busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 15 دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 18299 قىتىم كۆرۈلدى

2009- يىللىق خىزمەتلەردىكى پەرۋىش ئۇلگىمىز ۋە ئۇلارنىڭ تەرجىماھالى ، ئىش ئىزلىرى

گۇلنۇر ئابدۇللا

   1974 –يىلى 1-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك چىرا ناھيىسىدە كادىر ئائلىسىدە دۇنيا كەلگەن بۇلۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۇتتۇرۇپ، 1989 –يىلدىن 1992 –يىلغىچە خوتەن ۋىلايەيلىك تىببى مەكتەپنىڭ سېستىرالىق كەسپىنى پۇتتۇرۇپ،1992 –يىلدىن 2003 –يىلىغىچە چىرا ناھىيلىك خەلىق دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن . 2003- يىلى 6- ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دۇختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ. بۇجەرياندا2005 –يىل سۆڭەك بۈلۈمىنىڭ سېتىرا باشلىقى، تىرە بۈلۈمنىڭ سېتىرا باشلىقى ،2006 –يىلدىن ھازىرغىچە دوختۇرخانا(پەرۋىش بۈلۈم)باش سرستىرا باشلىقى بۇلۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە،

1997 –يىلى جۇڭگۇ كوممۇنىتىك پارتىيەسىگە ئەزا بۇلۇپ كىرگەن،

دۇختۇرخانا باشقۇرۇش يىلى ئۆلچەم بۇيىچە تۇرلۈك تۈزۇم خاتىرلەرنى رەتلىگەن،پەرۋىش خاتىرە يېزىشنى،سېتىرالارنىڭ دوختۇرخانا ئىچىدە ئۆلچەملىك يۈرۇش تۇرۇشنى يۇلغا قۇيغان.

دۆلەتنىڭ ئون بىرنجى بەش يىللىق تىرەك قىلىش پلاندىكى6 خىل كېسەلنىڭ پەرۋىش لاھيەسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەتقىقاتىدىكى پەرۋىش گۇرۇپپسنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

پەرۋىش خادىملىرىنى قەرەلىك تەربىيەلەيدۇ،دوختۇرخانا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قۇشۇمچە ئىشلەيدۇ، قەرەلىك تۈردە بۈلۈملەرگە چۈشۈپ،بۈلۈملەرنىڭ پەرۋىش سۈپىتىنى تەكشۈرىدۇ.پىشقەدەم تېۋىپلارنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ،ئۇيغۇر تىبابەت نەزەرىيەلىرىنى ئۆگەندى.

پەرۋىش خاتىرە يېزىش قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقتى.

مۇسھىل-مۇنزىچ تۇپلىمى تۈزۈپ سېتىرالارغا تارقاتتى ۋە دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ژورناللاردا ئۇيغۇر تىبابەت پەرۋشىگە ئائىت 10 پارچىغا يىقىن ماقالە ئېلان قىلدۇردى ۋە ئىلىمى جەمىيەت مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالماشتۇرۇلدى .

 

باھارگۈل مەمىتىمىن

 

 

1960- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان. 1987- يىلى 9- ئايدىن 1980- يىلى 5- ئايغىچە خوتەن تىببىي تېخىكومدا سېستىرالىق كەسپىدە ئوقۇغان. 1980- يىلى 5- ئايدىن 1981- يىلى 6- ئايغىچە قارىقاش ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ئوپراتسىيە بۆلۈمىدە ئىشلىگەن.

1981- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە ئىچكى كېسەلىكلەر بۆلۈمىدە سىسىتىرا بولوپ ،1994- يىلىدىن ھازىرغىچە شۇ بۆلۈمىنىڭ سېستىرالار باشلىقلىق خىزمىتىنى ئوتەپ كەلمەكتە.

ھازىرغىچە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، 16 قېتىم يىللىق خىزمەت باھالاشتا ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان . 2007- يىلى يۇرەك ، قان – تومۇر كىسەللىك بۆلۈمى  دوختۇرخانا بويىچە پەرۋىشتە ئىلغار كوللىكتىپ باھالىنىپ دوختۇرخانا رەھبەرلىكى تەرىپىدىن كوللىكتىپ مۇكاپاتلانغان. 2008- يىلى ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئىلغار ئاياللار كوللىكتىۋى دەپ ئەنگە ئېلىنىپ مۇكاپاتلانغان. 2009- يىلى ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئىلغار شەخسىي دەپ باھالانغان .

  يۇرەك ، قان – تومۇر كىسەللىك بۆلۈمى دوختۇرخانا رەھبەرلىكى تاپشۇرغان بەش خىل كېسەل پەرۋىشىدىن باشقا يەنە دۆلەتنىڭ 7- يىللىق پىلانىدىكى تەڭگەسىمان تەمرەتكە قاتارلىق تەتقىقات تىمىسىدىكى تۇراقلاشقان يۈرەك سانجىقىنى پەرۋىشىنى ئۈنۈملۈك كونىرول قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ نەچچە يىل جەريانىدا پەرۋىش خادىملىرىنى ياخشى يېتەكلەپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئىلگىرى شۇ بولومدە ئىشلىگەن 5 نەپەر سېستىرا باشقا بۆلۈملەردە سېستىرالار باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.

ياخشى كىشىلەر يېنىمىزدا...

 

 

پاتىگۇل ئەبەي ، ئايال ،ئۇيغۇر ، 1972 – يىلى تۇغۇلغان ، مەخسۇس كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە . 1992 – يىلى خىزمەتكە قاتناشقان . ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى تېز كۆرۇش بۈلۈمىنىڭ سېستىرالار باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ .

يولداش پاتىگۇل ئەبەي خىزمەتتە ئاكتىپ ، پۇتۇن ۋۇجۇدى ‹‹ بىمارلار ئۈچۈن›› دىگەن قىبلىنامىدە قىلچىمۇ ۋايسىماي ، سەمىمىي نىيەت بىلەن ئۆزىنى خىزمەتكە ئاتاپ ، خۇددى ئۇ ئېيتقاندەك « مەن بىر ئاق خالاتلىق پەرىشتە ، بارلىقىم بىمارلار ئۈچۈن ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ، بىمارلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ۋە يىتەكچىلىك قىلىش »  مىنىڭ مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم .

ئۇ بىر سىستىرا باشلىقلىقى بۇلۇش سۇپىتى بىلەن ھەر ۋاقىت ئۆز خىزمىتى ئۇستىدە قاتتىق ئىزدىنىپ ، جىددىي كىسەللەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇپ ، ئېغىر ، مۇرەككەپ كىسەللەرنى پەرۋىش قىلىش جەھەتتە بىمارلار بىلەن كۆپ مۇڭدىشىپ ، ياتاقلىرىغا چوڭقۇر چۆكۇپ ئەھۋال ئىگەللەپ ، بىمارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشىپ كەلدى . ئۇ ئۆزىگە ھەر ۋاقىت قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، مەن بىر سىستىرا باشلىقىغۇ دىگەن ئىدىيىدە تۇرۇۋالماي ، بۆلۈم ۋە دوختۇرخانا تەۋەلىكى بويىچە باشلامچى بۇلۇپ ، بىمارلارنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ، پەرۋىش خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتاپ كەلدى . « 3 ئايرىلالماسلىق » تا چىڭ تۇرۇپ ، ۋىلايەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچى شەخس بۇلۇپ باھالاندى .

يولداش پاتىگۇل ئەبەي كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، بىمارلارنى يوقلاپ ئىگى - چاقىسى يوق بىمارلارغا ئۆزىنىڭ مىھرىبانلىقىنى يەتكۇزۇپ ، چاچلىرىنى تاراپ قويۇش ، تىرناقلىرىنى ئېلىپ قويۇش ، تاماق ئەكىرىپ بېرىش ، تاماق يىگۇزۇپ قويۇش جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ دائىملىق خىزمىتى سۇپىتىدە كۆرۇپ ، نامرات بىمارلارنىڭ ھىسابىتىنى ئىشخانا ۋە دوختۇرخانا رەھبەرلىكىگە دەپ ئىئانە توپلاپ ، ئۆزى باشلامچى بۇلۇپ ، پارتىيە ۋە ھۆكۇمەتنىڭ غەمخورلىقىنى ئۇنتىماي ، بۇندىن كىيىنكى خىزمەتلەردە تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشىگە تىلەكداشلىق بىلدۇرىمىز  .

باھارگۈل ئابدۇللانىڭ قىسقىچە تەرجىمالى

 

 

   1972-يىلى تۇغۇلغان،1993-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك تىببىي تېخنىكومنىڭ سېستىرالىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن،ئۇنۋانى ۋىراچ سېستىرا .1993-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.2004-يىلغىچە غەرىپ تىبابىتى پەرۋىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.2006-يىلى تېرە بۆلۈمىنىڭ سېستىرا باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە قۇيۇلغان،بۇجەرياندا ئۇيغۇر تىبابەت پەرۋىش بىلىمىلرىنى تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ،تېرە كېسەللىرىنىڭ تۈرلەرگە بۆلىنىشى،كېسەللىك ئالامەتلىرى،خاراكتىرى،پەرقى،كېسەللەرگە قارىتا ھەرخىل پەرۋىش خىزمەتلىرى،پەرۋىش مەشخۇلاتلىرى ئېلىپ بېرىش ، كېسەلخانىنى باشقۇرۇش بىلىملىرىنى تۇلۇق ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە سېستىرالارنى نەزىرىيىۋى بىلىملەر،ئەمەلىي مەشخۇلاتلار بويىچە تەربىيلەش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.

ئاساسلىق كېسەللەردىن: ئاق كېسەل،تەڭگە تەمرەتكە،ھۆل تەمرەتكە،ھەرخىل يىرىڭداش خارەكتىرلىك تېرە ياللۇغى،نېرۋا خارەكتىرلىك تېرە ياللۇغى قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي پەرۋىش خىزمىتىدە ئالاھىدە ئىقتىدار يېتىلدۇرگەن.

ئۇ خىزمەت جەريانىدا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ،تبئىي ئەخلاققا ئەمەل قىلىپ، ‹مەن بىر بىمار بولسام› دېگەن ئىدىيىدە چىىڭ تۇرۇپ،بىمارلارنى كۆڭۈل قۇيۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق داۋالاشنىڭ بىخەتەر ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلگەن .بۆلۈمدە يېتىۋاتقان بېمارلارنىڭ پەرۋىش خىزمىتىدىن رازى بۇلۇشى ئىزچىل يۇقۇرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇ جەرياندا ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر سېستىرا باشلىقى، سەككىز قېتىم ئىلغان خىزمەتچى بۇلۇپ باھالاندى .

ھازىر ئۆز بۆلۈمىدە،بۆلۈم سېتىرالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش بىلەن بىرگە ئاق كېسەل ۋە تەڭگىسىمان تەمرەتكە كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت پەرۋىش تېخنىكا مەشخۇلاتىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بۇلۇپ ئىشلىمەكتە .

تەييارلىغۇچى : پەرۋىش بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282