busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 2 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 36046 قىتىم كۆرۈلدى

داس بوشلىغى ياللۇغى .

ئاياللار جىنسى ئەزالىرى بالىياتقۇ،تۇخۇمدان،تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ۋە ئۇىڭ ئەتىراپىدىكى قوشۇمچە توقۇلمىلار،داس بوشلىغى قورساق پەردىلىرى ياللۇغلىرى ئۇمۇملاشتۇرلۇپ داس بوشلىغى ياللۇغى دەپ ئاتىلدۇ.

داس بوشلۇغى ياللۇغىنى ئۆتكۇر خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغى دەپ ئىككى تۇرگە بولىندۇ.

ئۆتكۇر خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغى

سەۋەبى:

تۇغۇتتىن ،بويىدىن ئاجرىغاندىن كىيىن ھېيىز مەزگىلدە يۇقۇملىنىشتىن بولىدۇ. بالياتقۇ بوشلۇغىدىكى ئوپراتسيە  مەشغۇلاتى كەلتۇرۇپ چىقارغان

ياللۇغلىنىش .ھېيىز دەۋېردىكى تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن بولىدۇ.بولۇپمۇ ھېيىز مەزگىلىدە تازىلىقى ياخشى بولمىغان قەغەز ئىشلىتىش،ھېيىز مەزگىلىدە جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇش قاتارلىقلار ياللۇغلىنىشنى كەلترۇپ چىقىرىدۇ.

باشقا ئەزالاردىكى يۇقۇملىنىشنىڭ بىۋاستە يامىرشى يەنى ئۆتكۇر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى،قورساق پەدە ياللۇغى قاتارلىقلاردىن كىلىپ چىقىدۇ.

يۇقۇملىنىش خاراكتىرلىك تارقىلىشچان كىسەللىك،جىنسى مۇناسىۋەت تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق،بالدۇر جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش،كۆپ جىما قىلىش،جىنسى مۇناسۋەت ھەددىدىن كۆپ زىيادە بولغۇچىلاردا،جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۇزگۇچنىڭ كىسەللىك ئانتىگىنى تاجاۋۇز قىلىپ يۇقارقى كىسەللىكنى چىقارغان .

قان ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ.

سوزۇلما خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغىنڭ قوزغۇلۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ.

بالياتقۇ تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سالدۇرغاندىن بولىدۇ.

كىلىنىك ئىپادىسى :

دەسلەپتە قىزىتما،قورساقنىڭ ئاستى ئاغىرىش قوشلۇپ كىلىدۇ،ئېغىر بولغاندا يۇقۇرى قىزىتما،توڭۇپ تىترەش،يۇرەك سوقۇشى تېزلىشىش،باش ئاغىرىش بولىدۇ.قورساق پەردىسىدە ياللۇغ بولسا قۇسۇش،قورساق كۆپۇش،داس بوشلۇغى يېرىڭلىق ئىششىغى بالياتقۇ كەينىدە بولسا ئىچى سۇرۇش،قۇرۇق ئىنجىق ،تۇز ئۈچەي غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى بولىدۇ ھېيز مەزگىلىدە كىسەللىك قوزغالغاندا ھېيىز مىقدارى كۆپيىش دەۋرىى ئۇزىراش بولىدۇ،ھېيىز كەلمىگەن ۋاقىتتا بولسا ئاقق خۇن كۆپ كلىدۇ.

خالتىلىق ئىششىق دوۋساققا تەسر كۆرسەتكەندە سېيىش قىينلىشىش،سۇيدۇك قېتىمى كۆپيىش بولۇپ دوۋساق ياللۇغىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ سۇيدۇك ئاغىرىتپ كىلىدۇ. بالياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىدا كىسەل قوزغاتقۇچى جاراسىملار ئوخشاش بولمىغاچقا ئالامەتلىرنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېريەسىدە يۇقۇملاانغاندا ئالامەتلىرىمۇ يەڭگىل بولىدۇ بەدەن تېمپۇراتېريەسى38ئەتراپىدا بولىدۇ.كوپىنچە48سائەت ئىچىدە يۇقۇرى قىزىتما كۆرلىدۇ.قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى سەل-پەل ئاغىرىيىدۇ،چىللە خۇنى كۆپىنچە دۇغلۇق ۋە سېسىق پۇرايدۇ.بالياتقۇنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ياخشى بولمايدۇ،قان ئېرىتكۇچى زەنجىرسىمان شارچە باكتىريەسىدىن يۇقۇملانغاندا ئالامەتلىرىمۇ ئېغىر بولىدۇ.ياللۇغ بلاياتقۇنىڭ مۇسكۇل قەۋىتىگىچە بارىدۇ.كىسەل ئۇشتۇمتۇت توڭلاپ قاتتىق قىززىپ بەدەن ھارارىتى40~39بولۇپ قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغىرىيدۇ،بالياتقۇنى باسقاندا ئاغىرىش ئېىنق بىلىنىدۇ،چىللە خۇنى ئانچە كۆپ بولمايدۇ،پۇرىغىمۇ بولمايدۇ.

داس بوشلۇغى بىرىكتىرگۈچى توقۇلمىلار ياللۇغلاغاندا بىماردا قىزىتما توڭۇپ تىترەش بولۇپ بەدەن تىمپۇتۇرسى37.5~39بولىدۇ.تاكى قورساق قىسمىنىڭ بىر تەرىپى ياكى ئىككىلاتەرىپى ئاغىرىيدۇ.داس بوشلغىنى تەكشۇرگەندە:جىنسى يول قىزارغان كوپ مىقداردا يېىرڭلىق ئاجرالما ماددىلار بولىدۇ يېرىڭلىق ئاجىرالما ماددىلار بالياتقۇ بوينىدىن قاراپ ئېقىپ بالابوينى شىللىق پەردىسى ياللۇغى ياكى بالاياتقۇ بوينىنڭ ئۆتكۈر يۇقۇملىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

ئالدىنى ئېلىېش:

تۇغۇت بويىدىن ئاجىراش،ھېيز مەزگللىرىدىكى تازىلىققادىققەتقىلىش.

تۇغۇت ۋە ئاياللار بۇلۇم،ئوپىراتسىيەخانىدىكى دىزىمفكسىيەگەدىققەت قىلىپ  ئوپىراتسىيە ۋاختىدىكى مىكىروپسىز مەشغۇلات ئېلىپ بىرىش بۇلۇپمۇ سۇنئى ئۇسۇلدا ھامىلدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغاندا بالىياتقۇ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ھالقىسى سالدۇرغاندا،بالىياتقۇ ئچى قىرىپ تازىلىغاندا قاتارلىقلاردا ئوپىراتسىيەدىن كىيىنكى پەرۋىشنى ياخشى قىلىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىىنى ئېلىش لازىم.

جىددى خاراكتىرلىك داس بوشلىغىنى داۋالىغاندا ۋاختىدا داۋالاش تەلتۇكۇس ساقايتىش،ئاستا خاراكتىرلىك داس بوشلىقىغا ئوزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

جىنسى تۇرمۇشتىكى تازىلىققا دىققەت قىلىش،جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇدىغان كىسەللەرنى ئازايتىش،ھېىيز كەلگەن ۋاقىتتا جىنسى مۇناسىۋەت قىلماسلىق لازىم.

داۋالاش:

داۋالاشتا ئالدى بىلەن بىمارنى ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرغۇزۇش،

 ياللۇغلىنىشنى چەكلەش ئۇچۇن بىمارنى يېرىم ياتقۇزۇش ھالىتىدە

ياتقۇزۇش ئاياللار بۇلۇمىدىكى ھاجەتسىز تەكشۇرۇشلەردىن ئامال بار ساقلىنىش ئۇزۇقلۇقنى كۇچەيتىپ بىمارنىڭ تەبىئەت كۇچىنى ئاشۇرۇش لازىم شۇنىڭدەك يۇقۇملىنىشقا قارشى ھەمدە قاننىڭ،سەپىرانىڭ ئوتكۇرلىكىنى پەسەيتىكۇچى قان تازىلىغۇچى دورىلار ئشلىتىلىدۇ بۇنىڭ ئۇچۇن:ئەرقى چوبىچىن،ئەرقى شوخلا، ئتتىرپىل چوبىچىن،ئەرقى شاھتەرە

ئەرقى كاكىنەچ ئەرقى مۇسەففىى خۇن،ئەرقى بادىيان،چىلان شەربىتى مەجۇنى ئوشبە،شەربىتى ئوشبە قاتارلىقلار ئشلىتىلىدۇ .

ئەگەر قىززىتما بولسا ئەرقى گۇلگە ياكى سىركىگە ئاق سەندەلنى سوقۇپ پۈتۈن بەدەنگە چېپىلىدۇ،ياكى سۇغۇق ئۆتكۈ زىلىدۇ  شەربىتى نىلۇپەر شەربىتى بىنەپشە بىرلىدۇ

تەييارلىغۇچى : ئاياللار كىسەللىك بولومى

 يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282