busy

بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 11 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3378 قىتىم كۆرۈلدى
27نەپەرسوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەسلەپكى باسقۇچتىكى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسەللىكىنى داۋالاشتىن دوكلات
قىسقىچە مەزمۇنى: مەخسەت:سوزۇلما خارەكتىرلىك بۆرەك ياللۇغى كىسەللىكىدىن كىلىپ چىققان سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كىسەللىكىنى ئۇيغۇرتىبابىتى بويىچە داۋالاش ئۈنىمىنى كۈزىتىش .ئۇسۇل:27نەپەربىماردىكى بۆرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دەسلەپكى باسقۇچتىكى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كىسەللىكىنىكىنى  كىسەللىك ماددىسىنى ئايرىغاندىن كىيىن كىسەللىك ماددىسىغا قاراتا مۇنزىچ بىرىش بىلەن بىمارغا بۆرەك ياللۇغىنى قايتۇرۇپ، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاربىلەن داۋالاش :نەتىجە 27نەپەر بىمار ئىچىدىن ياخشىلىنىپ كىسەللىك ئالامەتلرى تىزگىللەنگىنى 9نەپەر بۇلۇپ ٪ 33.3 پىرسەننى، داۋالاشنىڭ ئۈنىمى كۆرۈلگىنى 14نەپەر٪51.85 نى، داۋالاش ئۈنىمى كۆرىلمىگىنى 4 نەپەربۇلۇپ٪ 14.8نى تەشكىلقىلىپ داۋالاش ئومۇمى ئۈنۈم بىرىش نىسپىتى٪ 85.1گە يەتتى.يەكۈن: بۆرك ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دەسلەپكى باسقۇچتىكى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كىسەللىكىنى كىسەللىك ماددىسىنى ئايرىغاندىن كىيىن كىسەلىك ماددىسىغا قارىتا مۇنزىچ بىرىش بىلەن ياللۇغ قايتۇرۇپ سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلۇچى بەدەن ئىمونىتىنى كۈچەتكۈچى دورىلاربىلەن داۋالاش ئېلىپ بارغاندا داۋالاش ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆز:سوزۇلما خاراكتىرلىق بۆرەك ياللۇغى،دەسلەپكى باسقۇچتىكى سۈيدۇكتىن زەھەرلىنىشنى داۋالاش.
سوزۇلما خارەكتىرلىك بۆرەك ياللۇغى كىسەللىكىدىن كىلىپ چىققان دەسلەپكى باسقۇچىكى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش بولسا، ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بۆرەك شارچىلىرى ۋە بۆرەك ئارلىق ماددىلىرى ياللۇغلىنىپ، بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولماي، ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىغىلىپ قېلىش ئارقىلىق سۇ ئېلىكترولىتلار ئالمىشىش بىلەن كىسلاتا، ئىشقار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، كىلىنكىدا سۇيدۇك ئازىيىش، سۇلۇق ئىششىق، قان بىسىم يۇقىرلاش،قان ھەم ئاقسىللىق سۇيدۇك، قاندىكى ئازۇتلۇق ئورىيا،  كىرىياتىن يۇقىرلاش  قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ئومۇمى بەدەن خاراكتىرلىك كىسەللىك بۇلۇپ دوختۇرخانىمىزدا 2009-يىلى 8-ئايدىن 2011-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دەسلەپكى باسقۇچتىكى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كىسەللىكىدىن 27نەپەر بىمارنى داۋالاپ كۆنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق بىزتۆۋەندە بۇخىل كىسەللىكنى داۋالاش جەريانى ۋە نەتىجىلەرنى دوكىلات قىلىپ ئۆتمەكچى .
ماتىريال ۋە ئۇسۇل:
ئادەتتىكى ماتىريال:27نەپەر بىمار ئىچىدە ئەرلە 15نەپەر بۇلۇپ٪ 55.5 نى، ئاياللار 12نەپەربۇلۇپ٪ 44.4 نى ئىگەلليدۇ.خىلىت ئايرىمىسى جەھەيتتىن بەلغەم خىلىتى (سويۇق بەلغەم) تەسىرىدىن كىلىپ چىققىنى 17نەپەر بۇلۇپ ٪  62.9 نى، سەپرا خىلىتى (زەڭگاررەك سەپرا)دىن كىلىپ چىققىنى، 7نەپەر بۇلۇپ ٪  25.9نى، قان خىلىتى (ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى) تەسەرىدىن كىلىپ چىققىنى 8 نەپەر بۇلۇپ ٪  29.6نى ئىگەللەيدۇ، ياش پەرقى جەھەتتىن ئەڭ چوڭى 55ياش ئەڭ كىچىكى 24ياش بۇلۇپ ئوتتۇرچەيېشى 39ياش:كىسەللىك تارىخى جەھەتتىن ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى 7يىل ئەڭ قىسقىسى بىريىل بولغان
دىئاگۇنۇز قويۇش: دىئاگۇنۇز قويۇشتا بىماركىسەللىك تارىخى(ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، بۆرەك ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالاتماسلىق..) ۋە تىپىك كىلىنكىلىق ئىپادسى، لابىراتورىيالىك تەكشۈرۈش (سۈيدۈك تەركبىدىكى قان ++، ئاقسىللىق+++ كۈرۈلۈش، قاندىكى ئازۇتلۇق ئورىيا 280 بىرلىك،  كىراتىن 240بىرلىك بولۇش) نەتىجىلىگە ئاساسەن دىئاگۇنۇز بىكىتىلدى.
داۋالاش داۋالاشتا ئالدى بىلەن( 1) روھىىي جەھەتتەى يىتەكلەندى. بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئارام ئالدۇرۇش، (2)بىمارنىڭ ئۇزۇقلۇق پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ بىمارنىڭ كۈندىكىك يىمەك ئىچمىكىنى تەڭشەپ بىمارۈغا ئاسان ھەزىم بۇلىدىغان ئۈگرە، شويلا، كاكچا نان، كۆكتات شورپىسى... تۇزسىز، ۋىيتامىن تەركىبى يۇقۇرى بولغان يىماكلىكلەرنى بىرىش ئارقىلىق بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ بىماردا كوشۇمچە كىسەللىك پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالدى ئىېلىنىدى. گۆش تۈردىكى تاماقلار، يەللىك، تەستە ھەزىم بولىدىغان غىزالاردىن كاۋاپ، پولۇ، مانتا، شورپا تۈردىكى، ئارام ئالدۇللىدۇ، ئېغىر ھەتكەتلەردىن چەكلىنىدۇ. زۇكام بولۇش، سۇغۇق ئۈتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش بۇيرۇلىدۇ.
دورابىلەن داۋالاشتا ئالدى بىلەن كىسەللىكنى پەيدا قىلغۇچى خىلىتقا بەلغەم ۋە سەپرا قارىتا مۇنزىچ بىرىلدى. قان خىلىتىغا قارىتا تەڭشىگۈچى دورىلار بېرىلدى.
سۈيدۈك ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەىسىتىدە تۆۋەندىكىك شەربەت بېرىلدى. ئالدى بىلەن بىمارغا 10كۈن ئىستېمال قىلدۇرۇلدى. تەركىبى: تۇخۇمى تەررە، تۇخۇمى خەربوزە، تۇخۇمى تەربوزە، بىغ كاسىنى، بىغ كەرەپشە، بىغ بەدىيان، كاكىنەچ، شوخلا، شاھتەررە قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى 30g دىن، بەدىيان، تۇخۇمى كاسىنى، رۇم بەدىيان، تۇخۇمى كۇشۇش،ئاق لەيلى گۈلى قاترلىقلارنىڭ ھەر بىرى 20g دىن، سەرسىبىل 10g، مامىنچىنى 6g، شېكەر 300g. دورىلارنى 2 لېىر سۇغا 8 سائەت چىلاپ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، شەربەت تەييارلاپ كۇندە 3 قېتىم ھەر قېتىمدا mL100 دىن ئىستېمال قىلدۇردۇق،ھەمدە بۇ شەربەت بىلەن ئەرىقى بەدىيان، ئەرىقى شوخلا، ئەرىقى چۆبچىن دورىلارنى كۇندە 3 قېتىم ھەر قېتىمدا 100مىللىدىن دانىدىن 20-25 كۈنگىچە كۈن ئىستېمال قىلدۇردۇق. سىرتىدىن بەل ئاغرىقىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەنىكى زىماد چېپىلدى. تەركىبى:
كۈندە بىر قېتىم چېپىپ، 2-3 سائەت تۇرغۇزۇلدى. بىر ھەپتىگىچە داۋاملاشتۇرۇلدى.
بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، بۆرەك توقۇلمىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە بۇزۇرى مۆتىدىل ۋە مەجۇنى بانائى قاتارلىق دورىلارنى كۇندە 3 قېتىم ھەر قېتىمدا 100مىللىدىن 10 كۈندىن 20 كۈنگىچە ئىستېمال قىلدۇردۇق. ھەمدە يۇقىرىقى دورىلارنى بىرىش بىلەن بىرگە ئامىلە نوشدارى، مەجۇنى دەبىدىلۋەر، لوبوبى كەبىر قاتارلىق دورىلارنى كۇندە 3 قېتىم ھەر قېتىمدا 6گىرامدىن دىن ئىستېمال قىلدۇردۇق.
2.2. ئاخىرىدا بۆدەك خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋايى تەرەنجىبىن ۋە جاۋارىش زەرئۇنى ئەنبىرى، قۇرسى بانادۇق، لوبوبى كەبىر قاتارلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلدۇردۇق.
   2.نەتىجە؛
 يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلغاندا 27 نەپەربىماردىكى بۆرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دەسلەپكى باسقۇچتىكى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كىسەللىكىنىكىنى كىسەللىك ماددىسىنى ئايرىغاندىن كىيىن كىسەللىك ماددىسىغا قاراتا مۇنزىچ بىرىش بىلەن بىمارغا بۆرەك ياللۇغىنى قايتۇرۇپ، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاربىلەن داۋالاش :نەتىجە 27نەپەر بىمار ئىچىدىن ياخشىلىنىپ كىسەللىك ئالامەتلرى تىزگىللەنگىنى 9نەپەر بۇلۇپ ٪ 33.3 پىرسەننى، داۋالاشنىڭ ئۈنىمى كۆرۈلگىنى 14نەپەر٪51.85 نى، داۋالاش ئۈنىمى كۆرىلمىگىنى 4 نەپەربۇلۇپ٪ 14.8نى تەشكىلقىلىپ داۋالاش ئومۇمى ئۈنۈم بىرىش نىسپىتى٪ 85.1گە يەتتى .
2. بۆرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دەسلەپكى باسقۇچتىكى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كىسەللىكىدىكى كېسەللىك ئالامىتى كونتىرول قىلىندى. يەنى كېسەللىكنى داۋالاشتا، كىسەلىك ماددىسىغا قارىتا مۇنزىچ بىرىش بىلەن ياللۇغ قايتۇرۇپ سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلۇچى بەدەن ئىمونىتىنى كۈچەتكۈچى دورىلاربىلەن داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، سۈيدۈكتە +++ئاقسىل يۇقالغان، قان + (بىر پىلوس) ئەتراپىدا كونتىرول قىلىنغان، قاندىكى بۆرەك ئىقتىدارىنى ئىپادىلىگۈچى بىرلىكلەر ئازۇتلۇق ئورىيا ......،  كىرىياتىن..... نورماللاشقان بولغاچقا، كېسەللىك ئالامىتى كونتىرول قىلىندى.
3مۇھاكىمە:
3.1. سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دەسلەپكى باسقۇچتىكى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كىسەللىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى بىمارلانى مىزاج ئايرىمىسى بويىچە ۆىسەللىك پەيدا قىلغۇچى خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ بىرىش بىلەن سۈيدۈك ھەيدەپ ياللۇغ قايتۇرغۇچى زەھەرتازىلاپ بۆرەك خىزمىتىنى ياخشلاپ بەدەن ئىمونىتىنى كۈچەيتكۈچى دورىلارنى تەرتىپى بويىچە ئىشلىتىپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا داۋالاش ئۈنىمى يۇقۇرى بولىدۇ.
3.2. كىلىنكىلىق كۈزۈتىشلەرگە ئاساسلانغاندا بۇخىل كىسەللىكنىڭ كۆپىنچە غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتى تەسىدىن كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، بۇخىل غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىت ئكزىنىڭ زىيادە ھۆل سوغۇق كەيپىياتى بىلەن بەدەندە ماددا ئالمىششنى ئاستىلىتىش بىلەن بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرش كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ بەدەندە ھەرخىل جاراسىملانىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە ئىچكى مۇھىت ھازىرلاپ بەادە ئۆسۈپ كۆپىيىشى پەيدا قىلغاندىن كىيىن بۇىل جاراسىملار قان ئايلىش ئارقىلىق ئەسلى مىزاجى ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك بولغان بۆرەك كە تەسىر كۆرسىتىپ بۆرەك توقۇلمىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بىماردا قانلىق ئاقسىللىق سۈيدۈك كۆرىلىدۇ بۇخىل ھالەتنىڭ ئۇزۇن داۋامقىلىشى ۋە ۋاختىدا بايقالماي ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىشى بىلەن بىمارنىڭ بەدىنىدە ماددا ئالمىشىش قالدۇق مەھسۇلاتلىرىنڭ يىغىلىپ قىلىشى ۋە سۇ ئېلىكترولىتلار ئالمىشىش بىلەن كىسلاتا، ئىشقار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىپ ئاخىرىدا بۆرەكنىڭ قانتەركىبىن سۈيدۈكنى سۈزۈش ئىختىدارىغا تەسىركۆرسىتىپ قان قاندىكى ئازۇتلۇق ئورىيا،  كىرىياتىننىڭ يۇقۇرىلىشى سۈيدۈكتىن زەھەرلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.( دىمەك بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ۋەتوقۇلمىلارنىڭ بۇزۇلۇشى تۈپەيلىدىن ماگىنى ئىئونى ھۈجەيرە ئىچىدىن سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ،ھەمدە بۆرەكنىڭ ماگىنى چىقىرىش ئىئونى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن ئاسانلا يۇقۇرى ماگىنىيلىق قان كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ). ،    
    بىمارنى يۇقىرقىدەك ئۇسۇل بىلەن داۋالىغاندا كېسەللىك ئالامەتلىرى تۈگەپ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلنش بولدى (گەرچە بۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان بىمارلار خىلى كۆپ بولسىمۇ ئەمما بۇ ساقىيىش نىسبىتى تۆۋەن، داۋالاش قىيىن،ئاقىۋىتى خەتىرلىك كېسەللىك بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزمەكتە).
   بىز بۇ كىسەل بىلەن ئاغرىغان 27 نەپەر بىمارنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش ئارقىلىق، سوزۇلما خارەكتىرلىك بۆرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەسلەپكى باسقۇچتىكى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە داۋالىغاندا ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولدىغانلىقىنى بايقىدۇق.
 ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282