busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 26616 قىتىم كۆرۈلدى
قىش پەسلىدە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىشىدىن ساقلىنىڭ
قىش پەسلىدە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئاسان قوزغىلىدۇ . ئادەتتە مېڭە قان تومۇر كېسىلى بارلاردا تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىدىغان ، تارتىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ . بۇنداق ئەھۋاللاردا ئائىلىدىكىلەر قانداق قىلىش كېرەك ؟مېڭە قان تومۇر كېسىلى بارلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟
ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ خەلق›› دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ماينۇر مۇھەممەت مۇنداق دېدى : قىش پەسلىدە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ كۆرۈلۈشى ئادەم ھاۋا كىلىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .قىش پەسلىدە كىشلەر ئاسانلا زۇكامداپ قىزىغاندىن كېيىن ، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قوزغىلىدۇ . مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇش قاتارلىقكېسەللىكلەر ئادەتتە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە كىرىدۇ . مېڭە قان تومۇر كېسىلى بارلار تۇيۇقسىز گەپ قىلالمايدىغان ، قول –پۇتى تۇتمايدىغان ، ئۇيۇشىدىغان ، تۇيۇقسىز كۆزى كۆرمەيدىغان بولۇپ قېلىش ، باش قېيىش ، باش ئاغرىش ، ماغدۇرسىزلىق ، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .بۇ كېسەل گەرچە ياشىنىپ قالغانلاردا ،يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ، دىيابىت ، يۈرەك كېسىلى بار ئاغرىقلاردا ، ھاراق –تاماكىنى كۆپ ئىچىدىغان ۋە چېكىدىغان كىشلەردە ، سەمىرىپ كەتكەن ، شۇنىڭدەك خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر كىشلەردە كۆپ كۆرۈلسىمۇ ، ھازىر بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە . مېڭە قان تومۇر كېسلى ، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلار ھاراق–تاماكىدىن ئۆزىنى تارتىشى ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشى ، تاماقنى ئامال بار تۇزسىزراق يېيىشى ، كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان تۇز مىقدارىنى 2–5 گىرامدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى ، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ، بېلىق گۆشىنى كۆپرەك يەپ بېرىشى ، كەرەپشە ، غولپىياز ، بانان ، نەشپۈت ، ئاپلېسىن ، چىلان ، ياڭاق ، بادام قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك .
مېڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دىيابېت ئاغرىقلىرىمۇ قىش پەسلىدە ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇپ ، ھاۋا ئېگىز–پەس بولغاندا ئامال بار سىرتقا چىقماسلىقى ، مۇۋاپىق چېنىقىپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى ، ھەدىدىن زىيادە چارچاش ، ھاياجانلىنىپ ، خاپا بولۇپ كەتمەسلىكى ، ياخشى روھىي كەيپىياتنى ساقلىشى ، تاتلىق ۋە مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك . تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتكەن مېڭە قان تومۇرى ئاغرىقىنى قۇتقۇزۇشتا دەسلەپكى ئۈچ سائەت ئىنتايىن مۇھىم ، ئەگەر ئائىلىدە مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىپ قالسا، ئامال بار ئاغرىقنىڭ بېشىنى مىدىرلاتماسلىق ، كىيىملىرىنىڭ تۈگمىسىنى ۋە كەمەرنى بوشىتىپ ئەركىن نەپەس ئېلىشقا ياردەم بېرىش ، ئەگەر ئاغرىقتا تارتىشىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ، ئامال بار ئاغرىقنى ئورنىدىن يۆتكىمەسلىك ۋە مىدىرلاتماي بېشىنى بىر تەرەپكە قىلىپ قويۇپ ، ئاندىن ‹‹ 120›› گە تېلېفون قىلىش كېرەك . مېڭە قان تومۇرى توسۇلغان ئاغرىقلار كېسىلى قوزغىلىپ ئۈچ سائەت ئىچىدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنسە ، قان نوكچىسىنى ئېرىتىدىغان ئوكۇل ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئاغرىقنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدۇ .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282