busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 2 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 27113 قىتىم كۆرۈلدى

سوزۇلما خاراكتىرلىق داس بوشلىقى ياللۇغى

سەۋەبى :

كۈپۈنچە ئۆتكۈر خاركتىرلىق داس بوشلىقى ياللۇغۇنى داۋالاشنىڭ دەل ۋاقتىدا ۋەئۇزۇل كىسىل بولماسلىقى ياكى كىسەلنىڭ بەدىنى بەك ئاجىز بولغان ئەھۋالدا، تەبئەت كۇچى كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۇچى يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن. ۋاقىتنى ئۇزارتىۋاتقانلىقتىن بۇلىدۇ. لىكىن بەزى ئەھۋاللاردا ئوتكۇر خاراكتىرلق ياللۇغلىنشلۇق كىسەللىك تارىخى يوقلارمۇ بۇلۇپ قالىدۇ ئۇندىن باشقا خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبئى ئوزگىرىشىدىن بۇلۇپمۇ غەيرى تەبئى سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن بۇلىدۇ.

كىلىنك ئپادىسى :

پۇتۇن بەدەندىكى ياللۇغلىنىش ئپادىلىرى ئىنىق بۇلمايدۇ،بەزى ۋاقىتتا تۇۋەن قىززىتما بۇلىدۇ ھەم كىسەللك ۋاقتى ئۇزىرايدۇ،بەزى بىمارلاردا روھى كەيپىيات سۇسلۇشۇش،پەيدا بۇلىدۇ،مەسىلەن روھى جىددىيلىك ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بۇلىدۇ.بۇ ۋاقىتتا بىمارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۇچى تۇۋەنلەپ جىددى خاراكتىرلك كىسەللىكنىڭ پەيدا بۇلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

ئاستا خاراكتىرلىك ياللۇغ  كىلىپ چىققاندا داس بوشلىغىغا قان يىغىلىشنى كەلترۇپ چىقىرىپ توۋەنكى قوساق چىڭقىلىش،ئاغىرىش،بەل قىسمى ئېچىشىپ ئاغىرېىش،ئغىرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلدۇ.بۇئالامەتلەر ھارغاندا جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا ۋە ھېيىز كىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە كۇچىيىدۇ.

ئاستا خاركتىرلىك ياللۇغدا داس بوشلۇقىدا قان ئويۇش بولىدۇ،بىماردا داۋاملىق ھېيىز مىقدارى كوپىيىدۇ. تۇخۇمداننىڭ خىزمىتى بۇزۇلغاندا ھېيىز قالايمىقانلىشىش تۇخۇم تۇشۇش نيچىسى چاپلىشىپ توسۇلغاندا ھامىلدار بولماسلىق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.

بەدەن ئالامەتلىرى:

بالاياتقۇنىڭ شەكلى ئادەتتە كەينى تەرەپكە تومپۇيۇپ چىققان بولىدۇ،پائاليتى توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ،ئەگەر تۇربا يولى ياللۇغلانغان بولسا بالياتقۇنىىڭ بىر ياكى ئىككى تەرىپىدە تۇربا يولنىڭ شەكلى شاخچە شەكلىدە قېلىنلايدۇ،يەڭگىل دەرىجىددە ئاغىرىيدۇ.ئەگر تۇربا يولىغا سۇ يىغىلغان ياكى تۇربا يولى تۇخۇمدان ئۆسمىسى بولغاندا داس بوشلۇغىنىڭ بىر ياكى ئىككى تەرىپىدە خالتا شەكىلدىكى مۇنەكچە ماددا ئۇرۇنىدۇ ھەركىتى توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ.ئەگەر داس بوشدلۇغىدىكى ئىپتىدىليە توقۇلمىلرى ياللۇغلانغاندا بالياتقۇنىڭ بىر ياكى ئككى تەرىپى پارچە شەكىلدە قېلىنلايدۇ باسقاندا ئاغىرىيدۇبالياتقۇ توۋەنكى تارامۇچلىرى قىلىنلاپ قاتتىقلىشىدۇ  .

ئالدىنى ئېلىش :شەخسى تازىلىققا دىققەت قىلىش ،بەدەن چىنىقتۇرۇش،ئۆتكۇر داس بوشلۇقى ياللۇغىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش ئۇزۇقلىنىشنى كۈچەيتىش،بىمارنىڭ كۆڭلدىكى غەم ئەندىشىسىنى تۇگىتىپ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۇرۇش لازىم.

داۋالاش:

دەسلەپتە سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بېرش بىلەن بىرگە، ئەرقى چوبىچىن،ئتتىرپىل چوبىچىن،ئەرقى شوخلا،ئەرقى بادىيان،شەربىتى ئوشبە مەجۇنى ئوشبە،قاتارلىق يالللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار بىرىلىدۇ.مەتبۇخى ئەفتىمۇن بىرىلىدۇ،يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ياللۇغنىڭ شۇمۇرلۇپ يوقۇلىشى ئۇچۇن قۇرۇتۇلغان تۇز بىلەن قورساق قىسمىغا ئىسسىق ئوتكۇزۇلىدۇ،ياكى قۇمنى قورۇپ ئاززىراق ئاچچىقسۇ ئارلاشتۇرۇپ تېڭىلسىمۇ بۇلىدۇ.شۇنىڭدەك قىزىل گۇل،زاراڭزا ئۇرۇغى،ئىت ئۇزۇمى،گۇلى بابۇنە سېمىز ئوت ئۇرۇغى،پولوس مېغىزى،زىغىر

ئۇرۇغى7گرامدىن،خىيارشەنبەر9گىرام ئېلىپ كۆك كاسىنە سۇيىدە يۇغۇرۇپ گۇل يېغى بىلەن قوشۇپ يىرىم ئسسق ھالەتتە زىماد قىلىنىدۇ.

بابۇنە،ئككلملىك،مامۇرانچينى،ئاق لەيلى،سېمىز ئوت ئۇرۇغى،ئىت ئۇزۇمى،شومىشا،سېرىق چىچەك قاتارلىقلارنىڭ قاينىتىلغان سۇيىدە ۋاننا قىلىنىدۇ.

تۇربا يولىغا خالتىلىق ئششىق قوشۇلۇپ كەلسە يۇقارقىلار بىلەن بىرگە تال شەربىتى بىرىلىدۇ،ئەگەر خالتىلىق ئششق چوڭ بولسا دەستىكار ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىۋىتىلىدۇ نىرۋا ئاجىزلىقى ئۇچۇن شەربىتى مائۇل جەبىن بىرىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىلىزما،ۋاننا،زىمات ۋە باشقا ياللۇغ قايتۇرغۇچى شەربەتلەر بىرىلىدۇ.

پەرھىز:يەلىك غەلىز غىزالاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ مەسىلەن لازا،ئاچچىقسۇ،قارا مۇچ،كالا گۆشى قاتارلىقلار ياللۇغ بىر ئاز پەسەيگۇچە تۇخۇم،قوي گۆشىنىمۇ كۆپ ئستىمال قىلماسلىق لازىم.

تەييارلىغۇچى : ئاياللار كىسەللىك بولومى

 يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282