busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 1 دىن 0 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 82446 قىتىم كۆرۈلدى

سۇرئىتى ئىنزال

مەنئى تېز كىتىش نىكاھ مۇناسىۋىتىگە ناھايتى چوڭ تەسىر ئىلىپ كىلىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان ئەرلىك جىنسى ئىقتىدار توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتىرلىك كىسەللىك.

بۇخىل كىسەلدە ئاساسلىقى جىنسى قوزغۇلۇش جىنسى مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن ياكى باشلىنىشى بىلەنلابوشاپ ئىسپىرمىنىڭ مىڭىپ كىتىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە جىنسى قوزغۇلۇشنىڭ داۋاملىشش ۋاختى نۇرمال ئەھۋالدا 3- 5-15مىنۇتقىچەبولىدۇ. بۇۋاقىت پەرقى ئەرئاياللاردا ناھايتى چوڭ بولۇپ، ماسلىششچانلىق ياخشى بولسا ھەتتا 30مىنۇتقىچە داۋاملىشىدۇ. ئادەتتە سۇرئىتى ئىنزال بولغاندا داۋاملىشش ۋاختى 1مىنۇتقا بارا بارمايلا ئىسپىرما مىڭىپ كىتىپ جىنسى پائالىيەت ۋاختى بالدۇر ئاخىرلىشىپ قالىدۇ.

كىسەللىك سەۋەبى :

1)  روھى ئامىللار سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. جىددىلىشش،قورقۇش،ئەنسىرەش،جىنسى بىلىمى يىتەرسىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

2)     ھىسىيات بۇزۇلۇش، مۇناسىۋىتى يىرىكلىشش، ئۆزىگە ئىشەنچىسى كەم بولۇش سەۋەبىدىن كىلىپچىقىدۇ.

3)  خەتنىلىك زىيادە ئۇزۇن بولۇپ قىلىش، ئوپىراتسىيە ،مەزى بىزىياللۇغى، سۇيدۇكلۇك ياللۇغى ۋە يۇلۇن توققۇز كۆز كىسەللىكلىرى قاتارلىق سەۋەپلەرىن كىلىپ چىقىدۇ.

4)  ماددىلىق ۋە ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش (ھول سوغۇقلۇقنىڭ تەسىرى، بەلغەم خىلتى ۋە سەفرا خىلتىنىڭ تەسىرى) دىن كىلىپ چىقىدۇ

5)      جەلەق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. تۇرى :

كىسەللىك تارىخىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن 3تۇرگە بۆلىنىدۇ.

  بىرلەمچى خاراكتىرلىك سۇرئىتى ئىنزال (باشتىن تارتىپ بار بولغان سۇرئىتى ئىنزالنى كۆرسىتىدۇ)

ئىككىلەمچى خاراكتىرلىك سۇرئىتى ئىنزال ( ئىلگىرى نۇرمال بولۇپ كىين پەيدا بولغان سۇرئىتى ئىنزالنى كۆرسىتىدۇ)

  ئارىلاپ پەيدا بولىدىغان سۇرئىتى ئىنزال ( تاسادىپى ۋاقىت ياكى مەلۇم ئەھۋالدا پەيدا بولىدىغان سۇرئىتى ئىنزالنى كۆرسىتىدۇ)

كىسەللىك سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن 3تۇرگە بۆلىنىدۇ

  فۇنكىسىيە خاراكتىرلىك سۇرئىتى ئىنزال ( نېرۋا خاراكتىرلىك پەيدا بولىدىغان تۇرى بولۇپ ئاساسلىقى قوقۇش،جىددىلىشش، ئەنسىزلىك تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت پەرىز تۇتۇش بۇ ياشلاردا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ)

ئورگان خاراكتىرلىك سۇرئىتى ئىنزال ( بۇ تاشقى جىنسى ئەزانىڭ زىيادە سىزىمچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ خەتنىلىك ياللۇغى، مەزى بىزى ياللۇغى ،سۇيدۇك يولى ياللۇغى، ئۇرۇق خالتا ياللۇغى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى قاتارلىقلار تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. )

  ئارىلاشما تىپلىق سۇرئىتى ئىنزال ( ھەرخىل سەۋەبلەر تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدىغان ھەم ئورگان خاراكتىرلىكنىڭ سەۋەبى بار ھەم فۇنكىسىيە خاراكتىرلىكنىڭ سەۋەبى بار بولغان ئارىلاشما تىپلىق سۇرئىتى ئىنزالنى كۆرسىتىدۇ. )

كىسەللىك خاراكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن

1)     ئىسسىقتىن بولغان سۇرئىتى ئىنزال

2)    سوغۇقتىن بولغان سۇرئىتى ئىنزال دەپ 2گە بۆلىنىدۇ.

 دىئاگىنۇز قويۇش :

  تىپىك كىلىنكىلىك ئىپادىسى ۋە كىسەللىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن دىئاگىنۇز بىكىتىلىدۇ.

 داۋالاش :

1.      روھى داۋالاش

  كۆپ ساندىكى سۇرئىتى ئىنزال روھى ئامىل سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان بولغاچقا داۋالاشتىمۇ روھى پىسخىك داۋالاشنىڭ ئۆنۇمى ناھايتى ياخشى بولىدۇ. ئالدى بىلەن بىمارغا ئۆزىنىڭ كىسەللىكىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ كىتىشىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش، ماسلىششچانلىقى قولغا كەلتۇرۇش. بىماردىكى روھى بىسىمنى ،تەشۋىشنى يوقۇتۇش كىرەك. ئەرئايال ئىككى تەرەپكە تەڭ خىزمەت ئىشلەپ بىمارنى ئىلھاملاندۇرۇش رەغبەتلەندۇرۇش كىرەك. تازلىققا دىققەت قىلىش ئازادە تىنىچ مۇھىت يارتىش، ئورۇن ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتىپ تۇرۇش

2.     دورا بىلەن داۋالاش :

داۋالاش پىرىنسىپى : مىزاجتەڭشەش، تاشقى جىنسى ئەزانىڭ سىزىمچانلىقى تۆۋەنلىتىش، باھنى،رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش،مەنى تۇتۇش پىرىنسىپى بويچە داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى :

 خىلىتسىز ھول سوغۇقتىن كىلىپ چىققان بولسا جاۋارىش دارچىن ،مەجۇنى خولىنجان،ماتىدىل ھايات، جاۋارىش جالىنۇس قاتارلىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. بەلغەم خىلتى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا بەلغەمنىڭ مۇنزىچ مۇسھىللىرى بىرىلىدۇ. باھىنى قۇۋەتلەش مەنى تۇتۇش مەخسىتىدە : جاۋارىش كۇندۇر، مەجۇنى خۇپسىل ھەدد،مەجۇنى سالاجىت مەجۇنى ئازاراقى ھەببى ئىمساك قاتارلىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. مەجۇنى سالاجىت ،ھەببى ئىمساك.رەئىس ئەزالارنى ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش مەخسىتىدە داۋائى مىشكى، مەجۇنى نۇجاھ، ئامىلە نوشىدارى، ھالۋائى بەيزە،داۋائى تەرەنجىبىن،جاۋارىش زەرئۇنى، مەجۇنى سۆلەپ، لوبوبى كەبىر،مۇپەررى ئەبرىشىم، مۇپەررى ياقۇت، مۇپەررى دىلكۇشات قاتارلىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۇش بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش،ئاچچىقچۇچۇك نەرسىلەردىن روھى غىدىقلىنىشتىن يىراق تۇرۇش كىرەك.

  تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282