busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 12585 قىتىم كۆرۈلدى

بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىش كىسەللىكى

تۇنۇش: بۇ بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىش بۇلۇپ ، قۇلاقنى تۇۇتپ يىغلاش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بەزىلەردە قۇلاقتىن سۇ ئېقىش بىلەن قۇلاق ئاغرىش بىرگە كىلىدۇ. بەزىلەردە بىرقۇلاق بەزىلەردە ئىككى قۇلاق تەڭ ئاغرىيدۇ.
سەۋەبى: بالىلارغا ئاشقازاننى سۇسلاشتۇرغۇچى، سۇغۇق يەل پەيدا قىلغۇچى يىمەكلىكلەرنى كۆپ بىرىش سەۋەبىدىن مىڭە تۇمۇرلىرىغا بۇزۇق بەلغەملىك بۇخارات ئۆرلەش بىلەن كىسەللىك پەيدا بۇلىدۇ. مىڭىدە خام بەلغەم خىلىتنىڭ غالىپ كىلىشى، سەرسام ئىششىقى، ماددىلىق، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئىششىق- قۇلاققا ھەرخىل سەۋەپتىن سۇ كىرىپ كىتىش سەۋەبىدىنمۇ مەزكۇ ركىسەللىك كىلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بالاقۇلاق ئاغرىشتىن شىكايەت قىلىدۇ ياكى قۇلىقىنى تۇتۇپ يىغلايدۇ. ھارارەت سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا قۇلاققا سۇغۇق نەرسىلەرنى ياققاندا خوش ياقىدۇ. سۇغۇقلۇق سەۋەبىدىن پەيدابولغان بولسا ئىسسىق ئۆتكۈزسە ئاغرىق پەسىيىدۇ. سەرسان تەسىرىدىن بولغان بولسا باش ۋە قۇلاق قۇشۇلۇپ ئاغرىيدۇ. داۋاملىق قىزىيدۇ، قۇلاق ئەتراپى قىزىرىدۇ. تۇتقاندا قىزىق بىلىنىدۇ.
داۋالاش: ياللۇغ قايتۇرۇش ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282