busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 10524 قىتىم كۆرۈلدى
بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن تېلېگراممىسى. شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 – يىللىقىدا ئوقۇيدىغان يۈەنيۈەن قىشلىق تەتىلدە توردا ‹‹كارت›› ئاپتوموبىل ئويۇنى ئويناشقا خۇمار بولۇپ قېلىپ، ھېيتلىق پۇلىنىڭ ھەممىسىنى خەجلىۋەتكەندىن سىرت، ئاتا – ئانىسىنىڭ 300 يۈەن پۇلىنى ئوغرىلىغان. مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى ئائىلە باشلىقلىرىغا بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى نەچچە تۈرلۈك ئەپچىل چارىنى تونۇشتۇردى.
بىرىنچى، بالىلارنىڭ تور ئويۇنىغا ئامراق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى بالىسى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ تور ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ زادى ساددىلارچە قىزىقىش، خۇشاللىق ئىزدەش ئۈچۈنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ؟ دېگەنلەرنى ئېنىقلىشى كېرەك. مەسىلەن: ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى، ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولماي، رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قاتارلىقلارمۇ بالىلارنىڭ تور ئويۇنىغا زىيادە قىزىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئائىلە باشلىقلىرى قىشلىق تەتىلدە ۋاقىت چىقىرىپ بالىسى بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئويناش جەريانىدا بالىسىنىڭ پسىخىك ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ بېقىشى كېرەك.
ئىككىنچى، كومپيۇتېرنى بالىنىڭ ھۇجرىسىغا قويماسلىق كېرەك. ئەڭ ياخشىسى مېھمانخانا ياكى چوڭلار ياتىدىغان ياتاق ئۆيگە قويۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ تورغا چىقىش مەزمۇنىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلغىلى بولىدۇ.
كۈندىلىك تورغا چىقىش ۋاقتىنى مۇقىملاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك، مەسىلەن: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تورغا چىققان بولسا، ئەتىسى چۈشتىن كېيىن تورغا چىقىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا بالىلاردا ۋاقىت جەھەتتىكى رېفلېكسلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئامال بار سائەت 21 دىن 23 كىچە بولغان ۋاقىتتا بالىلارنى تورغا چىقارماسلىق كېرەك، بۇ ۋاقىتتا تورغا چىقمىغاندا، ‹‹خۇمار›› بولۇپ قېلىشتىن ناھايىتى ياخشى ساقلانغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، كومپيۇتېر يېنىغا قوڭغۇراقلىق سائەت قويۇش ياكى تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئەسكەرتىش كارتىسى چاپلاش ئارقىلىق بالىلارنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئەسكەرتسە بولىدۇ. تەتىل مەزگىلىدە ئائىلە باشلىقى بالىسى بىلەن تورغا چىقىش كېلىشىمى تۈزۈپ، بالىنىڭ تورغا چىقىش ھەرىكىتىنى ئۆزى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرالايدىغان بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282