busy

بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 18 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 603 قىتىم كۆرۈلدى

 202 نەپەر غەيرى تەبىئى سەفرا خىلىتىدىن بولغان دىئابىت كىسەللىكىنى ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيىچە ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاشتىن دوكىلات

   قىسقىچە مەزمۇنى:مەقسەت: سەفرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن بولغان دىئابىت كىسەللىكىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش ئۈنىمىنى كۈزىتىش؛

ئاچقۇچلىق سۆلەر:دىئابىت كىسەللىكى،غەيرى تەبئىي سەفرا خىلتى

ئۇسۇل:202نەپەر سەفرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن بولغان دىئابىت كىسەللىنى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئەۋزەللىكى بۇيىچە داۋالاش

نەتىجە :بىمارلار ئىچىدە داۋالاش ئۈنىمى ئالاھىدە كۈرنەرلىك بولغانلار 51نەپەر(%25. 26) ئۈنىمى كۈرۈلگەنلەر 137 نەپەر (%67.82) ئۈنىمى كۈرۈلمىگەنلەر 14 نەپەر (%6.93) داۋالاش ئۈنىمىنىڭ ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى%93.07

يەكۈن:سەفرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن بولغان دىئابىت كىسەللىكىگە قارىتا كىلىنكىلىق كۈزىتىش ئېلىپ بېرىلىپ ، دەسلەپكى قەدەملىك دىئاگىنوز ئاساسى،داۋالاش لاھىيسى ھەم داۋالاش ئۇسۇلى تۇرغۇزۇلۇپ ،ئۇيغۇر تىبابەت دۇرىللىرىنىڭ غەيرى تەبىئى سەفرا خىلىتىدىن بولغان دىئابىت كىسەللىكىنى داۋالاش ئۈنىمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى يەكۈنلەپ چىقىرىلدى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: سەفرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن بولغان دىئابىت كىسەللىكى، داۋالاش

سەفرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن بولغان دىئابىت كىسەللىكى سەفرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئىچكى ئاجراتما بەزلەر خىزمىتى بۇزۇلۇپ ،بىماردا كۆپ ئۇسساش،كۆپ يىيىش،كۆپ سىيىش،ئۇرۇقلاش،ماغدۇرسىلىنىش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ،ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش خاراكتىرلىك كىسەللىكتىن ئىبارەت.دوختۇرخانىمىزدا 2011-يىلى 6-ئايدىن2013-يىلى 6-ئايغىچە بولغان جەرياندا سەفرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن بولغان دىئابىت كىسەللىكىگە كىرىپتار بولغان 202نەپەر بىمارنى داۋالاپ كۈرنەرلىك ئۈنىمگە ئىرىشتۇق.تۈۋەندە بۇخىل كىسەللىكنىڭ داۋالاش جەريانى ۋە نەتىجىسىنى دوكىلات قىلىپ ئۈتىمىز.

1.        ماتىرىيال ۋە ئۇسۇل

1.1.             ئادەتتىكى ماتىرىيال:81نەپەر بىمار ئىچىدە ئەرلەر 112نەپەر(%.5555)،ئاياللار 90نەپەر(%44.45)،ياش ئايرىمىسى جەھەتتە17ياشتىن25ياشقىچە بولغانلا 20 نەپەر،25ياشتىن 40ياشقىچە بولغانلار87نەپەر،40ياشتىن 55ياشقىچە بولغانلار 65نەپەر،55ياشتىن يۇقىرى بولغانلار30نەپەر،يېزا ئاھالىلىرى60نەپەر،شەھەر ئاھالىلىرى142نەپەر.

1.2.            دىئاگىنوز قۇيۇش:دىئاگىنوز قۇيۇشتا بىمارنىڭ تۇمۇر رايى،تىپىك كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى،بەدەن بەلگىسى ۋە قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىقلار ئاساس قىلىندى.

1.3.             داۋالاش:داۋالاشتا باشتىن ئاخىرى يىمەكلىك پەرھىزى چىڭ تۇتۇلۇپ،يۇقىرى قەنىت تەركىبلىك،يۇقىرى ئاقسىللىق، ئىسسسق تەبىئەتلىك يۇقىرى ئىنىرگىيلىك يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلدى.

دورا بىلەن داۋالاشتا ئالدى بىلەن سەفرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ(گۈلبىنەپشە، نىلۇپەر، شاھتەررە ھەربىرى 15 گىرامدىن، بىخ كاسىنە90گىرام، تۇخۇمى كاسىنە 60 گىرامدىن، نىلوپەر، گاۋزىبان، سەرپىستان ھەر بىرى 30 گىرامدىن، قىزىلگۈل 60 گىرام)،مۇسھىلى قىزىل گۈل، گۈلبىنەپشە، نىلۇپەر، شاھتەررە  ھەربىرى 15 گىرامدىن، تۇخۇمى كاسىنە 20 گىرامدىن، بىخ كاسىنە،تەمرىھىندى، خىيار شەنبەر ھەر بىرى 30 گىرامدىن، ئەفتىمۇن 15 گىرام، بادام مېيى15مىللىتىر) بىرىلدى،ياكى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى.قان قەنتىنى تۈۋەنلىتىش،ئاشقازان ئاستى بېزى،جىگەر ۋە بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش،ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش مەقسىتىدە سۆلەپ ،شاقاقۇل،قىزىلگۈل،سۆلەپ مىسرى  بىرھەسسە، ئۇبھەل يېرىم ھەسسە ئېلىپ چايلىق تەييارلاپ بىرىلدى،ئەزا تۇقۇلمىلارنىڭ سۇغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ،ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش مەقسىتىدە سىمىز ئوت ئۇرۇقى،تەرخەمەك ئۇرۇقى،ئىسفىغۇل20گىرامدىن ئېلىپ ،مۇۋاپىق مىقتاردىكى سۇغا چىلاپ شىرىسىنى ئېلىپ كۈندە 3قېتىم تاماقتىن كىيىن 20مىللىتىردىن ئىچىشكە بىرىلدى.

ئىككىنچى قەدەمدە، جىگەر ۋە ئاشقازان بېزى خىزمىتىنى كۈچەيتىش،تۇسالغۇلارنى ئېچىش،ھەزىم ياخشىلاش مەقسىتىدە دىينار شەربىتى (شىكەرسىز)،سىفوفى سەندەل بىرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا روببى سۇس،تاباشىردىن3گىرامدىن،ئانارگۈلى،ئوسۇڭ ئۇرقى،ئاقاقىيا،سەمغى ئەرەبىدىن ئىككى گىرامدىن ئاق سەندەل،قىزىل سەندەل 4گىرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ ،ئاچچىق ئانار سۈيىدە يۇغۇرۇپ ،قۇرۇس تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم بەش دانىدىن،قۇرسى زىيابىتۇس،قۇرسى تاباشىر كۈندە 2ۋاخ 5-7دانىغىچە ،ئەرەقى گۈل كۈندە 2قېتىم 100مىللىتىردىن ئىچىشكە بىرىلدى،قان قەنتىنى تۈۋەنلەتكۈچى،سەفرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيىتكۈچى دۇرىلاردىن قىزىلگۈل،تەرخەمەك ئۇرۇقى،ئانار گۈلى،ئاق سەندەل قاتارلىق دۇرىلاردىن مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ ،يۇمشاق سۇقۇپ،كۈندە 2قېتىم،تاماقتىن كىيىن15گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرۇلدى.كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن، بۆرەك ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە لوبوبى كەبىر،قۇرسى جاۋارىش زەرئۇنى،قۇرسى ماددە تۇلھايات،خېمىرى مەرۋايىت،قۇرسى داۋائى مىشكى قاتارلىق دۇرىلار تاللاپ ئىستىمال قىلدۇرۇلدى.

2.       نەتىجە

3.        بىمارلارنى يۇقىرقى ئۇسۇل بۇيىچە 20كۈندىن 35كۈنگىچە  داۋالاپ ئاخىرقى نەتىجىسىنى كۈزەتكىنىمىزدە ، ئۈنىمى ئالاھىدە كۈرنەرلىك بولغانلار 51نەپەر(%25. 26) ئۈنىمى كۈرۈلگەنلەر 137 نەپەر (%67.82) ئۈنىمى كۈرۈلمىگەنلەر 14 نەپەر (%6.93) داۋالاش ئۈنىمىنىڭ ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى%93.07  گە يەتتى

تىزگىنلىنىش:

(1)   كىلىنكىلىق ئالامەتلەر يۇقىلىپ ئۇمۇمى نۇمۇرى ياكى=1

(2)  ئۈچ كۆپ بىر ئازلىق ئالامىتى تىزگىنلىنىش ، ماغدۇرسىزلىق ئالامىتى نىسبەتەن ياخشىلىنىش

(3)  تەكرار ئېلىپ بېرىلغان قان قەنتىنى ۋە كىچىك تەرىتىنى تەكشۈرگەندە قان قەنتى ئەسلى ھالىتىدىن( دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدىن) يۇقىرى بولماسلىق ،كىچىك تەرىتىدىكى قەنىت ماددىسىنڭ مىقتارى ئېشىپ كەتمەسلىك ياكى تۈۋەنلەش

ئۈنۈمى كۈرۈلۈش

(1)      كىلىنكىلىق ئالامەتلەر يەڭگىللەپ ئۇمۇمى نۇمۇرى2 ياكى=3

(2)     ئۈچ كۆپ بىر ئازلىق ئالامىتى تىزگىنلىنىپ ، ماغدۇرسىزلىق ئالامىتى ياخشىلىنىش

(3)      تەكرار ئېلىپ بېرىلغان قان قەنتىنى ۋە كىچىك تەرىتىنى تەكشۈرگەندە قان قەنتى ئەسلى ھالىتىدىن( دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدىن) تۈۋەنلەش ،كىچىك تەرىتىدىكى قەنىت ماددىسىنڭ مىقتارى تۈۋەنلەش، ياكى غەرىپ تىبابەت دورىللىرىنى ئىشلىتىش مىقتارىنى ئازايتىشتىن كىيىن  قان قەنتىدە  كۈرنەرلىك يۇقىرلاش، كىچىك تەرىتىدە قەنىت ماددىللىرىنىڭ مىقتارىدا كۈپىيىش ئەھۋالى كۈرۈلمەسلىك(بۇخىل ئۇسۇل بىمارلارنىڭ قان قەنتى نىسبەتەن تۈۋەن ، كىچىك تەرىتى نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدە ئىشلەتكەن غەرىپ تىبابەت دورىللىرىنىڭ مىقتارىنى ئازايتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ)

ياخشىلىنىش

(1)   كىلىنكىلىق ئالامەتلەر يۇقىلىپ ئۇمۇمى نۇمۇرى4 ياكى=5

(2)  ئۈچ كۆپ بىر ئازلىق ئالامىتى تىزگىنلىنىش ، ماغدۇرسىزلىق ئالامىتى كۈرنەرلىك ياخشىلىنىش

(3)  تەكرار ئېلىپ بېرىلغان قان قەنتىنى ۋە كىچىك تەرىتىنى تەكشۈرگەندە قان قەنتى ئەسلى ھالىتىدىن( دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدىن) كۈرنەرلىك تۈۋەنلەش ،كىچىك تەرىتىدىكى قەنىت ماددىسىنڭ مىقتارى تۈۋەنلەش ياكى غەرىپ تىبابەت دورىللىرىنى ئىشلىتىش مىقتارىنى ئازايتىشتىن كىيىن  قان قەنتىدە يۇقىرلاش، كىچىك تەرىتىدە قەنىت ماددىللىرىنىڭ مىقتارىدا كۈپىيىش ئەھۋالى كۈرۈلمەسلىك(بۇخىل ئۇسۇل بىمارلارنىڭ قان قەنتى نىسبەتەن تۈۋەن ، كىچىك تەرىتى نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدە ئىشلەتكەن غەرىپ تىبابەت دورىللىرىنىڭ مىقتارىنى ئازايتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ)

ساقىيىش

(1)   كىلىنكىلىق ئالامەتلەر يۇقىلىپ ئۇمۇمى نۇمۇرى5 ياكى=6

(2)  ئۈچ كۆپ بىر ئازلىق ئالامىتى يۇقىلىش ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىش، ماغدۇرسىزلىق ئالامىتى يۇقىلىش

(3)  تەكرار ئېلىپ بېرىلغان قان قەنتىنى ۋە كىچىك تەرىتىنى تەكشۈرگەندە قان قەنتى ئەسلى ھالىتىدىن( دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدىن) كۈرنەرلىك تۈۋەنلەپ نورماللىشىش ،كىچىك تەرىتىدىكى قەنىت ماددىسى يۇقىلىش ياكى غەرىپ تىبابەت دورىللىرىنى  ئىشلىتىشتىن توختاتقاندىن كىيىن  قان قەنتى ، كىچىك تەرىتى نورماللاشقان (بۇخىل ئۇسۇل بىمارلارنىڭ قان قەنتى نىسبەتەن تۈۋەن ، كىچىك تەرىتى نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدە ئىشلەتكەن غەرىپ تىبابەت دورىللىرىنى ئىشلەتمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ)

3.مۇھاككىمە

3.1 كىلىنكىلىق كۈزىتىش ئارقىلىق سەفرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن بولغان دىئابىت كىسەللىكىنىڭ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۈرۈلىدىغانلىق،كىسەللىك تەرەققىياتىنىڭ ياشلارغا قارىغاندا ياشانغانلاردا نىسبەتەن ئاستا،كىسەللىك ئالامەتلىرىنىڭمۇ نىسبەتەن يەڭگىل بۇلىدىغانلىقىنى،پەقەت تەكشۈرۈش جەريانىدا قان تەركىبىدە قەنىت ماددىسى نورمال قىممەتتىن يۇقىرىلىقى بايقىلىپ ،سۈيدۈك تەركىبىدە قەنىت تېپىلمايدىغانلىقىنى،يەنى قان تەكشۈرگەندە غەيرى تەبىئى سەفرا خىلىتىدىن بولغان دىئابىت كىسەللىكىدە قاندىكى قەنىت مىقتارى6.1 مىللى مول ھەر لتىردىن يۇقىرى بۇلىدىغانلىقى،سۈيدۈك تەكشۈرگەندە سۈيدۈكتىكى قەنىت مەنفىي بۇلىدىغانلىقىنى،سۇغۇقتىن بولغان دىئابىت كىسەللىكىدە سۈيدۈكتىكى قەنىت مۇسپىي بۇلىدىغانلىقى،شۇڭا دىئاگىنوز قۇيۇشتا بىمارنىڭ تۇمۇر رايى،تىپىك كىلىنكىلىق ئالامەتلەر،بەدەن بەلگىسى ۋە قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىللىرىنىڭ غەيرى تەبىئى سەفرا خىلىتىدن  بولغان دىئابىت كىسەللىكى بىلەن سۇغۇقتىن بولغان دىئابىت كىسەللىكىنى پەرىقلەندۈرۈپ دىئاگىنوز قۇيۇشتا ئەھمىيتى بارلىقىنى يەكۈنلەپ چىقتۇق

3.2 خىلىت ئۆزگىرىشىگە قارىتا پىشۇرۇش،تازلاش مەقسىتىدە مۇنزىچ،مۇسھىل ئىشلىتىش بىلەن بىرگە  جىگەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ تۇسالغۇلارنى ئېچىش، ئاشقازان ئاستى بېزى كانالچىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئاشقازان ئاستى بەز ھورمۇنىنى ئىشلەپچىقرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئۆتنى راۋانلاشتۇرۇش ،مىزاج تەڭشەپ،غەيرى تەبىئى سەفرا خىلىتنىىڭ قايتا ھاسىل بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلۇپلا قالماي يەنە قەنىت سىيىش كىسىەللىكىگە ئەگىشىپ كىلىدىغان قان مېيى يۇقىرلاش،جىگەرنى ماي قاپلاش،ئۆت خالتىسى ياللۇغى قاتارلىق قۇشۇمچە كىسەللىكلەرنى داۋالاش ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدۇ.

3.3. ئىسۇلىن ئۇكۇلى ھەم ئىنسۇلىن تەركىبلىك دۇرىلارنى ئىشلەتكەن بىمارلارغا قارىتا  قان قەنتىنى تۈۋەنلەتكۈچى ئۇيغۇر تىبابەت دۇرىللىرىنى بىۋاستە ئىشلىتىپ (25-30كۈن) ئىسۇلىن ئۇكۇلى ھەم ئىنسۇلىن تەركىبلىك دۇرىلارنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىش مىقتارىىنى تەدىرىجى ئازايىتقاندا بۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئىشلىتىش مىقتارىنى يېرىم ھەسسە كېمەيىتكىلى،ھەتتا ئىسولىن ئۇكۇلىنى سالدۇرشتىن توختاتقىلى  بۇلىدىغانلىقىنى،دەل مۇشۇ داۋالاش باسقۇچىدا بۆرەكنى قۇۋەتلەپ ، بۆرەكنڭ ماسىكە قۇۋۋىتىنى كۈچەيىتكۈچى،رەئىس ئەزالار خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دۇرىلارنى قۇشۇپ ئىشلەتكەندە ئەگەشمە كىسەللىك يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى .ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتۇق.

ئاپتۇرى : خۇتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ مەمتىمىن ئېلىي

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282