busy

بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 18 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5418 قىتىم كۆرۈلدى
مىڭە تىقىلمىسى(سۈددە دىماغ)
تونۇش:
ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مىڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ،مىڭىنىڭ مەلڭ بىر قىسىملىرىغا قان يىتىشمەي،كىلنىكىدا باش ئاغرىش،باش قىيىش،ئەس-ھوشى ئوچۇق بولماسلىق،سۆزلەش توسقۇنلۇققا ئۇچراش ياكى بەدەننىڭ مەلۇم تەرىپىنىڭ ھەركىتى ۋە سىزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئىپادىلەر بىلەن يۈز بىرىدىغان،شەكىل بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كىسەللىك بولۇپ،ياشانغانلاردا بىرئاز كۆپ كۆرۈلىدۇ.
كىسەللىك سەۋەپلىرى:
1.قان خىلىتىنىڭ قۇيۇلۇپ قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.2.موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىدىن كىلىپ چىقىدۇ.( بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ قوشۇلىشىدىن كىلىپ چىققان بەلغەم خىلىتى-قىرىق ياكى موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى دىيىلىدۇ. ئۇنىڭ قىيامى قۇيۇق،تەمى قىرىق بولىدۇ.تەبىئىيتى قۇرۇق سوغۇققا مائىل بولىدۇ.)
3.كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىدىن كىلىپ چىقىدۇ.(بۇ سەپرا خىلىتى تەركىۋىگە سەۋدا خىلىتىنىڭ قوشولىشىدىن شەكىللەنگەن نورمالسىز سەپرا خىلىتى بولۇپ،تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىققا مايىل،ئۇنىڭ قىيامى نىسبەتەن قۇيۇق،ساقلىنىش جەريانىدا ئۇنىڭ قىيامى تىخىمۇ قۇيۇلۇپ قالسا ئاسانلا چۆكمىگە چۈشۈپ،نوكچىغا ئالىنىدۇ.) 4.كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.5.باشقا ئامىللار تەسىرىدىن كىلپ چىقىدۇ.مەسىلەن ھەر خىل يۈرەك كىسەللىكلىرى تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.قانتومۇر ياللۇغى،ئۆكە كىسىللىكلىرى،دوىتۇرلارنىڭ ئىھتىياتسىزلىقى بىلەن شەكىللەنگەن تومۇر غا ياد ماددىلارنىڭ كىرىپ قىلىشى ،زەخمىلىنىش سەۋەبى بىلەن ماي ۋە قان ئۇيۇلمىلىرىنىڭ تومۇرغا كىرىپ قىلىشى قاتارلىقلاردىن .ئىبارەت.
كىلنىك ئىپادىلىرى:
كىسەللىك تەرەقىياتى ئاستا،جەريانى ئۇزۇن بولىدۇ.باش قىيىش ،باش ئاغرىش ،كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش،گەپ-سۆز ،ئەس-ھوشى ئوچۇق بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.بەزى ئالامەتلار توسۇلغان ئورۇننىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ.1.بويۇن ئىچكى ئارتىريەسى توسۇلغاندا،شۇ تەرەپنىڭ قاپاق ساڭگىلايدۇ،كۆز قارچۇقى كىچىكلەيدۇ.كۆز ئالمىسى ئولتۇرشىدۇ.2.چوڭ مىڭە ئوتتۇرا ئارتىريەسى توسۇلغاندا، گەپ-سۆز توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.يۇز مۇسكۇللىرى پالەچلىنىدۇ. 3.مىڭە ئالدى ئارتىريەسى توسۇلغاندا،قارشى تەرەپ مۆچە ھەركىتى ۋە سىزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.4.ئۇمۇرتقا ئاساسى ئارتىريەسى توسۇلغاندا، كۆز ۋە يۈز مۇسكۇلى پالەچلىنىدۇ.يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ.ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
دىئاگنۇز ئاساسى:
1.كىسەللىك تارىخى ۋە كىلنىك ئىپادىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنۇز قويۇلىدۇ.2.قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنۇز قويۇلىدۇ.يەنى CTئاپراتىداتەۆشۈرۈش ئارقىلىق توسۇلغان دائىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى، ئورۇننى قاتارلىقلارنى ئىنىقلىغىلى بولىدۇ.
سىلىشتۇرما دىئاگنۇز:
1.مىڭە پەردە ياللۇغى 2.مىڭە ئۆسمىسى.
ئاقىۋىتى: مىڭە سەكتىسى ۋە مىڭە يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
1.ماددىغا قارىتا پىشۇرۇپ تازلاش چارىسى قوللۇنىلىدۇ.2.شىركى ئامىللارنى يوقۇتۇش چارىسى قوللۇنىدۇ.3.مىڭىنى كۇچلاندۇرۇش قان تومۇرلار ئىلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇش چارىسى قوللۇنىلىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن:قايسى خىلىتتىن بولسا شۇنىڭغا قارىتا مۇنزىچ مۇسھىل بەرگەندىن كېيىن، خىمىرى گاۋزىبان ئەنبەرى ،مەتبۇخ ئەفتىمۇن،ھەببى قوقىيا،ئۇستى قۇددۇس شەربىتى قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1.تەستە ھەزىم بولىدىغان يەل پەيدا قىلىدىغان،مايلىق ،تۇزلۇق يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.2.روھى جەھەتتىن زىيادە ھاياجانلىنىش،زىيادە خوش بولۇش،بەك قايغۇرۇش ھادىسىلىرىدىن ساقلىنىش كىرەك.3.ئەمگەك سىجىللىقىنىڭ زىيادىلىگىدىن ساقلىنىش كىرەك.ئۆز قابىليىتىنىڭ يار بىرىشىچە بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
تەييارلىغۇچى :  مىڭە  كىسەللىك بولۇمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282