن تازىلىغاندا بەدەندە بوغۇم، سۆڭەك، مۇسكۇللار ئاغرىش ياكى ئىچى سۈرۈش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە مېۋە شىرنىسى ياكى سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك. بەزىدە ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى كۆپرەك تولۇقلاپ، جىگەرنىڭ توكسىن تازىلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، شارائىت يار بەرسە ئارىشاڭغا چۈشۈپ، توكسىنلارنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك.
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282