busy

بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 11 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4776 قىتىم كۆرۈلدى
سوزۇلما خاراكتىرلىك بۆرەك ئىششىقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە ئۇنى داۋالاش توغىرسىدا
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇماقالىدە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئاساسى نەزىرىيسى ۋەكىسەللىنىش قانۇنىيتى بويچە سوزۇلما بۆرەك ئىششىقنىڭ كىسەللىك سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ پەيدا بولۇش مىخانىزىمى توغىرسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلدى ھەمدە بۇكىسەللكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش ئۇسۇلى تونۇشتۇرىلىدۇ.
ئاچقۇچلىق سۆزلەر:بۆرەك ئىششقى، سەۋەب، داۋالاش ئۇسۇلى
سوزۇلما بۆرەك ئىشقى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان، كىسەللىك جەريانى ،ئۇزۇن بولغان، سۇلۇق ئىشششىق،
يۇقىرى قان بىسىم، قان ئازلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلنىدىغان، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىسىتىمسىنىڭ كىسەلىلىكىدۇر، بۇ، ئۆزئالدىغا مۇستەقىل كىسەللىك بولماستىن ، بەلكى ئوخشىمىغان تۈردىكى بىرلەمچى ياكى ئىككىلەمچى بۆرەك ئىششىقلىرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلدىكى بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالدىنقى تەرەققىيات مەزگىلدىن ئىبارەت. ئوخشىمىغان تۈردىكى بۆرەك ئىششىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلدە بىردەك، بۆرەك تىنى كىچىكلەش، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىگەكەلمەيدىغان ھالدا زەھەرلىنىشى قاتارلىق ئەگەشمە كىسەللىك كىلىپ چىقىدۇ. گەرچە بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان كىسەللىك جەريانى بىر يىلدىن ئاشقان بىمارلاردا قان ئازلىق، سۇلۇق ئىششىق، يۇقىرى قان بىسىم، ئاقسىللىق ھەم قانلىق سۈيدۈك كىسەللىكىنىڭ ئاساسى ئىپادىسى دەپ قارالسىمۇ، بىرقانچە كۆپۈنچە ھاللاردا بۆرەك ساھىسى ئاغرىش، بەزىلەردە سۈيدۈك كۆپىيىش، سۈيدۈكتە ئاقسىل كۆرۈلۈش، بەزىلەردە مۇسكۇللار بوشاپ يىقىمسىزلىنىش، بەزىلەردە قاپاق سائىسىدە ئىشىش بولۇشتەك تىپىك بولالمىغان ئالامەتلەر ۋە بەدەن بەلگىلىرى خلى ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىدۇ. تۆۋەندە كىلىنكىلىق كۈزتىش جگرياندا ئىرىشكەن سوزۇلما بۆرەك ئىششىقنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ كىسەل پەيدا قىلىش مىخانىزىمنى ئوتىرىغا قويۇش ئاساسىدا، سوزۇلما كرەك ئىششىقىنى داۋالاشنىڭ ئومومى پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ ئۆتىمىز. سىرىتقى زەخمىلنىش سەۋەپلىك ئۇزۇن مەزگىل يشخشىلنىيالماي سوزۇلما ھالەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بۆرەك ئىششىقىدىن سىرىت، ئاساسلىق سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بەش نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش: بۇنىڭدا خىلىتسىز ھۆل سوغۇقتىن مىزاج بزۇلۇش، بىلەن خىلىتسىز قۇرۇق سوغوقتىن مىزاج بۇزۇلۇش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىق نەزەرىيسى بويچە خىلىتسىز سوغۇقلىق كەيپىيات بۆرەك ئۈچۈن ئىيىتقاندا ئۆزنىڭ نورمالنى خىزمىتىنى بىجرىش ئۈچۈن زۆرۆر بولغان كەيپىياتنى ھازىرلىغانلىقتىن، خاس ئەزا (بۆرەك)غائورۇنلاشقان بولىدۇ. ئەگەر تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئومومى بەدەن ياكى بۆرەكتە سوقۇقلىق كەيپىيات ئۈستۈنلىكىنى ئىگلىگەندە، بۇ قان ئايلىنىش، جۈملىدىن بۆرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلنىشنى، بۆرەكتىن ئۆتىدىغان بىرلىك قان .ئىقىم مىقتىدارىنى مۇئەييەن دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ، نورمالنى ھارارەت تۆۋەنلىگەنلىكتىن قان-تومۇرلارنى تەدرىجى تارايتىپ، قاتۇرىدۇ، نەتىجىدە ئوزۇقلارنىڭ توقۇلمىلارغا سۈمۈرىلىىشى چەكلىمگە ئۇچرىتىپ، بۆرەكنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى خىزمەت پائالىيتىدە تەدرىجى تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، بۆرەككە قان يىتىشمەي، ئەزا چارچاش، ئاغرىش، بىئارام بولۇش، يىقىمسىزلىنىشتەك ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ھۆللۈك ئارتۇقچە سوغۇقلىق تەسىرىدىن ئۆزنىڭ ماددىلارنى نەملەش، ئىرىتىش، يۇمشىتىش، ئىقىتىشتەك رولنى ياخشى بىجىرەلمەيدۇ. نەتىجىدە بۆرەكنىڭ خىزمىتى توسالغۇغا ئۇچراپ، بىماردا دائىم بەدىنى بوشاپ، سوۋۇپ تۇرۇش، سۈيدۈك مىقتىدارى كۆپىيىش، كىيىن بۆرەككە نىسبەتەن بىۋاستە تەسىرى بولمىسىمۇ، بىراق ئارتۇقچە ھۆللۈك تەسىرىدە ئەزالارنىڭ نەملىكى ۋە ئىلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىش، ماددىلارنى تۇتۇپ تۇرۇش، قۇرغاقلاشتۇرۇش، يىرىكلەشتۈرۈش تەسىرىلىرى بىلەن بۆرەك توقۇلمىلىرىنىڭ زەخمىلنىىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۆرەكنى تەدرىجى قاتتىقلاشتۇرۇپ، يىگلىتىدۇ، بۇنداق زەخمىلەنگەن بۆرەك تەدرىجى ھالدا ساق بۆرەكتىن كىچىكلەپ، ئۆز ئىقتىداردىن قەدەممۇ-قەدەم مەھرۇم قالىدۇ-دە، ئاخىردا سوزۇلما خاراكتىرلىك بۆرەك ئىششقى كىلىپ چىقىدۇ.
خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش: بۇنىڭدا تەمسىز بەلغەم خىلتى بىلەن قىرىق تەملىك بەلغەم خىلتى ئاساسلىق سەۋەب ھىساپلىنۇدۇ. تەمسىز بەلغەم خىلتى ئومومى كەيپىيات جەھەتتىن سوغۇق بولۇپ، بۆرەكنىڭ ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى زىيادە ئاشۇرۋىتىپ، ماددا ئالمىشىشى پائالىتيىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بۆرەك كىچىك شارچىلىرىنىڭ سۈزۈش خىزمىتىنى توسقۇنىلققا ئۇچرىتىدۇ، بۇندىڭ بىلەن بەدەندىن چىقىپ كىتىشكە تىگىشلىك بولغان كىرەكسىز ماددىلار نىڭ چىقىرىلىشى توسقۇنلىققا ئۇچراپ، ئەزا-توقۇلمىلار ئارلىقىىدىكى بوشلۇقلارغا يىغىلىپ قىلىشى بىلەن تەدرىجى سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىدۇ، قان، سەپرا ،سەۋدا خىلىتلىرىنى زىيادە سۇيۇلدۇرۇپ، ئەزالاردىكى قان يىتىشمەسلىكىنى، جۈملىدىن بۆرەك شارچىلىرىنىڭ قان يىتىشمەسلىك سەۋەبىدن زەخمىلنىشنى ئىغىرلاشتۇرۇپ، قاناش نەتىجىسىدە قان كەملىكىن كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
     قىرىق بەلغەم خىلتى تەبئىيەت جەھەتتىن قىرىق بولۇپ، بەدەندە   بۇخىل بەلغەم خىلتى شەكىللەنگەندە، نورمال بەلغەم خىلتىنىڭ خىزمىتى توسقۇنلىققا ئۇچراپ، خىلىتلارنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش ۋە قان-تومۇرلار ئىچىدە ئۇيۇلمىلارنى ھاسىل قىلىش پۇرسىتى كۆپىيدۇ. نەتىجىدە بۆرەك كىچىك شارچىسى ۋە ئەگرى نەيچىلەردە ماددلارنىڭ تۇرۇپ قىلىشى سەۋەپلىك ، بۆرەك نەيچىسنىڭ ئاكىتىپ ۋە پاسىپ ھالدىكى قايتا سۈمۈرۈش خىزمىتى ئاجىزلاپ، ئەزالاردا سۇلۇق ئىششىق، سۇ ئىلىكتىرىت، كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشنى كەلتۈرۈپ چۋىقىرىدۇ.
قۇۋەتلەر نورمالسىزلىقى: يۇقىرىقىدەك خىلىتسىز خلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش نەتىجىسىدە قۇۋىتى تەبئىينىڭ چىكىنىشى يۈزبىرىپ، ئۆزبەدەنلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قۇۋىتى شەخسىيەتنىڭ خىزمىتى مەلۇم دەرىجىدە توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ، يەنى قۇۋىتى غازىيەنىڭ قۇۋىتى نورمالسىزلىقىدىن، يەنى قۇۋىتى جازىبىە، قۇۋىتى ھازىمە، قۇۋىتى ناسىكە، قۇۋىتى دافخيە قاتارلىقلارنىڭ نورمال خىزمىتى قالايمىقانلىشىدىن بۆرەك كىچىك شارچىسنىڭ سۈزۈش رولى ۋە شارچىلىرىنىڭ ماددىلارنى تاللاش خاراكتىرلىك قايتا سۈمۈرۈش پائالىيتى ئاجىزلاپ بۆرەك كىچىك شارچىسىدىن قان ھۆجەيلىرى بىلەن ئاقسىلدەك چوڭ مولكىلىق ماددىلار بىمالال ئۆتۈپ كىتىشى نەتىجىسىدە دەسلەپتە قانلىق، ئاقسىللىق، سۈيدۈك ئالامىتى كۆرلىدۇ.بۇخىل ئۆزگىرىش ئۇزاق مۇددەت داۋا قىلىش نەتىجىسىدە قۇۋىتى نامىيە(ئۆستۈرگۈچى قۇۋەت)،قۇۋىتى مۇغەيرە، قۇۋىتى مۇساۋىرنىڭ خىزمىتىدە نورمالسىزلىق يۈزبىرىپ، بۆرەك شارچىلىرىدا تالالىشىش ۋە ئەينەكسىمان ئۆزگىرىش يزبىرىپ، بارلىق بۆرەك نەيچىلىرىدە كۆرنەرلىك ھالدا يىگلەش بولىدۇ. ئاخىردا بۆرەك بىرلىكلىرنىڭ قۇرۇلمىسى پۈتۈنلەي يوقۇلۇپ، بۆرەك ئارلىق ماددىلىرىدا تالالىق توقۇلمىلار ئۆسۈپ، قىپقالغان بۆررەك بىرلىكلىرى ئورۇن تولدۇرۇش خاراكتىرلىك ئۆسۈپ ياكى قىلىنلاپ چوڭىيىپ كەتكەنلىكتىن، بۆرەك سىرىتقى يۈزى يىرىكلىشىپ، دانچىسىمان ھالەتكە كىلپ، پۈتۈن بۆرەك يىگلەپ كىچىكلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يىمەك- ئىچمەك ئامىلى: يىمەك –ئىچمەك ئامىلى گەرچە خلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش تۈرىگە كىرسىمۇ، يەنىلا ئايرىم تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدۇ، ئىغىر جىسمانى ئەمگەكتىن كىيىن، كۆپ ئۇسسىغاندا ، كۆپ تەرلىگەندە ياكى قىزۋاتقان مەزگىدە سوغۇق يىمەك-.ىچمەكنى بىراقلا كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ماددا ئالمىشىش سۇسلاپ، قۇۋەتلەرنى خورىتىپ، بۆرەكتە بىردىنلا مىزاج ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى ئاقسىللىق كۈچلۈك يىمەكلىكلەرنى (گۆش، تۇخۇم) كۆپ مىقتىداردا ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلسا، بۆرەك بىرلىك يۈكنى ئىغىرلاشتۇرىۋىتىپ، زەخمىلنىش سۈرئىتى ۋە كۆلمىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.
ھاۋا كىلماتى: ھاۋاكىلماتى گەرچە بۆرەكتە خىلىتسىز مىزاج ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەر قاتارىدا چۈشنىلمىسىمۇ، لىكىن كىلىنكىدا ئۇچراتقان نوقتىلىق سەۋەبلەر ئىچەدە كۆپ كۆرلىدۇ. ھاۋاسى نەم، سوغۇق رايۇنلاردا ئۇزاق مۇددەت ياشاش، بىردىنلا قاتتىق جۇدۇن،يامغۇردا قىلىش، زەيكەش ئورۇنلاردا ئۇخلاش قاتارلىق ئامىللارمۇ ئوخشاشلا بۆرەكنىڭ مىزاجى ۋە قۇۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كىسەللىك ئەھۋالنىڭ يامانلىشىشىقا سەۋەپ بولىدۇ.
 ئالدىنى ئىلىش:
بۆرەكنىڭ ناترى ۋە سۇنى بىرتەپ قىلىش ئىقتىدارىدا چىكىنىش يۈزبەرگەنلىكتىن، بەدەندىكى سۇ ۋە ناترىينىڭ ئالمىشىش مىقتىدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش، ئىمكانقەدەر چەكلىمە قويۇش زۆرۈر.
يىمەكلىكتىن ئىنىرگىيەنى مۇۋاپىق مىقتىداردا تەڭشەش، يۇقىرى ئاقسىللىق يىمەكلىكلەردىن گۆش، تۇخۇم قاتارلىقلارنى پەرھىز قىلدۇرۇش كىرەك، لەتىف، ئاسان سىڭىشلىك غىزالاردىن كۆكتات شورپىسى، شويلا، شۇۋگۈرۈچ قاتارلىقلار بىرىلىدۇ.
ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش ھەم تەكرار قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.چۈنكى تەكرار قوزغىلىش بۆرەك زەئىپلىشىشكە گىرىپتار بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە ئۇنى ئىغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
بۆرەك خىزمىتىگە زىيانلىق،دورا-دەرمەك، يىمەك-ئىچمەكلەر(ھاراق، پىۋا، مۇزلىتىلغان ئىچەملىكلەر)دىن ۋە زىيادە ھىرىپ-چارچاش، كۈچىنىش، ككپ جىنسى مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش لازىم.
داۋالاش   
كىسەللىك ئالامىتى ۋە سەۋەبىگە قارتا داۋالاش موھىم ھالقا ھىساپلىندىغان بولۇپ، بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار قوللىنىدۇ.
قان ئازلىق كۆرۈلگەندە مەجۇنى خۇپسىلھەدىت، جاۋارىش ئامىلە، ئالما شەربىتى، ئۈزۈم شەربىتى ئاساسلىق دورا قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.
قان بىسىمنى چۈشۈرۈشتە، بۆرەك مەنبەلىك قان بىسىمنى بىرلەمچى قان بىسىمدىن پەرىقلەندۈرۈش كىرەك.سەندەل، ھەشقىپچەك، كەشنىز قاتارلىق زىيادە سوغۇق تەبئىيەتلىك دورىلارنى ئىمكانقەدەر ئىشلەتمەسلىك لازىم.
سەۋەپچى بولغان كىسەلىكلەر بولسا (رىماتىزىم، بۆرەك چاقىسى)، ئۇلارنى ئاكىتىپ داۋالاش لازىم.
كەيپىيات دەرىجىسى يۇقىرى بولغان قۇرۇق ئىسىق تەبئىيەتلىك چايلارنى ئىچكۈزۈشكە بولمايدۇ، مەيلى جىددىي، مەيلى سوزۇلما بۆرەك ئىششىقى بولسۇن، ئاسان سىڭمەيدىغان، قۇۋىتى يۇقىرى، سۈيدۈكنى زىيادە تۇتىدىغان ياكى زىيادە سۈيدۈك ھەيدەيدىغان دورىلارنى بەرمەسلىك كىرەك.
بۇ كىسەللىك قايسى سەۋەپتىن بولسۇن، تۆۋەندىكى نۇسخا ئىشىق قايتۇرۇش، قان بىسىمنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە رۇشەن ئۈنۈم بىرىدۇ.
 تەركىبى: ئاق لەيلى ئۇرۇقى، سوزاپ يوپۇرمىقى، سىرىق چىچەك، بىنەفشە، ئەفتىمۇن، نىلۇفەرنىڭ ھەربىرى 24 گىرامدىن، بەديان ، بەدىيان يىلىتىزى پوستى، كاسنە يىلتىزى پوستى، كاسنە ئۇرۇقى، كەرەفشە ئۇرۇقى، ئوغىرى تىكەننىڭ ھەربىرىدن 18گىرامدىن، ئىتئۈزۈمى مىۋىسى،ئىت ئۈزۈمى كۆكى، چۆبچىننىڭ ھەربىرىدىن 20گىرامدىن، تاۋۇز ئۇرۇقىدىن 24گىرام ئىلىپ، 10ھەسسە قايناقسۇغا 4سائەت چىلاپ، سۇس ئوتتا ئۈچتىن بىرى قالغىچە قاينىتىپ، سۈزۈپ شەربەت تەييارلاپ كۈنگە 3قتىم 100مىللىتىردىن، كىسەللىكى سەپراخىلتىنىڭ غەيرى تەبئىي ئۆزگىرىشىدىن بولسا يەتتە كۈنگىچە، غەيرى تەبئىي بەلغەم خىلتىدىن بولسا 15 كۈنگىچە؛ غەيرى تەبئىي سەۋدا خىلتىدىن بولسا 15ــ 25كۈنگىچە، ھەتتا 45گۈنگچىمۇ بىرىلىدۇ.
قوشۇمچەقىلىپ قۇرسى كاكنەچ كۈنگە ئۈچ قىتىم، 5داندىن 21كۈنگىچە، بۆرەك خىزمىتىدىن يامانلىشىش كۆرۈلسە (BUN, Cr لار ئۆرلەپ كەتسە)، ھەركۈنى كەچ ئىتتىرفىل ئەفتىمۇندىن 10 گىرام بىرىلىپ ئۈچەي تازلىنىدۇ. بىرقىسىم بىمارلارغا مىزاج ئىتبارى بىلەن ئەفسەنتىن شەربىتى، مائۇل ئۇسۇل شەربىتى تەييارلاپ بىرىلگەندە، ئۈنۈمى تىخمۇ كۆرىنەرلىك بولدى.
غىزاسىغا قوشۇمچە غىزالىق ھەم دورىلىق رولغا ئىگە قىزىلگۈلقەنتى بىلەن ھەسەل شەربىتى بىرىلىدۇ.
 كىلىنكىدا يۇقىرىقى پىرىنسىپ ۋە ئۇسۇللار بويچە ئوتىرىچە ھىساپ بىلەن 30 كۈن داۋالىغاندىن كىيىن، بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالدا تولۇق ياخشىلنىش بولىدۇ. كىيىنكى باسقۇچتا چۆبچىندىن 120گىرام، ئىت ئۈزۈمدىن 120گىرامنى قاينىتىپ ئىزچىل ئىككى ئايغىچە بىرىلگەندە، سۈيدۈكتە ئاقسىل، قان كىلىش، قان بىسىمى يۇقىرلاش، قان ئازلىق، بۆرەك ساھىسى ئاغرىش، ھالسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەردە كۆرىنەرلىك ياخشىلنىش بولىدۇ. ئومومى داۋالاشتا ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى 90%تىن ئاشىدۇ.
 ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282