busy

بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 11 دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3807 قىتىم كۆرۈلدى
خىلىتلار مىقدارى كۆپىيىشتىن بولغان مەزى بېزى ياللۇغىغا دىئاگنوز قۇيۇش توغىرىسىدا
قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇر تىبابەتى مەزى بېزى ياللۇغىغا قارتائۆزگىچە تۇنۇش، تۈرگە ئايرىش، دىئاگنوز قۇيۇش ۋە داۋالاش، جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە، بۇ ماقالىدە قان، بەلغەم، سەفرا، سەۋدا خىلىتلارنىڭ مىقدارىنى كۆپىيىشتن كېلىپ چىققان مەزى بېزى ياللۇغىنڭ دىئاگنوز قۇيۇش ئۆلچىمى كىلىنكىلىق تەجىرىبىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرغاقويىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: خىلىتلار مىقدارى كۆپىيىش، مەزى بېزى ياللۇغى، دىئاگنوز قۇيۇش
خىلىتلار مىقدارى كۆپىيىشتىن بولغان مەزى بېزى ياللۇغى خالىس قان، بەلغەم، سەفرا، سەۋدا خىلىتلارنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتكۈچى ھەرخىل ئىچكى- تاشقى ئامىللار سەۋەبىدىن مەزى بېزىدە كېسەللىك ئۆزگىرىش شەكىللىنىپ بماردا خىلىتقا دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر ئىپادىلىنىش بىلەن بىرگە بەل پۇت تېلىپ ئاغىرىش،سۈيدۈك قېتىمى كۆپ،مىقدارى ئاز بولۇش،سۈيدۈك ئېچىشىپ كىلىش،سۈيدۈكنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېقىش،سۈيدۈك تامچىلاپ كىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرىلىك كېسەللىك.
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى مەزى بېزى ياللۇغىغا قارتائۆزگىچە تۇنۇش ،تۈرگە ئايرىش،دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولسىمۇ لىكىن ھازىر بۇخىل كىسەللىككەپەرىقلەندۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش يىتەرلىك بولماسلىق،قويۇلغان تەقدىردىمۇ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا داۋالاش ئېلىپ بارالماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ.مەزى بېزى ياللۇغى توغرىلىق ئۇيغۇر تىبابىتىگە دائىر كىلاسسىك ئەسەرلەردە ئىنىق خاتىرىلەر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا جىنسى ئاجىزلىق كاتىگورىيسى ئىچىدىن مەزى بېزى ياللۇغىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كىلىنكا ئەمىلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا خىلىتلار مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىدىن بولغان مەزى بېزى ياللۇغىغا دىئاگنوز قۇيۇش ئۆلچىمىنى دەسلەپكى قەدەمدە تۇرغۇزۇپ چىقتۇق، تۈۋەندە بۇ ھەقتىكى يەكۈنىمىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.
1)       سەفرا خىلىتى مىقدارىنڭ كۆپىيىشىدىن بولغان مەزى بېزى ياللۇغىغا دىئاگنوز قۇيۇش: بۇنىڭدا بىمارنى قاراپ تەكشۈرگەندە، تومۇر ھەركىتىنى كۆزەتكەندە غەيرى تەبىئى سەفرا خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەنلىكىگە دالالەتقىلىدىغان ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، يەنى بىمار ھارغىن، ئاجىز، چۈشكۈن كۆرىنىدۇ، تومۇرى تىز ۋە ئىنچىكە سوقىدۇ، بىمارنىڭ بەدىنىنى تۇتقاندا ھارارەتلىك بىلىنىدۇ، تىل ئۈستىنى ساغۇچ گەز قاپلىغان بولىدۇ، بىمار ئەتتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىز تەمى ئاچچىق بولىدۇ، ئىسسسق دورا- دەرمەك، تۇخۇم، كاۋاپقا ئوخشاش ئىسسىق تەبىئەتلىك غىزالارنى ئىستىمال قىلغاندا يۇقارقى ئالامەتلەر ئېغىرلىشىدۇ،سىيگەندە سۈيدۈك يولى كۆيشكەندەك ئېچىششىپ ئاغىرىيدۇ، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، پات-پات سىيگىسى كېلىدۇ، سۈيدۈك ئىنچىكە چىقىدۇ، سىيىپ بولغاندىن كىيىن سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا شىلىمشىق يىرىڭ پەيدا بولىدۇ، سۈيدۈك راۋان بولمايدۇ، بەزىدە ھەتتا سۈيدۈك تۇتۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ جىنسى تەلەپ ئاجىزلايدۇ، جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاغىرىيدۇ، مەنى قان ئارلاش كېلىدۇ، زەكەر يىگىلەش ئەھۋالى بولىدۇ، دائىم چوڭ تەرەت يىغىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ- دە، تەرەتكە بارسا تەرەت كۆپ كەلمەيدۇ، چوڭ تەرەت  قىلغاندا ئاغىرىيدۇ، چوڭ تەرەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا ئاق شىلىمشىق نەرسە پەيدا بولىدۇ، چات ئارلىقى، دوۋسۇن ئۈستىنى باسقاندا ئاغىريدۇ، بۇ ئاغىرىق ئۇزاقراق ئولتۇرسا ياكى چوڭ تەرەت قىلسا تېخىمۇ كۈچىيدۇ، ھەمدە بەل، قورساق، دۈمبە، يوتا قىسمىغا تارقايدۇ.
2)      بەلغەم خىلىتى مىقدارىنڭ كۆپىيىشىدىن بولغان مەزى بېزى ياللۇغىغا دىئاگنوز قۇيۇش: بۇنىڭدا بىمارنى قاراپ تەكشۈرگەندە، تومۇر ھەركىتىنى كۆزەتكەندە غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، يەنى بىمار ھارغىن، ئاجىز، چۈشكۈن كۆرىنىدۇ، تومۇرى ئاستا ۋە چوڭقۇر، جانسىز سوقىدۇ، بىمارنىڭ بەدىنىنى تۇتقاندا سوغۇق بىلىنىدۇ، تىل ئۈستىنى ئاقۇش گەز قاپلىغان بولىدۇ، بىمار ئەتتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىز تەمى بەتتام بولىدۇ، كەم سۆز بولىدۇ، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، سۈيدۈك يولى ۋە زەكەر بېشى ئېچىشىشپ ئاغىرىيدۇ، پات-پات سىيگىسى كېلىدۇ، سۈيدۈك ئىنچىكە چىقىدۇ، ئەتتىگەندە سىيگەندە سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا شىلىمشىق يىرىڭسىمان پەيدا بولىدۇ، سۈيدۈك دۇغ بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا سۈيدۈك تۇتۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ جىنسى تەلەپ ئاجىزلايدۇ، جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاغىرىيدۇ، مەنى قان ئارلاش كېلىدۇ، زەكەر يىگىلەش ئەھۋالى بولىدۇ، چوڭ تەرەت  قىلغاندا ئاغىرىيدۇ، چوڭ تەرەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا ئاق شىلىمشىق نەرسە پەيدا بولىدۇ، كۆپ ئىھتىلام بولۇش، سۈرئىتى ئىنزال، زەئىف باھ، پەرزەنىت كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ، چات ئارلىقى، دوۋسۇن ئۈستىنى باسقاندا ئاغىريدۇ، بۇ ئاغىرىق ئۇزاقراق ئولتۇرسا ياكى چوڭ تەرەت قىلسا تېخىمۇ كۈچىيدۇ، ھەمدە بەل، قورساق، دۈمبە، يوتا، زەكەر، ساغىرا قىسمىغا تارقايدۇ.
3)       سەۋدا خىلىتى مىقدارىنڭ كۆپىيىشىدىن بولغان مەزى بېزى ياللۇغىغا دىئاگنوز قۇيۇش: بۇنىڭدا بىمارنى قاراپ تەكشۈرگەندە، تومۇر ھەركىتىنى كۆزەتكەندە غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، يەنى بىمار ئورۇق،جانسىز،چىرايى پەرىشان كۆرىنىدۇ، تومۇرى ئىنچىكە،تەرتىپسىز سوقىدۇ،تىل ئۈستىنى قارامتۇل كۆكۈش گەز قاپلىغان بولىدۇ، بىمار ئەتتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىز تەمى قېرىق بولىدۇ.پۈتۈن بەدىنىنى كىسەل چىرمىۋالغانلىقتىن شىكايەت قىلىدۇ ياكى كىسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بىرىشنى خالىمايدۇ.ئىشتىھاسى ناچارلىشىدۇ،ھەرىكەت قىلىشنى خالىماي يېتىشنىلا ئويلايدۇ.ئەمما ئۇيقۇسى ناچار بولىدۇ،كۆپ چۈش كۆرىدۇ.باشقا يەنە نېرۋا ئاجىزلىق،نېرۋا فۇنكىسىيسى بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى شۇنداقلا ماغدۇرسىزلىق،كۆز تورلىشىش،باش قېيىش،ئۇيقۇ قېچىش،خامۇشلۇق ۋە جىلىخورلۇق ئالامەتلىرى كۈرۈلىدۇ. سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىدۇ،ھەر قېتىملىق سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىدۇ، بەزىدە ھەتتا سۈيدۈك تۇتۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. چات ئارلىقى، دوۋسۇن ئۈستىنى باسقاندا ئاغىريدۇ، بۇ ئاغىرىق ئۇزاقراق ئولتۇرسا ياكى چوڭ تەرەت قىلسا تېخىمۇ كۈچىيدۇ، ھەمدە بەل، قورساق، دۈمبە، يوتا، زەكەر، ساغىرا قىسمىغا تارقايدۇ.
4)       قان خىلىتى مىقدارىنڭ كۆپىيىشىدىن بولغان مەزى بېزى ياللۇغىغا دىئاگنوز قۇيۇش: بۇنىڭدا بىمارنى قاراپ تەكشۈرگەندە، تومۇر ھەركىتىنى كۆزەتكەندە قان خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، يەنى بىمار ھارغىن، سۇلغۇن كۆرىنىدۇ، تومۇرى توم ۋە تىزسوقىدۇ، بىمارنىڭ بەدىنىنى تۇتقاندا ھارارەتلىك بىلىنىدۇ، تىل ئۈستىنى قىزغۇچ سېرىق گەز قاپلىغان بولىدۇ، بىمار ئەتتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىز تەمى تاتلىق بولىدۇ. ئىسسسق دورا- دەرمەك، تۇخۇم، كاۋاپقا ئوخشاش ئىسسىق تەبىئەتلىك غىزالارنى ئىستىمال قىلغاندا يۇقارقى ئالامەتلەر ئېغىرلىشىدۇ،سىيگەندە سۈيدۈك يولى قىزىشقاندەك ئېچىششىپ ئاغىرىيدۇ، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىدۇ ، پات-پات سىيگىسى كېلىدۇ، سۈيدۈكى ئارىلاپ توم چىقىدۇ،سىيىپ بولغاندىن كىيىن سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا قان ئارىلاش شىلىمشىق يىرىڭ پەيدا بولىدۇ، سۈيدۈك دۇغ بولىدۇ،سۈيدۈك نىسبەتەن راۋان بولىدۇ. جىنسى تەلەپ ئاجىزلاش تىپىك بولمايدۇ، جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاغىرىيدۇ، مەنى قان ئارلاش كېلىدۇ، زەكەر يىگىلەش ئەھۋالى ئاز بولىدۇ، چوڭ تەرەتتە ئارىلاپ قەۋزىيەتلىك كۈرۈلىدۇ. چوڭ تەرەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا ئاق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ، چات ئارلىقى، دوۋسۇن ئۈستىنى باسقاندا ئاغىريدۇ، بۇ ئاغىرىق ئۇزاقراق ئولتۇرسا ياكى تۈز ئۈچەيگە چوڭ تەرەت كۆپ يىغىلسا تېخىمۇ كۈچىيدۇ، ھەمدە بەل، قورساق، دۈمبە، يوتا، زەكەر، ساغىرا قىسمىغا تارقايدۇ.
   دىمەك،يۇقىرىقى خىلىتقا دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر،كىسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن بەلگىلىرىنىڭ خىلىتلار مىقدارى كۆپىيىشتىن بولغان مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ مىزاجىنى ئېنىقلاش،دەسلەپكى قەدەمدە دىئاگنوز قويۇش ۋە كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش،داۋالاشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بار.
 ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282