busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 11 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 22909 قىتىم كۆرۈلدى

خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ جەمئىيەتكە بەرگەن مۇلازىمەت ۋەدىسى

ئۆلۈمگە سەۋەپ،ئاغرىققا ئامال قىلىپ،كېسەلنى داۋالاپ ساغلاملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېببى خادىملارنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.دوختۇرخانىمىزنىڭ پۈتۈن نىيەت بىلەن بېمارلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دىگەن قىبىلنامىسىنى نامايەن قىلىش،مۇلازىمەت ئىڭىنى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيتىش،مۇلازىمەتنى تىخىمۇ قىلىپلاشتۇرۇش،خىزمەت ئىستىل قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش،نازارەت ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش،شۇنداقلا دوختۇرخانىمىزنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىمىز جەمئىيەتكە مۇلازىمەت ۋەدە تۈزۈمى ئورناتتى. دوختۇرخانىمىز جەمئىيەتكە تۆۋەندىكى ۋەدىسىنى بېرىدۇ:

1.دوختۇرخانىمىزدىكى بارلىق ئىشچى –خىزمەتچىلەر چوقۇم «بېمارلار ھەممىدىن ئەلا،پۈتۈن نىيەت بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» دىگەن قىبىلنامىنى تۇرغۇزۇپ،پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈم،سىياسەت ۋە ۋە تېببى ئەخلاقنى قىلىپلاشتۇرۇش تەلىۋى، گۈزەل كەسپى ئەخلاقنى داۋاملاشتۇرۇپ،بېمارلارنى رازى قىلىشنى خىزمەتلەرنىڭ نىشانى قىلىمىز.

2.تېببى خادىملار چوقۇم جىددى كېسەللەرگە جىددى قاراپ،بېمارلارنى بىر تۇققىنىدەك كۆرۈپ،ئەدەپ بىلەن قوبۇل قىلىپ،قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ،پوزىتسىيىمىزنى ئىللىق قىلىپ،كېسەللەرگە سۈلھى-سالا قىلمايمىز.ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمايمىز.

3.كېسەلنى داۋالاپ ھاياتنى قۇتقۇزۇش،تېببى خادىملارنىڭ بۇرچى.شۇڭا بارلىق تېببى خادىملار خىزمەت داۋامىدا كېسەللەرنىڭ ۋە ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ بەرگەن «قىزىل بولاق»،ماددى بويۇم ۋە مىھماندارچىلىقىنى قوبۇل قىلمايمىز.بېمارلار سوۋغا قىلغان پۇل ۋە ماددى بويۇملارنى رەت قىلىش تەسكە توختىغاندا،24سائەت ئىچىدە دوختۇرخانىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز.خىلاپلىق قىلغۇچىلار كۆرۈلسە،تەكشۈرۈپ ئىنىقلىغاندىن كىيىن«ماددى بويۇم»ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ،ھەم دوختۇرخانىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

4.دورا ۋە داۋالاش سايمانلىرىنى ساتقۇچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ھەر خىل نام،شەكىللەر بىلەن بەرگەن شىرىنكانە ۋە ئايرىپ بەرگەن پىرسەنتىنى ھەمدە باشقا نامۇۋاپىق نەرسىنى قوبۇل قىلمايمىز.

5.ھەر تۈرلۈك ئىنتىزام ۋە مەشغۇلىيەت قائىدىلىرىنى قاتتىق ئېجرا قىلىپ،خىزمەت ۋاقتىدا ئىش ئۈستىدىن خالىغانچە ئايرىلمايمىز،بېمارلارغا يامان تەسىر بەرمەيمىز.ئىشىكتىن كىرىش تەس بولۇش،چىرايى سۆرۈن بولۇش،سۆزى قوپال بولۇش،ئىش بىجىرىش تەس بولۇش ئىشلىرنىڭ قەتئى ئالدىنى ئالىمىز.دورا باھاسى،تەكشۈرۈش ھەققى،بالېنىسىتتا يىتىش ھەققى،داۋالىنىش ھەقلىرىنى ئاشكارە قىلىمىز.

6.بېمارلار دوختۇرخانىغا كىرىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە دىئاگنۇزنى مۇقۇمدايمىز.داۋالاش قىيىن بولغان،مۇرەككەپ كېسەللەرگە نىسبەتەن ۋاقتىدا مۇتەخەسىسىلەرنى تەشكىللەپ چوڭ ئاپخوت ئىلىپ بارىمىز.

7.دورا باشقۇرۇش قانۇنىنى قاتتىق ئېجرا قىلىپ،دورا كىرگۈزۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ،دورا ۋە دورا ئەشيالىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.قەتئى ھالدا يالغان،ساختا،ناچار دورا ۋە دورا ئەشيالىرىنى كىرگۈزمەيمىز.دورا ئەشيالىرىغا خىرىدار چاقىرىپ سېتىۋىلىش نىسبىتىنى %100 گە يەتكۈزىمىز.

8.مۇناسىۋەتلىك مال باھا سىياسىتلىرىنى قەتئى ئېجرا قىلىپ،دورا باھاسىنى ئاشكارە قىلىپ،يۇقۇرىنىڭ بەلگۈلەپ بەرگەن ھەق ئۆلچىمى بويىچە ھەق ئالىمىز.باھا ۋە ھەق ئىلىش ئاشكارە بولۇش تۈزۈمىنى ئېجرا قىلىمىز.بېمارلارنىڭ دوختۇرلارنى تاللاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ،بېمارلارنىڭ بىلىش ھوقوقى،تاللاش ھوقوقى،نازارەت قىلىش ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىمىز.

9. «داۋالاش ئاپپاراتىنى باشقۇرۇش نىزامى»غا ئاساسەن چىقارغان ھەر خىل ئىسپاتنى چوقۇم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلغان ھالدا ئىجرا قىلىمىز،خىلاپلىق قىقلغۇچىلار بولسا  «داۋالاش ئاپپاراتىنى باشقۇرۇش نىزامى»غا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىمىز.

10.دوختۇرخانا ئامبولاتورىيە زالىدا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىش ئورنى تەسىس قىلىپ،داۋالىنىشقا كەلگەن بېمارلارنى داۋالىنىش مۇلازىمىتى ۋە قايناقسۇ بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيمىز.ھەر مىللەت بېمارلىرىغا تىنىچ،ئازادە،پاكىز بولغان داۋالىنىش مۇھىتى يارىتىپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.يۇقارقى ئون تۈرلۈك مۇلازىمەت ۋەزىپىمىزنى خىزمەتلىرىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.بۇنىڭغا قارىتا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىزنى قوللاپ نازارەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

نازارەت قىلىش تېلىفونى:

6889017-0903

2513022-0903

2513905-0903

2511933-0903

يۇقارقى مۇلازىمەت ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقىلىپ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانسا،مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلەر بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىمىز.

يوللىغۇچى: ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282