busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 22 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 45588 قىتىم كۆرۈلدى

تاشقى جىنسى ئەزا ياللۇغى   كىسەللىكىنىڭ   پەرۋىشى

1. پىسخولوگىيە پەرۋىشى:

بىمارنىڭ خىلىت ھالىتىنى ۋەمىزاجىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئۇيغۇن تېبابەت پىسخولوگىيە پەرۋىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. ئوزۇقلۇق پەرۋىشى:

بىمارنىڭ خىلىت، مىزەجى ۋە كىسەللىك ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ماس كىلىدىغان ئوزۇقلۇق پىلانى تۇزەيمىز.

 1) بىمارنى ئوزۇقلاندۇرغاندا ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىمىز، مەسىلەن كەپتەر شورپىسى، شورپا قاتارلىقلار. ئاچچىق، چۇچىمەل، چالا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەردىن، قېنىق چاي، كافېي قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يىمەكلىكلەردىن چەكلىنىدۇ.

 2) مۇنزىچ (ماددا پۇشۇرغۇچى) بەرگەندە مايسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى مەسىلەن: خولوپ ئاش، شوۋگۈرۈچ، كەپتەر شورپىسى قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى بىرىش، مۇۋاپىق مىقداردا سەي-كوكتاتلارنى، مىۋە-چىۋىلەرنى بىرىش، ، تاماقنى زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سۇغۇق يىمەسلىكى. مايدا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەردىن چەكلەش مەسىلەن: پولو، قاتلىما، گوش نان، سېمىز گوشنىڭ شورپىسى، كاۋاپ، قاتارلىقلار.

 3) مەتبۇخ (سۈرگۈچى) بەرگەندە ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكلەر بىرىلىدۇ مەسىلەن: نارىن، شويلا، پالىك ئېشى، قارا توخۇ شورپىسى قاتارلىقلارنى بىرىش. سوغاقلىق، غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەردىن چەكلەش مەسىلەن: لازا، ئاچچىقسۇ، سۇغاق ئاش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار.

 4) مۇۋاپىق ئۇزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش.

3. تۇرمۇش پەرۋىشى:

     1) بىمارغا كىسەلگە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلىنىپ، كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىق بۇلۇشىنى ساقلاش ھەمدە ئۆز كىسىلىدىن غالىپ كىلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇلىدۇ.

     2) بىمارغا تۇرمۇشىنى رېتىملىق قىلىش، زىيادە ھېرىپ چارچىماسلىق، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىش، ئېمونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىلىدۇ.

     3) شەخسى تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ ھېيىز مەزگىلىدىكى تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئىچ كىيىملەرنى كۇندە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش،يەرلىك ئۇرۇننىڭ پاكىزە،قۇرغاق بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش،ھەركۇنى ئەۋرەت يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا يۇيۇپ تۇرۇش لازىم.

     4) ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش، سوغوق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ساقلىنىش.

     5) بىمارغا يىتەرلىك ئۇخلاشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈش، تىز ئۇخلاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە يىتەكلەش. مەسىلەن: ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسسىق سۇغا پۇتىنى چىلاش، بىر ئىستاكان سۈت ئىچىش.

4. ئادەتتىكى پەرۋىش:

     1) ئاياللار بۇلۇم قائىدىلىك پەرۋىشى بۇيىچە پەرۋىش قىلىنىدۇ.

     2) كىسەللىكنىڭ خارەكتىرىگە ئاساسەن، بىمار مۇھىتى پاكىز، ئازادە، تېنىچ، ساپ ھاۋالىق كىسەلخانىغا ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.

     3) بىمارنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى، ئەس-ھۇشى، تىل ۋە تۇمۇرى، چوڭ-كىچىك تەرىتى، ھېيىز دەۋرى، قاتارلىقلاردا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە دوختۇرغا خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە داۋالاشقا ماسلىشىپ بىرىلىدۇ.

     4)يەرلىك ئۇرۇننىڭ قىزىرىش ،قېلىنلاش ئەھۋالى ، ئاق خۇن مىقدارى قاتارلىقلار كۈزىتىلىدۇ.

     5) بىمارنىڭ زىيادە چارچىماسلىقىغا، كۆڭلىنى ئازادە تۇتىشىغا ۋە ئۇيقىسىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

     6) بىمارنىڭ تۇرمۇشى، يىمەك-ئىچمىكى، ئۇيقىسى، كەيپىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا چۈشىنىپ، مۇناسىپ پەرۋىش تەدبىرلىرىنى تۇزۈپ، پەرۋىش خاتىرسنى  ۋاقتىدا خاتىرلەپ مېڭىش لازىم.

5. دورا پەرۋىشى:

     بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا، خىلىت ئۆزگۈرىشىگە ئاساسەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە دورا بىرىلىدۇ. 

تەييارلىغۇچى : ئاياللار كىسەللىك 3-بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282