busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 22 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 19413 قىتىم كۆرۈلدى
ئەيدىز تەتقىقاتىدىكى زور بايقاش
ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەيدىز ئاغرىقلىرى يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ناچار شارائىتلارغا تاقابىلچان ۋىرۇس كۆچۈرۈپ دورىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلسا، كېسەل ۋىرۇسىنىڭ ساغلام بولغان ھەمراھىغا يۇقۇپ قېلىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدىكەن.
بۇ تەتقىقات 2005 – يىلى باشلانغان بولۇپ، ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور مېللون كوخن باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى 1763 جۈپ ھەمراھ(ئەر – ئايال)نى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى %97 ى يات جىنسلار ئارا مۇھەببەتلەشكەن ھەمراھلار ئىكەن. بۇ ھەمراھلار ئافرىقا، ئاسىيا، لاتېن ئامېرىكىسىدىكى سەككىز دۆلەت بىلەن ئامېرىكىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، يەنە بىر تەرەپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلار ئىكەن.
ئوبيېكتلارنى ئىختىيارىي ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ناچار شارائىتلارغا تاقابىلچان ۋىرۇس كۆچۈرۈپ دورىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغان؛ ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتا ئاندىن بۇ داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. نەتىجىدە، بىرىنچى گۇرۇپپا ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن بىرسىلا كۆرۈلگەن، ئىككىنچى گۇرۇپپا ئىچىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 27 گە يەتكەن، ۋىرۇسقا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەھلىللەرگە قارىغاندا، يېڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئۆزىنىڭ ھەمراھىدىن يۇققان ئىكەن.
تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ناچار شارائىتلارغا تاقابىلچان ۋىرۇس كۆچۈرۈپ دورىلىق داۋالاش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش خەتىرىنى %96.3 ئازايتقىلى بولىدىكەن.

 

ئورۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282