busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 11 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 30491 قىتىم كۆرۈلدى

ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تارىخى

 

  ئۇيغۇر تىببى – دورىگەرلىك ئىلمى ۋەتەن تىببى دورىگەرلىك ئىلمى غەزىنىسىنىڭ موھىم تەركىۋى قىسمى. ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلىقلىرنىڭ قىرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرگە ئۇزۇندىن بۇيان كىسەللىكلەرگە قارشى قىلغان كورەشلىرىنىڭ ئومومى يەكۇنى.

ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى مول مەدىنىيەت قىممەتلىك مەدىنىي مىراسلارغا ئىگە قەدىمىي بىر مىللەت. ظۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى جەريانى ۋە كىشىلىك جەمىيەتتنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلىرىدە ۋەتىنىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلىقلىرى بىلەن بىرگە كورەش قىلىپ،تۇرلۇك- تۇمەن ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلار جۇملىدىن ئىلىم –پەن،ھونەر – سەنئەت ساھاسىدە ئاجايىپ كەشپىياتلارنى يارتىپ،جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پارلاق مەدىنىيەت غەزىنىسىنى بەرپا قىلىشتا ھەم ئاسىيا مەدىنىيتىنى ئىلگىرى سۇرۇشتە ئوزىگە موناسىپ شانلىق توھپىلەرنى قوشقان.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلكى،ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئۇ ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ جۇملدىن ئۇلار ئارىسىدىن يىتىشىپ چىققان ئەنچى ، ئاتاساغۇن ، تىۋىپ ۋە دورىگەرلەرنىڭ سان – ساناقسىز ۋاستىلىق ياكى ۋاستىسىز ، موۋەپپىقىيەتلىك ياكى موۋەپپىقىيەتسىز تىببى تەجىربىلىرى ، دورىگەرلىك  ئىقتىدارلىرىنىڭ توپلىنىشى ، رەتلىنىشى ،ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يىزىپ قالدۇرلىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان . دىمەك ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ،ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كورىشى ، ئىلمى تەجىربە ۋە تۇرلۇك ئاغرىق سىلاقلارغا قارتا ئىلىپ بارغان كورەشلىرى جەريانىدا يەكۇنلىگەن ئىلمى يەكۇنى . ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىببى - دورىگەرلىك ئىلمىنىڭ  قىسقىچە  ئاتىلىشى.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەدىنى مىراسلىرىنىڭ بىرى بولوپ،ظۇ، ئوزىنىڭ ئۇزۇن تارىخى جەريانىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ غەربى زىمىدىن ئىبارەت بۇ بىپايان كەڭ زىمىندا ياشاپ،ئوسوپ، كوپىيشىدە ئاساسلىق رول ئويناشتىن تاشقىرى ھەر مىللەت خەلىقلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاش،كىسەللىكلەرنىڭ  ئالدىنى ئىلىش، داۋالاش جەھەتتە زور توھپىلەرنى كورسەتكەن.

مىلادى 5- ئەسىردىلا،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىپەلىك يىزىق قوللاغانلىق جەھەتتە كوپ تارىخى يازما ۋە ماددى پاكىتلار بار. يىزىق بولسا بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيتىنى ئولچەشنىڭ موھىم بىر ئولچىمى.تىل تەرەققە قىلىپ موئەييەن بىر  باسقۇچقا يەتكەندە ئاندىن يىزىق پەيدا بولىدو.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىقخا ئىگە بولوش بىلەن دۇنياغا مەشھور. بۇھەقتە مەملىكىتىمىزنىڭ يازما خاتىرلىرى،قىزىپ ئىلىنغان ئارخىلوگىيەلىك ماددى مەنبەلەر ۋە شىنجاڭدىن چەتئەللەرگە ئىلىپ كىتىلگەن يازما ماتىرياللاردا :بىرلىن،لوندون،موسكىۋا ، لىلىنگىراد ، توكيو،پارىژ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تارىخى موزىيلىرىدا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىككە ئائىت نورغون ماتىرياللار ساقلانماقتا.بۇلارنىڭ بەزىلىرى تەرجىمە قىلىنىپ ئىلان قىلىنغان بولسىمو،خىلى كوپ قىسمى تىخى تەرجىمە قىلىنىپ ئىلان قىلىنمىدى.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى،ئادەم بەدىننىڭ بىر پۇتۇنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە،تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھاياتلىقغا دائىم، زىچ تەسىر قىلىپ تۇرىدىغانلىغىنى ئالاھىدە كورسىتىدو. كەڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ توت چوڭ ماددا (ئاناسىر ئەربەئە) يەنى ئوت، ھاۋا، سۇ ، تۇپراقتىن تەشكىل تاپقانلىغى،تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۇلار زىدىيتىنىڭ نەتىجىسىدە تەرەققى قىلىدىغانلىقى ھەمدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئىنسانلارنىڭمو ئۇلارنىڭ دائىملىق تەسىردە بولىدىغانلىغى، ئۇلارسىز ماددىلارنىڭ يىتىلمەيدىغانلىقى، ھاياتلىق بولمايدىغانلىقىنى كورسىتىدو. توت ئاناسىر ئوخشىمىغان توت خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە ماددا بولوپ، ئوت قۇرۇرق ئىسسىق؛ سۇ ھول سوغوق؛ تۇپراق، قۇرۇق سوغوق؛ھاۋا ھول ئىسسىق بولىدو. ئۇلار بىر- بىرگە زىت شۇنىڭدەك بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدو.

 

  

خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش
       خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى 1975-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ،داۋالاش ،تەتقىقات ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە دورا ياساش بىر گەۋدە قىلىنغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پايدا ئالمايدىغان 2-دەرىجىلىك ئونۋىرسال دوختۇرخانا بولۇپ ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ دوختۇرخانىلىرىنىڭ بىرى .پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بىردىنبىر ئويغۇر تىبابىتى كىلىنكىلىق مەخسۇس ئىقتىساس خادىملىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش تەربىيلەش بازىسىدۇر .2007-يىلى يىل بېشىدا دوختۇرخانىمىز مەملىكەتلىك جۇڭيى دورىگەرلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك نۇقتىلىق مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇش ئورنى قىلىپ بىكىتىلدى . دوختۇرخانىمىز كۆپ يىللىق جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش يولىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان ۋىلايىتىمىزدىكى 6چوڭ غوللۇق كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى .
     دوختۇرخانىمىز خوتەن شەھىرى غەربىي بېيجىڭ يولى 37-قوروغا جايلاشقان . خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى 1975-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ خوتەن ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابىتى ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمدىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ زورايغان ھازىرقى داۋالاش، تەتقىقات، ئوقۇتۇش ۋە دورا ياساش بىر گەۋدە قىلىنغان ئونۋىرسال دوختۇرخانا. ئومۇمىي يەركۆلىمى 25974كۋادىرات مىتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 32000 كۋادىرات مىتىردىن ئارتۇق.كەسپى ئىشلىتىلىۋاتقان يەر كۆلىمى 25000 كۋادىرات مىتىردىن ئارتۇق بولۇپ مۇقۇم مۆلۈك 70مىليون يۇەندىن ئارتۇق. دوختۇرخانا كارۋات سانى 450 كارۋات، ئەمەلىي ئىشلىتىلىۋاتقىنى 530 كارۋات، شىتات سانى 295نەپەر، ھازىر بار بولغان ئىشچى-خىزمەتچى 363 نەپەر، شىتاتتىكى خادىم 252 نەپەر، تەكلىپ قىلىنغان خادىم 95 نەپەر، ماگىستىر 2 نەپەر،تۇلۇق كۇرۇستىكىلەر 72 نەپەر، مەخسۇس كۇرۇستىكىلەر 195 نەپەر، ئوتتۇرا تېخنىكومدىكىلەر 78 نەپەر، كەسپىي تېخنىكا خادىملار 272 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %78.5 ئىگەللەيدۇ. كەسپىي خادىملار ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلەر 29 نەپەر ( مۇدىر ۋىراچ 5 نەپەر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ 24 نەپەر) ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلەر 33 نەپەر،باشلانغۇچ دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلەر 214 نەپەر، دوختۇرخانىمىزدا 21 بۆلۈم تەسسىس قىلىنغان بۇلۇپ كلىنكىلق بۆلۈمدىن 15 بار. ئۇلار: يۈرەك قان-تۇمۇر 1-بۆلۈم، يۈرەك قان-تۇمۇر 2-بۆلۈم، ئاياللار 1-، 2-، 3-بۆلۈم،نەپەس بۆلۈم، ھەزىم بۆلۈم، تىرە بۆلۈم، نىرۋا-سۈيدۈك بۆلۈم، سۆڭەك 1-، 2-بۆلۈم،  فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈم، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمدىن ئىبارەت. تىببىي تېخنىكا بۆلۈمدىن 6 سى بار بۇلۇپ ئۇلار : ئونۋىرسال بۆلۈم، كەسپىي بۆلۈم،لابۇلاتورىيە بۆلۈم، سايلاندۇرۇش بۆلۈم، ئوقۇتۇش-تەتقىقات بۆلۈم، دورىگەرلىك بۆلۈمى (دورا تەمىنلەش بۆلۈم، مەركىزى دورىخانا، شەربەت بۆلۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) دىن ئىبارەت. دورا تەمىنلەش بۆلۈمى 13 خىل شەكىلدە، 105 خىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى ئىشلەپ چىقىرالايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 29 خىل دورا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دورا ئۆلچىمى (ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى ) غا كىرگۈزۈلگەن. ئۇندىن باشقا دوختۇرخانىمىز مەبلەغ چىقىرىپ،لوپ ناھىيسىدە دورا زاۋۇتى قۇرۇپ چىقتى، كۆلىمى 7000كۋادىرات مىتىردىن ئارتۇق بولغان دورا زاۋۇتى دۆلەتلىك GMP ئۆلچىمىدىن ئۆتۈپ، ئۇيغۇر تىبابەت دورىسىدىن تابلىت، دانچە، ھەب، ئىچىملىك، كاپسۇل قاتارلىق 5 خىل شەكىلدە دورا ئىشلەپ چىقىرالايدۇ، ھازىر دوختۇرخانىمىز تەتقىق قىلىۋاتقان قۇرسى ئىمساك، لوبۇبى كەبىر، سەرپىستان جەۋھىرى، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى قاتارلىق 4 خىل دۆلەت تەسسىس نۇمۇرى ئالغان دورىلار بار. «قۇرسى ئىمساك » «جۇڭگۇ مىللىي تىبابەتچىلىك دورىگەرلىك ئىلمى جەمئيىتى تۇنۇشتۇرۇش مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى » گەئېرىشتى .
      دوختۇرخانىمىز باشتىن ئاخىرى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانا قۇرۇش فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ ، نەچچە مىڭ يىللىق ئۇيغۇر تىبابەت جەۋھەرلىرىنى چوڭقۇر قىزىپ ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسىنى قوللۇنۇپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئۆزىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئالاھىدە تەرەققىيات نىشانى قىلىدۇق. دوختۇرخانانىمىز ئاساسلىق قانات يايدۇرغان داۋالاش تۈرلىرى كۆپ كۆرىلىدىغان كىسەللىكلەر كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەللىكلەردىن باشقا، يەنە بەرەس، كالا تەمرەتكىسى، سوزۇلما خاراكتىرلىك جىگەر ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتىرلىك كانەيچە ياللۇغى، زىققا، تاجىسىمان يۈرەك كىسىلى، ھەزىم يولى يارىسى، دىئابىت، بۆرەك، ئۆت تېشى، رىماتىزىم، ئەرلەر كىسەللىكلىرى ( جىنسىي قابىلىيەتنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش، مەزى بەز توسالغۇغا ئۇچراش، مەزى بەز ياللۇغى ) ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئاياللار كىسەللىك ياللۇغى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى، نىرۋا ئاجىزلىق، سەۋەبى ئىنىق بولمىغان غەيرىي تىپتىكى كىسەلىكلەر قاتارلىقلار ؛ داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورا ئىشلىتىشتە %100 لىك ئۇيغۇر تىبابەت دورىسىنى ئىشلىتىدۇ .
       دوختۇرخانىمىز كەسكىن بازار رىقابىتىدە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر تىبابەت دورا مار كىسىنى يارىتىشتىن ئىبارەت دوختۇرخانا قۇرۇش تەپەككۇرىنى چۆرىدەپ كەڭ بىمارلارنى جەلىپ قىلىپ، تۈرلىىك خىزمەتلەردە تىز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قولغا كەلتۈردۇق. دوختۇرخانا خىزمەتلىرىمىز كەڭ بىمارلار، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر، كەسپىي زاتلار ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك ئىتىراپ قىلىشى ۋە يۈكسەك باھاسىغا ئىرىشىپ، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تىبابەتخانىسىغا ئايلاندى .
        كۆپ يىللاردىن بويان دوختۇرخانىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇۋاپىقىيەتلىرى 2004- يىلى دوختۇرخانىمىز شىنجاڭ سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى كىلىنكىلىق مەخسۇس بۆلۈم بويىچە ئىقتىساسلىقلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش، تەربىيلەش بازىسى قىلىپ بىكىتىلدى .
2007- بېشىدا دوختۇرخانىمىز مەملىكەتلىك جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق، مىللىي تىبابىتى بويىچە دوختۇرخانا قۇرۇش ئورنى، 2007- يىلى 6- ئايدا دوختۇرخانىمىز مەملىكەتلىك جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، مەملىكەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك مىللىي تېبابەتچىلىك دورا خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللىكتىپ ؛ 2007-يىلى 11- ئايدا دوختۇرخانىمىزنىڭ يۈرەك قان-تۇمۇر كېسەللىكلەر بۆلۈمى مەملىكەتلىك جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن11-بەش يىللىقنۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇش تۈرى قىلپ بىكىتىلدى .2007 –يىلى 12- ئايدا دوختۇرخانىمىز سەھىيە مىنستىرلىكى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك سەھىيە سېستىمىسىدىكى ئىلغار كوللىكتىپدىگەن شەرەپلىك نامغا، مەملىكەتلىك8-مارت قىزىل بايراقدار كوللىكتىپقىلۇپ باھالاندۇق .2008 – يىلى 2- ئايدا دوختۇرخانىمىز ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن « پۈتۈن شىنجاڭدىكى سەھىيە سىستىمىسىدىكى ئىلغار كوللىكتىپ » شەرەپ نامىغا ئىرىشكەن .

 

  ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ  تارىخى تۆھپىلىرى 

ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەدىنى مىراسلىرىنىڭ  بىرى بۇلۇپ،ئۇ ئۆزنىڭ ئۇزۇن تارىخىي جەريانىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ غەربى زىمىندىن ئىبارەت بۇ بىپايان كەڭ  زىمىنىدا ياشاپ ئۆسۇپ كۆپىيىشىدە ئاساسلىق رول ئويناشتىن تاشقىرى،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاش، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش،داۋالاش جەھەتتە زور  تۆھپىلەرنى كۆرسەتكەن.

1)     ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە مۇشۇ رايۇندا ھايات كەچۈرۈپ خەلىقلەرنىڭ تەن ساقلىغىنى قوغداش،كېسەلنىڭ ئالدىنى ئىلىش،داۋالاش  ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. چۈنكى شىنجاڭغا غەرىپ تىبابىتى پەقەت 20-ئەسىرنىڭ 10-يىللىرا كىرىپ،30ّّ-40 –يىللىرىغا كەلگەندە ئاندىن ئومۇملىشىشقا قاراپ  يۈزلىنىپ،شىنجاڭنىڭ سەھىيە ئىشلىرىدا رول ئويناشقا باشلىغان.

2)    قەدىمقى ئەجدادلىرىمىز تەرپىدىن بايقالغان تۆت چوڭ ماددا_ ئوت،ھاۋا،سۇ،تۇپراق قارشى دەسلىپىدە بىر پۇتۇن ئىنسان ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇشتەك ئالاھىدە تەرەپلىرى ئارقىلىق مۇھىم بىر ئىتىقاد ئوبىكتىغا ئايلىنىپ  ئۇلۇغلىنىپ،تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارغا،جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ بارلىققا كىلىشى،ھاياتلىق پائالىيەتلىرى،ساقلىق،كېسەللىك ئەھۋاللىرىغا چەمبەرچاس باغلىنىپ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئاساسى نەزىريەسىنىڭ مەركىزى مەزمۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسى بۇلۇپ شەكىللىنىپ كىيىنكى تەلىماتلارنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس بولغان.

3)    يىپەك يولىدا ئىسلامىيەت شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى،ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى جەسەت يىرىپ كۆرۇش، جەسەت مومىيالاش، تىڭىقچىلىق، سامساق، ھاراق، ئاچچىق تاش دىزىنپىكسىيەسى، باش سۆڭىكىنى ئىچىپ خالتىلىق قۇرۇت ئىلىش،كۆز ئوپىراتسىيەسى قىلىش،............. قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا زور نەتىنجە ياراتقان.

4)    ئۇيغۇر تىۋىپلىرى شىنجاڭنىڭ تاغ-يايلاق، چۆل-باياۋان، باغ-بوستانلىرىنى كىزىپ بايقاپ تۇنىغان ھەم ئەمىلى داۋالاش ئىشلىرىدا قۇللۇنۇپ كىتاپلاردا يىزىپ قالدۇرغان شىپالىق دورا ئەشيالار 3000 خىلدىن ئارتۇق بۇلۇپ،ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىپ كىلىنىۋاتقىنى 600 خىلدىن ئاشىدۇ.

5)    ئۇيغۇر تىۋىپ دورىگەرلىرى ئۆز تۇپرىغىدىن چىقىدىغان دورا ئەشيالىرىنى ئەمىلى داۋالاش  ئىشلىرىدا قوللانغاندىن سىرىت يەنە غەرىپ ۋە شەرىق تەرەپلەردىكى دۆلەتلەردە چىقىدىغان نۇرغۇن دورىلارنى  ھەم دورا نۇسخىللىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئىشلىتىپ  ئۇيغۇر تىبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ مەزمۇنىنى بىيىتقان. ئىچكىر ئۆلكىلەردىن ۋە شىنجاڭدىن چىقىدىغان دورىلارنى چەتئەللەرگە  يۆتكەپ بىرىپ،شۇ جايلاردىكى يەرلىك تىبابەتچىلىككە تۇنۇشتۇرۇپ ئۇلارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.مۇشۇ خىل دورىلارنى چەتئەللىكلەر ھازىرغا قەدەر جۇڭگۇنىڭ دەپ تۇنۇيدۇ.

6)    ئۇيغۇر تىۋىپلىرى يەنە بۇغا مۇڭگۇزى،بۆرە جىگىرى،توخۇ تاشلىقى،قۇشقاچ مېڭىسى،سەرتان،ماھى رۇببان........ قاتارلىق 50 خىلدىن  ئارتۇق ھايۋان ۋە ھايۋان ئەزالىرىنىڭ شىپالىق رولىنى تىپىپ چىققان ھەم داۋالاش ئىشلىرىدا كەڭ قوللانغان.

7)    ئۇتتۇرا  ئەسىردە كان ماددىلىرىنى قىزىش،كانچىلىق،مەدەن ئىرىتىش،قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى كەسپلىرىنىڭ بىرى  بولغاچقا، ئۇيغۇر تىۋىپ، دورىگەرلىرى يەنە قاشتىشى،سىڭىرتاش،كۆكتاش،سۈرمە تاش،نۇشۇدۇر،لەيلى تاش،ھاك،گۇڭگۇرت،زاك،زەرنىخ،مەرگىمۇش(سەنگىيا)،ئالتۇن،كۈمۈش،قوغۇشۇن،مىس،تۇچ.........قاتارلىق 50 خىلدىن ئارتۇق مەدەن دورىلارنى تۇنۇپ،ئىلەتكەن.

8)    ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق ھاياتىدىن دىھقانچىلىققا ئۆتۈپ، باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا 70 نەچچە خىل مىۋە-چىۋىلەرنىڭ شىپالىق رولىنى تىپىپ چىقىپ  ئۇيغۇر تىبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ مەزمۇننى بىيىتقان.

9)    قەدىمقى ئۇيغۇر تىۋىپلىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش جەريانىدا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل تەبىئى ماددىلارنىڭ ھەم ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرىنى، ئۇلارنى يىغىپ ساقلاشنىڭ ئىلمى تەجىربە ئۇسۇللىرىنى توپلاپ، رەتلەپ، خاتىرلەپ مىراس قالدۇرغان.

10)              ئۇيغۇر تىۋىپلىرى داۋالاش دورىگەرلىك ئىشلىرىدا ئۇزۇن مۇددەت ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ساقىيىش تەس دەپ ھىساپلىغان ئاق قان دانچىللىرى كۆپىيىپ كىتىش كېسەللىگى، خانازىر، سەرئى، دىئابىت، ئۆت تىشى، بۆرەك تىشى، يۇقۇرى قان بىسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە ئۈنۈمى يۇقۇرى بولغان بىر تۈركۈم يىڭى دورا نۇسخىللىرىنى ئىجات قىلىپ كىلنىك داۋالاش ئەمىلىيىتى جەريانىدا زور نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

11) ئۇيغۇر تىۋىپلىرى جىددى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقالغان مەزگىللەردە يەنى ئاغرىق- سىلاق، ۋابا (خولىرا)، تائۇن ( چوما) ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقالغان چاغلاردا كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان .

12)              ئۇيغۇر تىۋىپلىرى يەنە تەبىئەت ماددىلىرىدىن كەڭ پايدىلىنىپ،بىر قاتار ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى ئىجات قىلغان. مەسىلەن: كۇن نۇرى بىلەن داۋالاش، ھاۋالىق جايلارغا يۆتكەش،ھەر خىل ئارشاڭ،بۇلاق سۇلىرىدا يۇيۇندۇرۇش،تۇز كۆلدە يۇيۇندۇرۇش،ھاممام ۋە ھەر خىل سۇلار بىلەن داۋالاش،قۇمغا كۇمۇپ داۋالاش،لاي سىغىزلار بىلەن داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىجات قىلغان.

 

ئىنسانلار پەيدا بولۇش بىلەنلا ئىپتىدائى تىبابەت بىخلىرى بارلىققا كىلىدىغانلىقىنى بارلىق ئالىملار ئىتىراپ قىلىدىغان كۆز قاراشتۇر . لىكىن مىدىتسىنا تارىخىنى ئىنسانىيەتنىڭ يازما خاتىرلەر يىزىشقا باشلىغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھىساپلاش خاتا .

ئەڭ قەدىمقى تىببى پائالىيەت بۇنىڭدىن 40-50 مېڭ يىللار ئىلگىرى ئەڭ كونا تاش قوراللار دەۋرىدە پەيدا بولغان .دەسلەپتە تىببى قوغدۇنۇش ۋە داۋا ئىزدەش پائالىيەتلىرى ئوۋچىلىق جەريانىدا بولۇپمۇ قەبىلىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشتا بولغان. مەسىلەن : قىرىم يىرىم ئارىلىدا كپرچى شەھرى يپنىدىكى قۇلئاپ قەلئەسى قەبرىستانىدىن تىپىلغان ئىدىشقا سىزىلغان سىكىفلارنىڭ ھاياتى ئەكىس ئپتىدىغان سۈرئەتتە سۇنۇق تپڭىۋاتقان، چىش تارتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سۈرئىتى سىزىلغان. دوڭخۇاڭ موگاۋ 296-نومۇرلۇق غار ئىچىدە تۈرۈكچە كىيىم كەيگەن، قاڭشارلىق بۇرۇن، ئورا كۆز تىۋىپ كېسەلنى ياتقۇزۇپ قورسىقىنى موجۇپ تەكشۈرىۋاتقان، ۋە تۆگىگە مۈڭگۈز نەيچىدە دورا ئىچكۈزىۋاتقان رەسىملىرى بار . بۇ 4-5 ئەسىردىكى غەربى دىيار شىنجاڭنىڭ تىببى دورىگەرلىك مەدىنىي مىراسلىرىنىڭ بىرى.

ئىپتىدائى پائالىيەت دەۋرىدە دورادەرمەكلەر،تۇز ۋە ئارشاڭ سۇلىرىدىن پايدىلىنىش، زىيانلىق ھاشارەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەدەنگە ياكى پاقالچەككە سىغىز لاي سۈركىۋىلىش، يۈزىگە قپتىق سۈركەش، مايلاش، قاقلاش، كۆيدۈرۈش، قان ئپلىش، قۇمغا كۆمۈش، سۆگەت يوپۇرماقلىرىنى سۇغا چىلاپ بەدەنگە تپڭىش، كىپەكنى قازاندا قورۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، گىياھ سۈيىگە چۈشۈش، ھايۋان تىرىسىگە ئپلىش، ئۇچۇغداش، قۇستۇرۇش، مۇجۇش،تۇتۇش، تىڭىقچىلىق،ئاددى ئوپراتسىييە، كېسەل تارقالغاندا سامساق ئپسىپ قويۇش قاتارلىقلار بىلەن قەدىمقى ئۇيغۇرلار شۇغۇللانغان. ئۇنى ئومومى تارىخ پۈتۈنلىگىدىن ئايرىپ قاراش مۇمكىن ئەمەس.

ئۇيغۇرلار غەربى دىياردا سانى ئەڭ كۆپ بولغان ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ گۈللەنگەن بىر مىللەت. ئۇلار شەرىق تەرەپتە بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى،مۇڭغۇلىيەنىڭ غەربى شىمالىي قىسمىدا، ئالتاي تاغلىرىدىن تارتىپ بايقال كۆلى،ئىسسىق كۆل ئەتراپى، شىمال تەرەپتە تەڭرى تاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى، خنۇپ تەرەپتە پامىر ۋادىسى، پەرغانە ۋادىسى، پامىر، ھىمالايا تاغ تىزمىسىدە ياشايتتى .

ئۇيغۇر خەلقى ئاساسەن دىھقانچىلىق،چارۋىچىلىق  ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ ئولتۇراقلاشقان جايلىرى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى خەلىقارا قاتناش يوللىرى  تۈگۈنىدە  بولغاچقا تىجارەت ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان . ئۇيغۇرلار مەشھۇر خەلقارا يىپەك يولىنىڭ ئاساسى لىنىيەلىرىدە ئولتۇراقلاشقان  خەلىق بولۇپ شەرىق بىلەن غەرىپنىڭ تىجارەت، پەن- مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا  ۋاستىچىلىق رول ئوينىغان بولغاچقا  شەرىق ۋە غەرىپنىڭ مەدىنىيەتلىرىنىڭ تەسىرلىرىگە ئۇچرىغان. پەن-مەدىنىيەت جەھەتتىمۇ بىر قەدەر تەرەققى قىلىپ ئۆزى بىلەن ياشىغان نۇرغۇن قەبىلىلەر ۋە مىللەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن، شۇنداقلا خوشنا مەملىكەتلەرنىڭمۇ ئىلىم- پەن،مەدىنىيەت، تىبابەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ پەن ۋە تىبابەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ ئۇنى تپخىمۇ بپيىتىپ پارلاق ئەنئەنىۋى ھۇنەر –سەنئەت، ئىلىم –مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياراتقان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى مىللەتلىرىنىڭ چوڭ پادىشائى ئوغۇزخان غەرىپكە يۈرۈش قىلغاندا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغان قەبىلىلەردىن ئىتتىپاقى ياخشى بولغان، ئىتتىپاق ئۆتكەن، ئۆزئارا ئۇيۇشقان ۋە قەۋۇم جامائەتلىرى بىلەن توپلۇشۇپ ماڭغان قەبىلىلەرگە ئۇيغۇر  دىگەن نامنى بەرگەن. باشقا قەبىلىلەرگە ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ قىيچاق، قارلۇق، قاڭقىل دىگەن ناملارنى بەرگەن. ئۇيغۇر دىگەن سۆز ئۇيۇشماق، ئىتتىپاقلاشماق دىگەن مەنىدە بولۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياشىغان ئورنىنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىگى، تەبىئى شارائىتى، تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنىڭ تەقەززاسى بويىنچە ئۆزلىرى ئىجات قىلغان مىللى ھۈنەر سەنئەت، ئەنئەنىۋى پەن تپخنىكىلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تىبابەت تۇرۇدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ياشاپ كەلگەن جايلارنىڭ بىر قىسمى بولغان پامىر ۋە ھىمالايا تپغىنىڭ شىمالى، تارىم ۋادىسى  ھازىرقىدەك چۆل- جەزىرە بولماستىن بۇرۇنقى زاماندىكى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئاۋات، گۈل-گۈلۈستان جايلىرىدىن بولۇپ بۇ جايلاردا پايانسىز ئۆسۈملۈكلەر، يايلاقلار، دەريالار، ھايۋاناتلارمول بولغان جايلار ئىدى .ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىقلىرىنى مۇشۇ جاردا ئۈگەنگەن. ئۇلار ياشاش جەريانىدا ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، يەر ئاستى قپزىلما بايلىقلار قاتارلىق تەبىئەت ماددىلىرىنىڭ ھەر جىل خۇسۇسىيەتلىرىنى،ھەر خىل كېسەللىكلەرگە بولغان شىپالىق تەسىرلىرىدىن خەۋەردار بولغان .ھەم ئۇلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسىلەردىن ئاتتىن يىقىلىپ پۇت قوللار سۇنۇش،ياۋايى ھايۋاناتلار بىلەن كۆرەش قىلىش جەريانىدا زەخمىلىنىش لەرنى تىڭىش قاتارلىق مۇئاپىق چارە ئاماللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى پەيدا قىلغان. بۇ ئۇسۇل ئۇيغۇر خەلقىدە ھازىرغا قەدەر تىڭىقچىلىق نامى بىلەن داۋام قىلماقتا .

بۇددا دىنى شىنجاڭدا كۈچلۈك يىلتىز تارتقان مەزگەىلدە ئۇنىڭ مەدىنىيەتكە، تىبابەتچىلىككە تەسىرى ناھايىتى زور بولغان5–7  ئەسىرلەردە تىببەت تىبابەتچىلىگى ئىچكىر ئۆلكىلەر بىلەن جۈملىدىن ئۇيغۇر  تىبابەتچىلىگى بىلەن ئۆز ئارا تەسىر قىلىشقان .

8-10- ئەسىرلەردە مانى دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغاندىن كىيىنمۇ بۇددا دىنى ئۆزىنىڭ تەسىرىنى يوقاتمىغان. شۇنى كەسكىن ئپيتىپ ئۆتۈش كىرەككى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتا بوۋىلىرى كېسەللەرگە قارشى كۈرەشنى خۇراپاتلىققا تايىنىپ ئىلىپ بارماي، بەلكى ئاساسلىقى دورا دەرمەككە، قول ئەمىلىيەتلىرىگە، ئەمىلىي تەجىربىلىرىگە تايىنىپ ئىلىپ بارغان. شۇڭا ئۇيغۇر تىبابىتىنى ھەرگىز خۇراپى، ساختاپەز، باخشىلىق، ئالدامچى تىبابەتچىلىك بىلەن بىر ئورۇندا قويغىلى بولمايدۇ. بەلكى ئۇ تارىختىن بۇيان دورا دەرمەك، قول ئەمىلىيتى، دەستىگار ئۇسۇلى، نەشتەر سپلىش، قان ئپلىش، لوڭقا قويۇش، ئۇۋۋۇلاش، تۇتۇش،سۇمۇق،چىقۇقنى ئورنىغا كەلتۈرۈش، ئىسسىق،سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، قۇرۇق ئارشاڭ، ھۆل ئارشاڭ، قۇم، سۇ، كۈن نۇرى، قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاپ ۋە  ئۇيغۇرخەلقى ۋە باشقا قپرىنداش مىللەتلەرنىڭ كۆپۈيۈپ تەرەققى قىلىشىدا تۈرۈتكىلىك رول ئوينىغان تىبابەتتۇر.

غەربى خەن، تاڭ، سۇڭ سۇلالىرى مەزگىلىدە شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئوتتۇرسىدا،مەملىكىتىمىز بىلەن غەربى مەملىكەتلەر ئوتتۇرسىدا سودا مۇناسىۋەتلىرى، مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى نىسبەتەن كەڭ ئىلىپ بپرىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ئۆزىنىڭ بىۋاستە داۋالاش ئەمىلىيتى ئاساسىدىكى تەرەققىياتى بىلەن بىللە ئىچكىر بىلەن ئپران، ئەرەپ مەملىكەتلىرى بىلەن ئپلىپ بپرىلغان دورا دەرمەك سودىسى، مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدىمۇ زور يۈكسىلىشلار بولغان. شۇنداقلا جۇڭيى تىبابەتچىلىگى،ئىران، ئەرەپ تىبابەتچىلىگىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقان.

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282