busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 12270 قىتىم كۆرۈلدى

تۇغما سىفلىس(ئاتىشەك مەۋلۇدى)

تۇنۇش:تۇغما سىالىس ھامىلدار ئانىنىڭ قېنى ئارقىلىق بالا بەدىنىگە ئۈتىدىغان تۇغۇلغاندىن كىيىن بىرخىل كىسەللىك بۇلۇپ ئانىدا ئاتىشەك (سىفلىس) يارا كىسىلى بار بالىلار بۇ كىسەل بىلەن ئاغرىيدۇ. ئادەتتە ئىككى ئايلىق ۋاقتى ئىچىدە بەلگىلىرى كۈرۈلىشكە باشلايدۇ. ئاغرىنشىڭ پەسىل ئايرىمىسى بولمايدۇ.
سەۋەبى: بالىدا بۇ كىسەلنىڭ كۈرىلىشى ئانىنىڭ بۇ كىسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلىق سەۋەبىدىن بۇلىدۇ ئاتىشەك( سىفلىس) كىسىلى ئۇفۇنەتلەنگەن بۇزۇق قان ۋە كۆيگەن بۇزۇق خىلىتلار تۈپەيلىدىن پەيدابۇلىدىغان، بىركىشىدىن ئىككىنجى بىركىشىگە يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كىسەللىك بۇلۇپ كۈپۈنچە جىنسى ئالاقە ، سۈيۈش، قاچا- قۇچىلارنى ئورتاق ئىشلىتىش، تاماكىنى تۇتۇشۇپ چىكىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن ئانىغا يۇقىدۇ. بۇ كىسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئانا ھامىلدار بۇلۇپ تۆت ئايدىن كىيىن قورساقتىكى تۈرەلمە يۇقۇملىنىدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ كىسىلى يەڭگىلرەك بولسا بالا يۇقۇملانماسلىقىمۇ مۈمكىن. ئانا يۇقۇملانغاندىن كىيىن كۈپۈنچە چالا تۇغىلىدۇ ياكى ئۈلۈك تۇغۇدۇ ياكى بىرىنچى تۇغۇتىدا ئۈلۈك تۇغۇپ كىيىنكى تۇغۇتلىرىدا تۇغما سىالىس بىلەن تۇقۇملانغان بالا تۇغىدۇ. بۇنداق بالىلار ئانىنى ئەممەي باشقا ئاياللارنى ئەمسە شۇ ئاياللارنىڭ ئەمچىكىگە يەل يارا(سىفلىس) كىسىلىنى يۇقتىرىدۇ.
ئالامىتى: سىفلىس كىسىلى بىلەن ئاغرىغان بالىلارنى كۈزۈتۈش ۋە تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ كىسەل بىلەن ئاغرىغان ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسىدا، كالپۇكىدا ياكى ئەمچىكىدە ئالدى بىلەن مۇنەكچە پەيدا بۇلۇپ بىرمەزگىلدىن كىيىن مۇنەكچە يۇقاپ كىتىپ جاراھەتكە ئايلىنىدۇ. جاراھەتتىن زەرداپ سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. بارغانسىرى يۇغىناپ يارىلانغان ئەزالاردا بۇزۇلۇش كىلىپ چىقىدۇ. ئىلاجى بولسا كىسەل بالىنىڭ ئاتا- ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىكى باشقىلارنىمۇ بىردەك داۋالاش لازىم.

بالىلار بولسا كۈپۈنچە تۇغۇلۇپ دەسلەپكى ئىككى ئايلىق ۋاقىت ئىچىدە بەلگىلىرى كۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. كىسەل بالا ئاجىز ، روھسىز بۇلۇپ ئەت ئالمايدۇ. بەدىنىدە ھارارەت بۇلىدۇ. كىسىلى ئېغىرراقلىرىدا قان ئازلىق ئالامىتى رۇشەن بۇلىدۇ.
يۇمىلاق داغلىق ئەسۋە بۇلۇپ، سۇس قىزىل رەڭدىن تەدرىجى جىگەر رەڭگە ئۆزگۈرىدۇ. باش، ساغرا ۋە پۇت قوللىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. يۇقالغاندا قارامتۇل تاتۇق قالىدۇ

قاپارتمىلىق يەل يارا ئالغان ۋە تاپاندىن باشلىنىپ ئاستا- ئاستا گەۋدىگىچە كىڭىيىدۇ. ئىچىدە ئازراق يىرىڭلىق قان بۇلىدۇ. ئالقات ۋە تاپاننىڭ تىرىلىرى تارتىشىدۇ. قاتىدۇ، قىزىرىدۇ، ۋە پاقىرايدۇ. قانغاندىن كىيىن سىرتقى يۈزىدىكى قاقەش تۈكىلىدۇ. ئۇندىن كىيىن تېخىمۇ پارقىرايدۇ. تىرناقلىرى تار ۋە كىچىك بۇلىدۇ. چىمچىلاقنىڭ سىرتقى كۈتۈرلۈپ تۇرىدۇ

كالپۇك ۋە ساغرىسىنىڭ تىرىسى قىزىرىپ قېىتپ ، تىرە تاشلايدۇ. يېرىلىپ يارا بۇلىدۇ. يۇقىرقى كالپۇك يېرىلسا تىلىنما يېرىق شەكلىدە بۇلىدۇ.
مەقەت ئەتراپىدا ، قىزلارنىڭ جىنسى ئەزاسى ۋە ئۇغۇللارنىڭ ئۇرۇقدان ئەتراپىدىكى نەملىشىدىغان جايلاردا ھۆل سۈڭەك پەيد ابۇلىدۇ.
پۈتۈن بەدەندە ياكى بىرەر ئەزاسىدا سۇلۇق ئىششىق بۇلىدۇ. چاچ كىرپىك ، قاشلىرى چۈشۈپ كىتىدۇ.
بۇرۇندىن كىلىدىغان سۇ شىلىمشىق قان ئارىلاش كىلىدۇ. دىمىغى پۈتىدۇ، ئىمىشى قىيىنلىشىدۇ. ئاغزىنى ئېچىپ نەپەس ئالىدۇ. ئاۋازى پۈتىدۇ. شۇڭا يىغىلىسا ئاۋازسىز يىغىلايدۇ. كالپۇكىدا، ئېغىز ئىچىدە ، تىلدا، بادامسىمان بەزلەردە ياكى سىرتقى جىنسى ئەزاسىنىڭ شىللىق پەردىدە يېرىق پەيدا بۇلىدۇ. بەزى چاغلاردا ياپىلاق سۇلۇقداغ ياكى يارا پەيد ابۇلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئەزلاردا:
كىسەل بالىدا تال چۇڭۇيۇش، قۇلاق ئاستى، قولتۇق ئاستى، چاتلىرىغا يۇمشاق چۈشۈش، سۈڭەكلىرى چۇڭۇيۇش قاتارلىق ئالامەلتەر كۈرىلىدۇ. بۇرنىدا ئىششىق پەيدابۇلۇپ بۇرنىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۇسالغۇنى چىرىتىۋەتكەنلىكتىن قاڭشىرى ئولتۇرۇشۇپ كىتىش قاتارلىق  بەلگىلەرمۇ كۈرىلىدۇ. بالا كىسەل بۇلۇپ 4،5كۈن ئۆتكەندە قىزىتما پەيدابۇلۇش، چۈچۈش، ھۇشسىزلىنىش، مىڭىگە سۇ يىغىلىش ، قېتىش، باشنىڭ ئالدىنقى بۇلاقچىسى پولتۇيۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۈرىلىدۇ.

داۋالاش: سىىبلىس جاراسىمىنى يۇقۇتۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىسەل تېخى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىچكۈزىدىغان دورىلارنى ئىچۈرۈشكە ئاتىشەككە تىز تەسىر كۆرسىتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشكە ئۇڭايسىزلىق تۇغدۇرىدۇ. شۇڭا بۇ كىسەل ئەسلىدە ئانىسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، كىسەل بالىنىڭ ئانىسىغا دورا قىلىش كىرەك. ئەگەر بالا چوڭراق بۇلۇپ دورا ئىستىمال قىلالغۇدەك بولسا، ئەمچەكتىن ئايرىۋەتكەن تۈزۈك، بۇ مەزگىلدە كالا سۈتى ياكى باشقا ساغلام ئايالنىڭ سۈتىنى ئىمىزگە بىلەن ئىمىتسە بۇلىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282