busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 14574 قىتىم كۆرۈلدى

كانايچە زىققىسى

كانايچە زىققىسى ئادەم بەدىننىڭ مەلۇم ماددىلار (سىر، ھايۋانلارنىڭ تېرە يۇڭلىرى، گۈل چېڭى، بېلىق قاتارلىقلار )غا سىزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىشتىن ، كانايچىلار سىپازملىنىپ، شىللىق پەردىلىرى سۇلۇق ئىشىپ، سىرغىما سۇيۇقلۇقلارنىڭ كۆپىيىشىدىن، كانايچىلارنىڭ بوشلىقى تارىيىپ كىتىپ كىلىپ چىقىدىغان، ھاۋا ئۈتۈشۈش توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈررۈپ چىقىردىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر.

ياقىدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر

1.   ئاقسىل تەركىبى مول يىمەكلىكلەر: زىققا ئاقسلىنى كۆپ خورىتېۋېتىدۇ، بەدەن قۇۋىتىنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن تۇخۇ تۇخۇمى، كالا سۈتى، قارا گۆش، بېلىق، پۇرچاق سۈتى، دۇفۇ قاتارلىق پۇرچاق ياسالمىلىرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بېرىشى لازىم.

2.  ۋىتامىن «ئا»، ۋىتامىن«س» تەركىبى مول يېمەكلىكلەر: ۋىتامىن«ئا» ئىپتىليە ھۈجەيرىلىرى ۋە تۇقۇلمىلىرنىڭ ساقلىقنى ساقلايدۇ. زىققا تەسىردىن زەخمىلەنگەن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرنى ئەسلىگە كەلتۈردۈ. ۋىتامىن«س» بەدەننىڭ كىسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ۋە زىققىنى داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ۋىتامىن «س» ئاپلىسىن، پەمىدۇر، پالەك، مايلىق بەسەي، تۇرۇپ قاتارلىق يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە مول بۇلىدۇ. ۋىتامىن « ئا » ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم سېرىقى، قايماق، سېرىق ماي قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە نىسبەتەن كۆپ بۇلىدۇ.

3.  قەھۋە: قەھۋە تەركىبىدىكى كوفېئىن كانايچىلارنى كېڭەيتىپ، زىققا ئالامەتلىرىنى يىنىكلىتىدۇ، شۇڭا، قەھۋەنى مۇۋاپپىق دەرىجىدە ئىچىپ بەرسە كانايچە زىققىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ياقمايدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر

1.   ھاراق، تاماكا، ئاچچىق- چۈچۈك، غىدىقلاش خۇسۇسيىتى بار يېمەك – ئىچمەكلەر: كالا، قوي گۆشلىرى، پىياز، سامساق، قىزىلمۇچ، نەشپۈت، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، بەك تۇزلۇق مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.

2.  زىيادە سىزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەر: ئاللىرگىيلىك زىققا كىسىلى بارلار بېلىق، راك، كالا گۈشى، كالا سۈتى، تۇخۇم، خوراز گۈشى، ھەسەل، شاكىلات، قوي گۈشى قاتارلىق ئاسان زىيادە سىزىمچانلىق پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.

3.  سوغوق ئىچىملىكلەر: زىققىنىڭ سوغوق ئىچىملىكلەر بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بۇلىدۇ،داۋالىنۋاتقان مەزگىلدە سوغوق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.

4.  بەك تاتلىق يېمەكلىكلەر: بەك تاتلىق يېمەكلىكلەر بەدەننىڭ ھۆل ئىسىسقىنى ئاشۇرۇپ بەلغەم پەيدا قىلىدۇ، زىققا كېسەللىرنىڭ ئەسلىدىنلا بەلغىمى كۆپ بولغاچقا، بەك تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا بەلغەم كۆپىيىپ كېتىپ، كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا پەرھىز تۇتۇش لازىم.

يوللىغۇچى: ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282