busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 2 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 24246 قىتىم كۆرۈلدى

بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى .

 بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى،ئاياللار كۆپيىش سېستىمسدا كۆپ ئۇچرايدىغان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ بېرى بۇ كۆپىنچە 50 ~30ياش ئەتراپىدىكى ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.بولۇپمۇ تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاادا كۆپ ئۇچرايدۇ.

سەۋەبى :

بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ سەۋەبى  تېخى ئېنىق ئەمەس ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.

1)خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ سەۋدا ،بەلغەم خىلىتلىرنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىپ بالياتقۇغا تەسىر قىلىشىدىن بولۇپمۇ سەۋدا خىلىتنىڭ بالياتقۇغا يىغىلىپ چۆكمە ھاسىل قىلىشىدىن بولىدۇ.

2)ئۇزۇن مۇددەت ئاياللىق ھورمۇننىڭ غىدىقلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇچۈنكى بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كىلىماتىيە دەۋېرىدە يىگىلىمەيدۇ بولۇپمۇ تۇغماسلىق تارىخى بار ياكى ئاز تۇغقان ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ،بەزىدە كۆپ تۇغقان ئاياللاردىمۇ كۆرۇلىدۇ.

3)بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى مۇسكۇل تېمى ئارلىغى بىلەن بولغان مۇناسىۋتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن،تام ئارلىغى،شىرلىك پەردە  ئاستى،شىرلىك پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى دەپ 3 تۈرگە بولىنىدۇ.

مۇسكۇل تېمى ئارلىق مۇسكۇل ئۆسمىسى : مۇسكۇل ئۆسمىسى بالياتقۇ مۇسكۇل تېمىدا ئۆسىدۇ،ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپى مۇسكىۇل قەۋتى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ.

شىرلىك پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى: مۇسكۇل ئۆسمىسى ئۆسۇش جەرياندا بالياتقۇ شىرلىك پەردىسى قەۋىتىگە قاراپ تومپىيىپ چىقىدۇ.مۇسكۇل ئۆسمىسنىڭ بىر قىسمى قاپلىق پەردىسى بالياتقۇ شىرلىك پەردە قەۋىتى بىلەن بىۋاستە تۇتىشىدۇ.

شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى :مۇسكۇل ئۆسمىسى بالياتقۇ ئىچىگە قاراپ ئۆسۇپ،بالياتقۇ بوشلۇقى ئىچىگە تومپىيىپ چىقىدۇ،ئۇنىڭ قاپلىق پەردىسى بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى بىلەن بىۋاستە تۇتىشىدۇ.ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن يېپىلىپ تۇرىدۇ،ئەگەر داۋاملىق ئۆسسە بالياتقۇ تېمىنى تۇتاشتۇرىدۇ.بەزىدە باليياتقۇ بوينى نەيچىسى ئارقلىق جىنسى يول ئىچىگە چىقىپ قالىدۇ.

كىلنىك ئالامەتلىرى :

ھېيىز نورمالسىزلىغى:ھېيىز دائىم زىيادە كۆپ بولۇسش،جىنسى يولدىن قالايمىقان قان كىلىش ھېيىز ئاغىرتىپ كىلش.

ئاغىرىش:ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا ئاغىرىمايدۇ،ئۆسمە ئەترەپىدىكى توقۇلمىلار بېسىلغاندا،تارتىشىش ياكى يۇقۇملىنىش بولغاندا ئاغىرىش بولىدۇ.

قورساق قىسمىدىكى مۇنەك:چوڭ بولغاندا تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ،بولۇپمۇ شىرلىك پەردە ئاستا مۇسكۇل ئۆسمىسىنى تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ .

بىلىش ئالامىتى :ئۆسمە يوغىنغانغاندا قوشنا ئەزالارنى باسىدۇ،بۇ سۇيدۇك يولىنى بېسىپ سۇيدۇك قېتىم سانى كوپيىش،سېيىش قىينلىشىش،قەۋزىيەتلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

ئاق خۇن كۆپيىش :شىللق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسدە كوپنچە ئاق خۇن كۆپ بولىدۇ،ئۆسمە جىنسى ئەزاغا چىقىپ قالسا ئاسانلا يۇقۇملىنىش بولۇپ قانلىق ياكى يېرىڭلىق ئاق خۇن پەيدا بولىدۇ.

تۇغماسلىق : تەخمىنەن %30~%20 كېسەللەر تۇغمايدۇ بولۇپمۇ تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىشى ۋە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ توشۇلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ھامىلدار بولغاندىن كىيىنمۇ ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كىتىدۇ.

باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى : يۇقۇرى قان بېسىم قوشۇلۇپ كىلىدۇ،ئۇزۇن مۇددەت قىزىل خۇن توختىمغانلاردا كەم قانلىق كېلىپ چىقىدۇ.

   داۋالاش:

بىمارنىڭ يېشى،تۇغۇت تەلىۋى،ئالامەتلىرى،ئۆسمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى،ئورنى،پۇتۇن بەدەننىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئەتراپلىق ئويلاش لازىم .

ھېيىز كېلىش دەۋېردىكى ئايال بولۇپ ئۆسمە كىچىك بولسا ھەمدە ئالامەتلىرى يەڭگىل بولسا،كۈزىتىپ ئامال بار ئوپراتسىيە قىلدۇرماسلىق .ھېيزى كىلىپ بولغاندىن كىيىن ئوسمە ييگىلەيدۇ ھېيز كىلىش يېشىدىن بۇرۇنقى ئاياللارغا دوراياكى ئوپراتسيىيە قىلىپ  داۋالاشنى تاللااش لازىم.

دورا بىلەن داۋالاشتا :دەسلەپتە قايسى خىلىتنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولساشۇخىلىتقاقارىتامۇنزىچ,ياكى.گۈل-بىنەپشە،قىزىل-گۇل،بەدىيان،شاختەررە،قۇرۇق ئىت ئۈزۈمى g7پىرسسىياۋشان،تۇخۇمى خەربوزە، گاۋزىبەن،تۇخۇمى كۇشۇشg5دىن,گۈلقەنىتg12 لاردىن شەربەت تەييارلاپ بېرىش.

ئۇندىن باشقا ئتتىرفىل چوبىچىن،مەجۇنى ئوشبە،شەربىتى ئوشبە،ئەرقى چوبىچىن،قاتارلىق دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بىرىلىدۇ.

ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاشتا  : ئۇمۇمەن  مۇسكۇل  ئوسمىسى نىسبەتەن چوڭ بولغانلاردا ياكى ئالامەتلىرى ئىنىق بۇلۇپ ئوپىراتسىيە قىلماي داۋالىغاندا ئۇنۇمى كۇرۇنەرلىك  بولمىغىچىلارغائوپىراتسىيە قىلىشنى ئويلاش لازىم.

تەييارلىغۇچى : ئاياللار كىسەللىك بولومى

 يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282