بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 31437 قىتىم كۆرۈلدى
كۆز قىزىرىش ، دىماق پۈتۈپ قېلىش چىش كېسىلىدىن بولۇشى مۇمكىن
يېشى 60 قا يېقىنلىشىپ قالغان زۇڭ بوۋاينىڭ تۇيۇقسىزلا ئوڭ كۆزى قىزىرىپ ئىششىپ قالغانلىقتىن ، دوختۇرغا كۆرۈندى . نۇرغۇن داۋالاتقان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى ، يەنە كېلىپ بۇرنىمۇ بىئارام بولۇشقا باشلىدى .
زۇڭ بوۋاي ئاخىرىدا ئېغىز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنگەندە ، كۆز ۋە بۇرۇن كېسىلىنى چىش كېسىلى پەيدا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى .
كىلىنىكىدا ئۈستۈنكى ئېغىز چىش چىرىپ كەتسە ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك چىش مىلىكى ياللۇغى ، چىش ئەتراپى ياللۇغى بولسا ، بەزىدە سۇس ئاغرىيدۇ . ئەگەر ۋاقتىدا داۋاتمىسا ، بۇنىڭدىن چىققان ئاجرالمىلار غول تومۇر ئارقىلىق كۆز چانىقىغا يېتىپ بېرىپ ، كۆز چانىقى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ . كۆز چانىقى ياللۇغى تەسىرىدىن كۆز ئەتراپى قىزىرىپ ئىششىيدۇ . ئىششىق تەسىرىدە دىماق پۈتۈش ، كۆز ياشاڭغۇراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت