busy

بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 17 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4728 قىتىم كۆرۈلدى

 بەل ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش

تۇنۇش ؛

ھەرخىل سەۋەبلەردىن بەل ئۇمۇرتقا تىنى ئوسۇپ ،ئۇمۇرتقا ئارلىق نىرۋىلىرى ۋە قان تۇمۇرلىرى بېسىمغا ئۇچىراپ ،كىلنىكىدا بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش ،بېسلىش سىزىمى بۇلۇش ، ھەركىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچىراش ،پۇتلار نىڭ سىزىمى سۇس بۇلۇش ، ئۇيۇشۇش ،پۇتىنى كوتۇرۇش سىنىقى ئىشلىگەندە تارتىشقاندەك ئاغرىش سىزىمى بۇلۇش ،ئېغىر بولغۇچىلاردا يىگلەش بىلەن ئىپادىلىنغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكدىن ئىبارەت .

دىئاگىنۇز ئاساسى

1)    تىپىك كىسەللىك ئالامەتلىرىدىن بەل ساھاسى ئاغرىش ، ھەركىتى قىيىنلىشىش ، توۋەنكى موچە سىقىراپ ياكى يىپ تارتىپ ئاغرىش بولوش .

2)    سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن  .

ئالامىتى :

 كىسەل باشلانغاندا بەل ساھاسى تىلىپ ئاغرىش كورولوپ كىسەلنىڭ تەرەققى قىلشىغا ئەگىشىپ ئاغرىق تەدرىجى كۈچۇيۇپ تۆۋەنكى مۆچىلەرگە تارقىلىدۇ، ھەركىتى يىنىك دەرىجىدە قىيىنلىشىش بۇلىدۇ، تۆۋەنكى مۆچىلەر سىقىراپ ياكى يىپ تارتقاندەك ئاغرىش ئەھۋالى بولۇپ ئىغىرلاشقاندا تۆۋەنكى مۆچىلەرنىڭ مۇسكۇلى يىگىلەش ، سىزىمى توۋەنلەش ، ھەركىتى ئىغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .

دەرىجىگە بۆلۈنىشى :

1 . يىنىك دەرىجىدە : بەل ئاغرىش ، ئاغرىق تۆۋەنكى مۆچىگە  تارقالمايدۇ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئۇمۇرتقا قىرىدا ينىك دەرىجىدە ئوسوكچە كورونوش .

2 . ئۇتتۇرھال دەرىجە : بەل ئاغرىش ، ھەركىتى قىيىنلىشىش، تۆۋەنكى مۆچىلەر سىقىراپ ئاغرىش بۇلۇپ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئۇمۇرتقا قىرىدا نىسپەتەن چوڭ ئوسوكچە كورونوش .

3 . ئېغىر دەرىجىدە :بەل ئاغرىش ، تۆۋەنكى مۆچە يىپ تارتقاندەك ئاغرىش ،ئىغىر دەرىجىدە ھەركىتى قىيىنلشىش بۇلۇپ ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئۇمۇرتقا قىرىدا كورونەرلىك ئوسوكچە كورونوش .

داۋالاش پىرىنسىپى :

1 . روھى جەھەتتە كېسەلدىن ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، قائىدىلىك پەرۋىش ۋە پەرھىزى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ .

2 . قايسى خىل غەيرى تەبىئى  خىلىتتىن كىلىپ چىققان بولسا شۇخىل غەيرى تەبىئى خىلىتنىڭ مۇنزىچ – مۇسھىلى بىرىلىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ .

3 . ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى، قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ .

5 . فىزىكىلق داۋالاش يەنىي بەلدىن ئىسىش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، لوڭقا قويوش ، يىڭنە سانچىش قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلىدۇ .

6 . رەئىس ئەزالار ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى ئاشۇرغۇچى دورىلار بىرىلىدۇ .

داۋالاش ئۇسۇلى :

1 .  بەلغەم خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان بولسا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۈرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ ، بىر كۇندە ئۇچ قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 80 - 100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ  بىر كۇندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 50 - 100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

2 . سەۋادا خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرشىدىن كىلىپ چىققان بولسا خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن، ئاقلەيلى ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ  كۇندە ئۇچ قىتىم، تاماقتىن كىيىن،  ھەرقىتىمدا 80 - 100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، بىر كۇندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 50 - 100 مىللىتىردىن  ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

3 .  بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرشىدىن كىلىپ چىققان بولسا موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىسىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن، ئاقلەيلى ئۇرۇقى، بوزىيدان قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ، كۇندە ئۇچ قىتىم ، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 80 - 100 مىللىتىردىن  ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ . ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، بىر كۇندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 50 - 100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

4 . ياللۇغ قايتۇرۇپ ، ئاغرىق توختىتىش، قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ سۆڭەك ئۆسۈشنى چەكلەش ئۈچۈن - كاپسۇلى سۆرۈنجان  كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 3 – 5 دانىغىچە ، مەجۇنى سۆرۈنجان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 5 – 7 دانىغىچە ، قۇرسى يەھيا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 5 – 7 دانىغىچە ، ھەببى مەنتىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 5 – 7 دانىغىچە ، مەخسۇس مەجۇنى چۆبىچىن تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ، ھەر  قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ، زىمادى سۈرۈنجاننى گۈل مېيى بىلەن مەلھەم قىلىپ بەل ئۇمۇرتقا ساھاسىگە  سىرتىدىن تېڭىلىدۇ .

5 . فىزىكىلىق داۋالاش : 15 كۇننى بىر داۋالاش كۇرسى قىلىپ توۋەندىكى ئۇسۇللار بويچە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۈچتىن  بەش كۇرۇسقىچە فىزىكىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلدى .

 نىرىپلارنىڭ ئوتكوزوشچانلىقى ئاشۇرۇش ۋە ئوتكونچى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، مۇسكۇللارنىڭ ھارارىتىنى ئاشۇرۇپ ئىلاستىكىلىغىنى ياخشىلاش، سۆڭەك ئۆسۈشنى چەكلەش  ئۇۋلاپ داۋالاش ، يىڭنە سانچىپ داۋالاش ، لوڭقا قۇيۇش ۋە لوڭقا سىرىپ داۋالاش، دورولوق ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ، ھوردىتىپ داۋالاش  ئىلىپ بىرىلدۇ .

7 . رەئىس ئەزالارنى ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، ھەزىمقىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ‹‹ داۋائىل مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەرقېتىمدا 5-3 دانىغىچە ،  ئەبرىشىم جەۋھىرى  كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن ئىلگىرى،  ھەرقېتىمدا بىر بولاقتىن ، شىپائى قەلىپ كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن ئىلگىرى  ھەرقېتىمدا بىر ئامپۇلدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 5-7 دانىغىچە ، ھالۋائى بەيزە كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 10 - 7 گىرام غىچە ، مەجۇنى سۆلەپ كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 5-7دانىغىچە ، مائۇل ھەسەل مورەككەپ شەربىتى كۈندە ئۇچ قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا ml 100دىن ›› قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ  .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

سوغوق ئۈتۈپكىتىشتىن ، تەستە ھەزىم بولىدىغان ، ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى ، سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك –ئىچمەكلەرنى كۆپ ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىشتىن ، ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈشتىن، زىيادە ھېرىپ چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك .

داۋالاش ئۇنۇمىگە باھا بىرىش ئولچىمى :

1)     ساقىيىش ئولچىمى : بالنىسقا كىرگەندىكى بارلىق كىسەللىك ئالامىتى تولوق يوقالغان ، بەل ئۇمۇرتقا ھەركىتى تولوق ئەسلىگە كەلگەن بولسا .

2) ياخشىلىنىش ئولچىمى : بالنىسقا كىرگەندىكى ئالامەتلىرىدىن بەل ئۇمۇرتقا ساھاسىدىكى ۋە تۆۋەنكى مۆچىلەر ئاغرىش ئەھۋالى ياخشىلانغان بولسا .

3)     ساقايماسلىق ئولچىمى : بالنىسقا كىرگەندىكى بارلىق ئالامەتلەر داۋالانغاندىن كىيىنمۇ ئوخشاش تۇرغان بولسا .

تەييارلىغۇچى : ئومرۇتقا كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282