busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 11250 قىتىم كۆرۈلدى

يىڭى تۇغۇلغان بالا تۇنجۇقۇش

تۇنۇش: يىڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىنكى نەپەس ئالالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىك بەلگۈسى بۇلۇپ تۇغۇلۇش ۋاقتىدا كۈرىلىدۇ. تۇنجۇقۇش يىڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئۈلىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرىدۇر.
سەۋەبى: تۇنقۇقۇپ قېلىش كۈپۈنچە تۇغۇت جەريانىدا پەيدا بۇلىدۇ. تۇنجۇقۇپ قېلىش ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋردىكى قان يۇقۇتۇش ئېغىر  قان ئازلىق، ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش يۈرەك كىسىلى، ئۆپكە سىلى قاتارلىقلا ربىلەن ئاغرىغان ئاياللارنىڭ تىنى ئاجىزلىشىپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن ھامىلنىڭ ھەركىتى تەسىرگە ئۇچرىغانلىق سەۋەپ بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا قورساقتىكى ھامىلنىڭ ناتوغرا ئۇرۇنلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن تۇغۇت ۋاقتىنىڭ ئارقىغا سۇزۇلۇپ كىتىشى، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر ئاجرىلىپ قېلىشى، كىندىكنىڭ بالا بوينىغا يۆگىلىپ قېلىشى ئاياللار تۇغۇت ۋاقتىدا ئاجىزلىشىپ قېلىپ تولغاققا كۇچىيالماسلىقى، بالىنىڭ ساغرىسى بىلەن كىلىپ قېلىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بالا تۇغۇلۇش ۋاقتىدا قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ تۇنجۇقۇپ قالىدۇ.
ئالامىتى: تۇغۇلماي تۇرۇپ تۇنجۇققان بالىنىڭ يۈرىكى دەسلەپتە بەك تىز سېلىپ، كىيىن تەدرىجى ئاستىلاپ توختاپ قالىدۇ. تۇنجۇقۇش يىنىك تۇنجۇقۇش ۋە ئېغىر تۇنجۇقۇش دەپ 2خىل بۇلىدۇ.
1-
يىنىك تۇنجۇقۇش: بالىنىڭ تىرىسى كۈكىرىپ قالىدۇ. نەپسى ئاجىزلايدۇ. يۈرەك تاۋۇشى ۋە سۇقىشى سۇس ئاڭلىنىدۇ.
2-
ئېغىر تۇنجۇقۇش: بالىنىڭ تىرىسى تاتىرىپ پۇت، قوللىرى، مۇزلاپ، بەدەن ۋە ئىڭەك گۆشلىرى سالپىيىپ بۇشۇشۇپ قالىدۇ. نەپسى بىلىنمەيدۇ. يۈرەك ھەركىتى بارغانسىرى ئاجىزلاپ ئاخىردا يۇقاپ كىتىدۇ.
داۋالاش:
تۇنجۇققان بالىنى تىز قۇتقۇزۇش چارىلىرى بىلەن قۇتقۇزۇش لازىم. شۇڭا تۇنجۇققان بالىنى قۇتقۇزۇشتا ئاۋال نەپەس يوللىرىدكى شىلىمشىق ماددىلارنى تازىلاپ چىقىرىپ سۈنئى نەپەس ئالدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن قۇتقۇزىلىدۇ.
بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن يىغلىمىسا ۋە يۇقىردا ئېيتىلغاندەك تۇنجۇقۇش ئالامەتلىرى بولسا، ئالدى بىلەن بالىنىڭ پۇتىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ ئاغزىغا توپلۇشۇپ قالغان نەرسىلەرنىڭ چىقىرىلىشنى تىزلىتىش ئۈچۈن بېشىنى تۈۋەن قىلىش لازىم. ئاندىن كىيىن تىزلىكتە ئېغىز ئىچىنى تازىلاپ بالىنىڭ ئاغزىغا بىرقەۋەت داكا قۇيۇپ تۇغۇت ئانىسى ئاغزىنى بالىنىڭ ئاغزىغا ئۇدۇل قىلىپ پۈلەش ئۇسۇلى بىلەن نەپەس ئالدۇرسا بۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئۈنۈم بەرمىسە تىۋىپ بىرقول بىلەن بۇۋاقنىڭ دۈمبىسىنى يۈلەپ ئاستا كۈتۈرۈپ، كۆكرەك قىسمى ئالدىغا چىققاندا يەنە ئاستا ياتقۇزۇپ قۇپۇش ئۇسۇلىنى تاكى بالا نەپەس ئالغىچە تەكرارلىسا بۇلىدۇ.تۇغۇلۇپ بىرنەچچە مىنۇتقىچە ھۇشىغا كەلمىسە مارجاننى ياكى مەرۋايىتنى قىزىتىپ بالىنىڭ تىرىسى كۆيمەيدىغان ھالەتتە ئىككى مەڭزى ۋە پىشانىگە ياقسا ھۇشىغا كىلىپ يىغلايدۇ. سۇغۇق ئۈتۈشتىن تۇنجۇققان بولسا ئىسسىق ئۇرۇندا ياتقۇزۇپ داكىنى سۇدا قىزىتىپ، بالىنىڭ كۆكرەك ۋە ئېغىزلىرىغا تەككۈزسە، بالىنى ئۈرە قىلىپ كۆرەكنى بوش بېسىپ بەرسە ھۇشىغا كىلىدۇ.
بۇۋاقلار ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن مەخسۇس ئادەم خەۋەر ئېلىپ نەپس، يۈرەك ھەركىتى ۋە چىرايىنى كۈزۈتۈپ تۇرۇش ۋە دەسلەپكى ئىمىتىش ۋاقتىنى كىچىكتۈرۈش لازىم. دەسلەپ ئىمىتكەندىن كىيىنمۇ ئۈسۈپ قايتا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن بالىنى كۆپ مىدىرلاتماسلىق ۋە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتقۇزۇش كىرەك.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282