busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 22 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 9726 قىتىم كۆرۈلدى
‹‹ئەسىر ۋاباسى›› ئىنسانلارنى ئۈچ خىل سىناققا دۇچار قىلدى
ئەيدىز 1981 – يىلى ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم جەزىملەشتۈرۈلگەندىن ھازىرغىچە، دۇنيادا 34 مىليوندىن كۆپرەك كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، بۇ كېسەل كىشى ئاڭلىسىلا تېنى شۈركىنىدىغان ‹‹ئەسىر ۋاباسى››غا ئايلاندى.
ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى ئىنسانلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش ئەقىل –پاراسىتى، ھېسداشلىقى، شۇنداقلا نامەلۇم قورقۇنچ ئالدىدىكى ئۇيۇشقاقلىقىنى سىنىماقتا. بۇ يىلقى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ تېمىسى ‹‹<نۆل> ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا يېتىشيېڭىدىن يۇقۇملانغانلار بولماسلىق، كەمسىتىلىش ۋە ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش››بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تىرىشىش نىشانى گەۋدىلەندۈرۈلدى.
ھەر قانداق كېسەلگە داۋا تېپىش ئالدى بىلەن ئىلىم – پەننىڭ غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى توغرىسىدا ھېچنىمە بىلمەسلىكتىن، ئۇنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى تەدرىجىي ئېچىش دۇنيادىكى ئىلمىي تەتقىقاتچىلارنىڭ ھارماي – تالماي ئىزدىنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىلىم – پەن ساھەسىدىكىلەر كىچىك، ئەمما مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرمەكتە:يەنى ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئاقسىل ئېنزىمىنىڭ تولۇق تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاپ چىقتى، ئامېرىكا ۋە كانادا تەتقىقاتچىلىرى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇنۇش ئورنىنى بايقىدى...
ئەگەر، بۇ ‹‹ئەرزىمەس››نەتىجىلەرنى ئەيدىزنىڭ يەنىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋاكسىنا تەتقىقاتى ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش رولى بار دېسەك، ئۇنداقتا، ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا ئىشلەش يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشنىڭ ئاخىرقى يولى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا ۋە تايلاند تەتقىقاتچىلىرى 2009 – يىلى تەتقىق قىلىپ چىققان ‹‹بىرلەشمە ۋاكسىنا›› يۇقۇملىنىش خەۋپىنى %31.2 تۆۋەنلىتەلەيدۇ؛ بۇ يىل ئادەم بەدىنىدە سىناق قىلىش 2 – باسقۇچقا قەدەم قويغان ئىسپانىيە ۋاكسىنىسىB–MVAنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشىدىن ئۈمىد بار بولۇپ، ئۇ پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنى ‹‹يېنىكلىتەلەيدۇ ۋە ئاستىلىتالايدۇ.بۇ نەتىجىلەر ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئىشلەشتە ئۇزاقتىن بۇيان بۆسۈش ھاسىل قىلالماسلىق ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىپ، ئىلمىي تەتقىقات سېپىدىكىلەرگە ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد ئاتا قىلدى.
ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئىشلەشكە ئوخشاش ئالىملار كۆرسىتەلەيدىغان تىرىشچانلىققا سېلىشتۇرغاندا، كەمسىتىشنى تۈگىتىش ھەممە كىشى قاتنىشالايدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ئىنسانىي غەمخورلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى ئىنتايىن مۇشەققەتلىك. ئامېرىكىلىق رىيان ۋايتنىڭ ھېكايىسى بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
1984 – يىلى ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن ۋايتنىڭ ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلىقىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇپ، ئۇنىڭ مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشى چەكلەنگەن شۇنداقلا ئۇ كەمسىتىلگەن، مەسخىرە قىلىنغان ھەم چەتكە قېقىلغان. ۋايت ئاخىرىدا قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق نورمال ئوقۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ دەۋا پۈتۈن ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالغان. كېيىنكى نەچچە يىلدا، ئۇ تەرەپ – تەرەپكە قاتراپ، ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلغان. 1990 – يىلى، ۋايت قازا قىلىپ تۆت ئايدىن كېيىن، ئامېرىكا پارلامېنتى ‹‹رىيان ۋايت قانۇن لايىھەسى››نى ماقۇللاپ، ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى ئۆز ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ ئېرىشەلمەيدىغان داۋالاش مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر، ھەر يىلى 500 مىڭدىن كۆپرەك ئەيدىز كۆپرەك بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىۋاتىدۇ.
قورقۇنچلىقى ئاغرىق ئەمەس، بەلكى ۋىرۇس. ب د ت ئەيدىز – پىلان مەھكىمىسىنىڭ تور پونكىتىدا ئېيتىلغاندەك، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەممىمىزنىڭ ياخشى كۆرۈش ۋە ياخشى كۆرۈلۈش ئېھتىياجىمىز ۋە ھوقۇقىمىز بار.
خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلىدىغان يۇقۇم ئالدىدا، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش – ھەمكارلاشماسلىق، ئەيدىزگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش – تۇرماسلىق ئىنسانلار يۈزلىنىۋاتقان يەنە بىر سىناق ھېسابلىنىدۇ.‹‹بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش››ھەرگىزمۇ قۇرۇق، ئابستراكت گەپ ئەمەس، ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېھتىياجلىق دورىغا ئېرىشتۈرۈش، ياردەمگە ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي، كونكرېت ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.
تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى ئىلغار، سەھىيە سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىقتىسادىي ئاساسى مۇستەھكەم بولغاچقا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كېتىدىغان چىقىملارنى ئۈستىگە ئالالايدۇ.ئەمما، نامرات دۆلەتلەردە دوختۇر، دورا قىس بولغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئاجىز ئىقتىسادىمۇ ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. كېسەلنىڭ تارقىلىشى دۆلەت ئايرىمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئوخشاشلا قىممەتلىك، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر نامرات دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشتە ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەتنى چىقىش قىلىدۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ‹‹ئىككى دۇنيا›› پەيدا بولماسلىقى كېرەك.
ھازىر، ئىنسانلارنىڭ ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش ئورتاق ئارزۇسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئارزۇسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. 65 – نۆۋەتلىك ب د ت كېڭىشى ئەيدىز يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ‹‹سىياسىي خىتابنامە›› ماقۇللىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەرىكەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2015 – يىلىغا بارغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەش ھەم ئۆزگەرتىشكە ۋەدە بەردى.
ئورۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282