busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 22 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 20997 قىتىم كۆرۈلدى

سۈت بېزى ئۆسۈش كىسەللىكىنڭ ئۇيغۇر تىبابەت پەرۋىشى

پىسخىلوگىيە پەرۋىشى :

بمارنىڭ خىلىت ئالاھىدىلىكى ۋە مىزاجىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ پىسخىلوگىيە پەرۋىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ.بىمارنى روھى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇپ داۋالاش پەرۋىش باسقۇچلىرىنى تەپسىلى چۇشەندۈرۈش ئارقىلىق ئارتۇقچە  غەم ئەندىشىدىن ساقلىنىش ھىسىياتىنى شەكىللەندۈرۈش  ،كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇش ،ئۆزىگە روھى بېسىم چۈشۈرمەسلىك ساقىيشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بىرىش.

ئۇزۇقلۇق پەرۋىشى :

بىمارنىڭ خىلىت ئالاھىدىلىكى ،مىزاجى ۋە كىسەللىك ئۆزگىرشىگە قاراپ ماس كىلىدىغان ئۇزۇقلۇق پىلانى تۈزەيمىز.

  ئۇزۇقلىنىش قەرەللىك،نورمىلىق بۇلىشى،ئادەم بەدىنىدە كىرەكلىك بولغان ئۇزۇقلۇقلاردىن ئاقسىل، ماي، قەنىت، ۋىتامىنلار مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش مەسىلەن؛(نارىن چۆپ، شۆيلە ئاش)قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش،لازا –ئاچچىقسۇ،قىيمىلىق تاماقلاردىن پەرھىز قىلىش تەكىتلىنىدۇ.

دورا پەرۋىشى :

بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا خىلىت ئۆزگىرشىگە ئاساسەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە .ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلاردىن شەربىتى ئۆشبە، ئىتتىرپىل چۆبىچىن بىرلىدۇ،سىرتتىن ئەمچەك ساھەسىگە زىمات تېڭىپ قۇيىلىدۇ،ئىنفىرا قىزىل نۇردا

ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ئېلىپ بېرلىدۇ.

  .مۇنزىچ ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

مۇنزىچنى تاماقتىن يېرىم سائەت كىيىن ئىسسىتىپ ئىچىلىدۇ،بۇجەرياندا زىيادە ھېرىپ چارچاش ،ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.بىمارنىڭ دورا ئىچكەندىن كىيىنكى دورىنىڭ تەسىرى ۋە ئەكىس تەسىرىنى ئىننچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش لازىم.

مۇسھىل ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

بىمارنىڭ ئىچكەن دورا مىقدارى ۋە ۋاقتىنى كۈزىتش ،دورىنىڭ رۇلى ۋە بىمارنىڭ ھاياتلىق بەلگىلىرى ،چوڭ كىچىك تەرىتى ،تىرە رەڭگى ،تىل گېزى ،كۆز ئېقى ،ئېغىز تەمى،سۇسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش ،بىمارغا كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىش،مىۋە-چىۋە سەي كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىىمال قىلىش تەۋسىيە قىلنىدۇ.

تۇرمۇش پەرۋىشى:

1-ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە يىتەكچىلىك قىلنىدۇ.

2-شەخسى تازىلىققا دىققەت قىلىش  ،ئىچ كىيىمنى ئازادە كىيىش،سۇنئى تالالىق كىيىملەرنى كىيمەسلىك،داۋالىنىش مەزگىلىدە چوقۇم لىپتىك تاقىماسلىق ،ئىچ كىيىملەرنى كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار تەكىتلىنىدۇ.

3 -ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش،سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ،ئېغىرجىسمانى ھەركەتتىن.

-يەرلىك ئورۇنغا زىيادە بېسىم چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىش لازىم.

تەييارلىغۇچى : ئاياللار كىسەللىك 3-بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282