busy

بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 18 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5508 قىتىم كۆرۈلدى
يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىگى
تونۇش :
يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىگى -ھەرخىل سەۋە پلەرد ىن بەدەن قان ئايلىنىشتىكى ئارتىريە بېسىمىنىڭ يۇقىرلاپ كىتىشى بىلەن ئىپادىلنىدىغان كىسەللىك بۇلۇ ى ،سەۋەبىگە قاراپ بىرلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىگى ۋە ئىككىلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىگى دە ى 2 تۇرگە بۇلىىدۇ.  
كىسەللىك سەۋەبى: 
1)قان بېسىم تەڭشىلىشنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى.    
2)بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئوزگۇرىشى. (بۇلۇ پمۇ بەلغىمى شورنىڭ تەسىرى)
3)ئىرىسيەت ئامىللىرى.
4)ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى .بۇلۇ پمۇ تاماكا چىكىش،ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار.   
5)كەسپى ئامىللار.
كىلنىك ئىپادىسى:  
باش ئاغرىش،باش قېيىش،كوز قاراڭغۇلىشىش،ئۇيقۇسىزلىق،روھى كەيپىياتى تۇراقسىز بۇلۇش،قاتالىق ئالامەتلەر كۇرۇلۇش بىلەن بىرگە دەسلە پكى دەۋىردە قان بېسىمى تەۋرىنىش ھالىتىدەبۇلىدۇ،كىيىنىكى باسقۇچتا مۇقىم ھالەتتىكى يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىگى كىلىپ چىقىدۇ.
ئە گەشمە كىسەللىك ئالامەتلىرى:
1)مىڭىدە سەكتە پەيدا بۇلىدۇ.يەنى كىسەللىك تۇيۇقسىز قۇزغىلىپ ،بىردەملىك كورەلمەسلىك،سوزلىيەلمەسلىك،مۇچىلەر ماغدۇرسىزلىنىش،يىنىك دەرجىدىكى ھۇشسىزلىنىش،ئەھۋاللىرى بۇلىدۇ. تەكرار قوزغىلىدۇ.
2)يۇرەك سۇقۇش تىزلىشىپ ،يۇرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىدۇ.كىچىدە تۇتقاقلىق نە پەس قىيىنلىشىش ئەھۋاللىرى كۇرىلىدۇ.
3)بۇرەك خىزمىتى تەدىرجى تۇۋەنلە پ،كوپ سىيىشنى پە يدا قىلىدۇ.سۇيدۇكنى لابىراتۇرىيەلىك تەكشۇرگەندە ئاقسىل ۋە قىزىل قان ھۇجەيرىللىرى كۇرىلىدۇ.ئاخىردا سۇيدۇكى ئازلاپ ،سۇيدۇكتىن زەھەرلىنىش كىلىپ چىقىدۇ.
دىئاگنۇزى: 
تىپىك كىلنىك ئىپادىلەر ۋە قان بېسىمىنى ئولچەش ئارقىلىق دىئاگنۇز قۇيىلىدۇ. 
 ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش؛ 
1. بىمارنىڭ روھى ھالىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، غەلىز تاماقلاردىن پە رھىز قىلدۇرۇش،يىمەكلىكتىكى تۇز مىقدارىنى كونتىرول قىلىش. 
2. ھەركەت ۋە دەم ئېلىشنى مۇۋا پىق تۇردە ماسلاشتۇرۇش كىرەك. 
3. پە رۋىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلە پ،سىستىمىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش . 
داۋالاش؛ 
كىسەللىك سەۋەبىنى ئىنىقلاپ ،شۇ خىل سەۋەپكە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .ئوزگەرگەن خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ،مۇسھىل بىرىش بىلەن بىرگە شۇ خىل دورىلارغا بىرلەشتۇررۇپ ،رەئىس ئەزالار خىزمىتىنى خىزمىتىنى ياخشىلاپ ،قان بېسىمىنى چۇشۇرگۇچى دورىلارد ىن ئەرقى سەندەل،خىمىرى سەندەل،ئەرقى گاۋزىبان،ھەببى قوقىيا ،يۇقىرى قان بېسىم ئىچىملىكى،مەتبۇخى ئە پتىمۇن قاتارلىق دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
تەييارلىغۇچى : مىڭەكىسەللىك بولۇمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282