busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 22 دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 35496 قىتىم كۆرۈلدى

بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرلەش كىسەللىكىنڭ ئۇيغۇر تىبابەت پەرۋىشى

پىسخىلوگىيە پەرۋىشى :

بمارنىڭ خىلىت ئالاھىدىلىكى ۋە مىزاجىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ پىسخىلوگىيە پەرۋىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ.بىمارنى روھى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇپ داۋالاش پەرۋىش باسقۇچلىرىنى تەپسىلى چۇشەندۈرۈش ئارقىلىق ئارتۇقچە  غەم ئەندىشىدىن ساقلىنىش ھىسىياتىنى شەكىللەندۈرۈش  ،تىنىچ ،ئھزادە مۇھىت يارتىپ بىرىش،ساقىيشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بىرىش.

ئۇزۇقلۇق پەرۋىشى :

بىمارنىڭ خىلىت ئالاھىدىلىكى ،مىزاجى ۋە كىسەللىك ئۆزگىرشىگە قاراپ ماس كىلىدىغان ئۇزۇقلۇق پىلانى تۈزەيمىز.

1-ئاسان ھەزىم بۇلىدىغان ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى (كەپتەر شورپىسى ،شۆيلە، نارىن چۆپ) ئاساس قىلىمىز .مايدا ھوردا پىشۇرغان ئاچچىق چۈچىمەل ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يمەكلىكلەر (پولو،كالا گۆشى ،تونۇر كاۋپى ،ھورنان ،لەڭپۇڭ)دىن چەكلىنىدۇ.

 دورا پەرۋىشى :

بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا خىلىت ئۆزگىرشىگە ئاساسەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە

دورا بىرلىدۇ.ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلاردىن شەربىتى ئۆشبە، ئىتتىرپىل چۆبىچىن بىرلىدۇ،سىرتتىن ۋاننىدا ئولتۇرغۇزۇش ،دورا كىلىزمىسى قىلىش،تۈۋەنكى قۇرساق ساھەسىگە

زىمات تېڭىش، يەرلىك ئۇرۇنغا سىرتتىن دورا سېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ  .مۇنزىچ ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

مۇنزىچنى تاماقتىن يېرىم سائەت كىيىن ئىسسىتىپ ئىچىلىدۇ،بۇجەرياندا زىيادە ھېرىپ چارچاش ،ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.بىمارنىڭ دورا ئىچكەندىن كىيىنكى دورىنىڭ تەسىرى ۋە ئەكىس تەسىرىنى ئىننچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش لازىم.

مۇسھىل ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

بىمارنىڭ ئىچكەن دورا مىقدارى ۋە ۋاقتىنى كۈزىتش ،دورىنىڭ رۇلى ۋە بىمارنىڭ ھاياتلىق بەلگىلىرى ،چوڭ كىچىك تەرىتى ،تىرە رەڭگى ،تىل گېزى ،كۆز ئېقى ،ئېغىز تەمى،سۇسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش ،بىمارغا كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىش،مىۋە-چىۋە سەي كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىىمال قىلىش تەۋسىيە قىلنىدۇ.

 تۇرمۇش پەرۋىشى:

1-ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە يىتەكچىلىك قىلنىدۇ.

2-شەخسى تازىلىققا دىققەت قىلىش ،بۇلۇپمۇ ھېيىز مەزگىلىدىكى تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش،ئەۋرەت قىسمىنى پات-پات ئىلمان سۇدا يۇيۇپ تۇرۇش ،ئىچ كىيىمنى ئازادە كىيىش،سۇنئى تالالىق كىيىملەرنى كىيمەسلىك،ئىچ كىيىملەرنى كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش،ۋاننىدا يۇيۇنماسلىق قاتارلىقلار تەكىتلىنىدۇ.

3-سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلە چۇشۇرۇشتىن ساقلىنىش،ۋاقتىنچە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۇزمەسلىك.

4-ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش،سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ،ئېغىرجىسمانى ھەركەتتىن ساقلىنىش لازىم.

5-بىمارغا مۇۋاپىق ئۇخلاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش تەكىتلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى : ئاياللار كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282