يانكىتاب يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئۈلگىسى نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى رەسمىي ئېلان قىلىندى

ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئۈلگىسى نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى رەسمىي ئېلان قىلىندى

ۋاقتى: 2016-01-19 ئاۋاتلىقى: 14584 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېڭى شەرق ئىنگلىزتىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ناتىق، «34 ئالتۇن تەڭگە ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى» نىڭ ئىجادچىسى نۇرئەلى ئابلىزنىڭ «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق خەنزۇچە كىتابى نەشىردىن چىققاندىن بۇيان سېتىلىش مىقدارى داڭ داڭ تورىدا بىرىنچى ئورۇندا، جىڭدۇڭ تورىدا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان. نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ بۇ كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى (ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى) تۈنۈگۈن، يەنى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى يانكىتاب تورى (www.yankitab.com) دا تولۇق ئېلان قىلىندى، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ مەزكۇر كىتابتىن پايدىلىنىشى ۋە ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولۇشى ئۈچۈن كىتابنىڭ باھاسى ئاران 7.00 يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى.


نۇرئەلى مۇئەللىم يېڭى دەۋردىكى ئاكىتىپ ئېنېرگىيە تارقاتقۇچى، ئۇ مىكروبىلوگىدا كىتاب ئوقۇش، سەھەر تۇرۇش، چىنىقىش كۇلۇبى قاتارلىق كۇلۇبلارنى قۇرغان بولۇپ، 6000 ئادەمنىڭ سەھەر تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلغان، ئۇ يەنە ئىنگلىزتىلى ئېغىز مەشىق كۇلۇبى، سۆزلۈك يادلاش كۇلۇبى قاتارلىق كۇلۇبلارنى قۇرۇپ نۇرغۇن ياشلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئۆز ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئاكىتىپ ئېنىرگىيەلىرى بىلەن تۈرتكە بولدى.
نۇرئەلى مۇئەللىم بۇ كىتابىنى دادىسىنى خاتىرىلەش، نۇتۇقلىرىدا دەپ بولالمىغان گەپلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ھەمدە ياشلارغا ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە يازغان بولۇپ، يانكىتاب تورى (www.yankitab.com)ىمىزدىكى ئەزالار جاپالىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە (ئېلېكتىرونلۇق) تولۇق نۇسخىسىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.

ئۈندىدار ئاساسەن ھەممە ئادەمگە ئومۇملاشقان بۈگۈنكى كۈندە سىز پەقەت ئۈندىدارىڭىزدا www.yankitab.com ئادرېسىنى چېكىپ 7.00 يۈەن تۆلىسىڭىزلا بۇ كىتابنىڭ تولۇق ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىغا ئېرىشەلەيسىز. كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشقا دېيىشىپ قويۇپ، ئۇلار ۋاقتىدا كەلمىگەندە ئۇلارنى ساقلاپ زېرىككەن، ئىشقا بېرىپ-كېلىش يولىدا ئاپتوبۇسلاردا باشقا ئىش قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان چاغدىكى پارچە-پۇرات ۋاقتىڭىزدا ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىسىڭىز، پەقەت قولىڭىزدا بىر يانفون بولسىلا، يانفونىڭىزدا ئۈندىدار بولسىلا مەيلى قەيەردە، قايسى ۋاقىتتا بولماڭ نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق كىتابى تارقاتقان ئاكىتىپ ئېنېرگىيەلەرنى سۈمۈرەلەيسىز. بۇ كىتاب ئاران 7.00 يۈەن، خاتا ئاڭلىمىدىڭىز راستىنلا 7.00 يۈەن، ھازىر يېرىم قاچا لەغمەننىڭ پۇلىسىمۇ 7.00 يۈەندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، سىز تېخى ھېچقانداق يەردىن يېرىم قاچا لەغمەن ئالالمايسىز، ئەلۋەتتە. ئەمما بۇ كىتابنى 7.00 يۈەنگە سېتىۋالالايسىز! قېنى يەنە ھەرىكەتلەنمەي نېمىگە قاراپ تۇرىسىز!

تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپلا مەزكۇر كىتابنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.


سېتىۋىلىش ئۇسۇلى:
1. ئۈندىداردا ilqutjan دېگەن سالونغا ئەگىشىسىز، ئاندىن ئاستىدىكى Yankitab دېگەن تىزىملىكنى چېكىپ www.yankitab.com باش بېتىگە كىرىسىز.
2. يانكىتاب تورىدىن بۇ كىتابنى تېپىپ "سېتىۋالاي" دېگەننى چېكىسىز.

3. "جەزىملەشتۈرىمەن" دېگەننى باسقاندىن كېيىن پۇل تۆلەش مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈپ سېتىۋالىسىز.




4. مەشغۇلات ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن يانكىتاب تورى باش بېتىگە كىرىپ ئۈستىدىكى يېشىل رەڭلىك تىزىملىك بېتى ئەڭ سول تەراپتىكى ئادەمنىڭ باش قىسمىنىڭ بەلگىسىنى چېكىپ، كىرگەن بەتتىن "سېتىۋالغان كىتابلار" دېگەننى چەكسىڭىزلا كىتابنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇيالايسىز.


پۇل تۆلەش ئەسكەرتىشى:
1. يانكىتاب تورىمىزدىن كىتاب سېتىۋالغاندىن كېيىنلا يانكىتاب تورىمىزغا ئاپتوماتىك ئەزا بولىسىز، ئۈندىدار نومۇرىڭىز دەل سىزنىڭ ئەزا نومۇرىڭىز بولىدۇ.
2. يانكىتاب تورىمىزدىكى بارلىق كىتابلارنى ئۈندىدارغا باغلىغان بانكا كارتىسىدىن پۇل تۆلەش، يانكىتاب تورى ئاكونتىغا قاچىلىغان پۇلدىن تۆلەش ۋە ياكى قىزىل بولاق ئارقىلىق پۇل تۆلەش ئۇسۇلى بىلەن سېتىۋالالايسىز.
ئۈندىدارغا بانكا كارتىسىغا باغلىمىغان بولسىڭىز، ياكى سېتىۋېلىشتا باشقا قىيىنچىلىقلار بولسا mamkap123 ئۈندىدار نومۇرىنى قوشۇۋېلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.

كىتاب ئوقۇشتىن ياردەم:

1. يانكىتاب تورىدىن كىتاب سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنىڭ ئەزالىق مەركىزىڭىزدىن سېتىۋالغان كىتابلارنى ئوقۇشقا بولىدۇ. سىز ئوقۇماقچى بولغان كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى چېكىپ، چىققان كۆزنەكتىن «ئوقۇيمەن» دېگەننى تاللاپ، كىتاب ئوقۇش بېتىگە كىرگەندىن كېيىن، ئوقۇش بېتىگە يېنىك بىرنى چەكسىڭىز كىتاب ئوقۇش تەڭشەكلىرى، كېچە-كۈندۈزلۈك ئايرىش، مۇندەرىجە، خەتكۈچ قوشۇش، باھالاش قاتارلىق ئىقتىدار ئىستونلىرى چىقىدۇ.



2. سىز «تەڭشەش» ئىقتىدارى ئارقىلىق تەگلىكنى ئۆزگەرتىش (5 خىل تەگلىك تەمىنلەنگەن)، خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەش، قۇر ئارىلىقىنى تەڭشەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز. قىسقىسى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان تەڭشەككە توغرىلاپ، راھەت، ھوزۇر ئىچىدە كىتاب ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.

3. «كېچە-كۈندۈز» ئىقتىدارى ئارقىلىق كېچىلىك ھالەت ياكى كۈندۈزلۈك ھالەتكە تەڭشەپ قويۇپ كىتاب ئوقۇيالايسىز.


4. مۇندەرىجە ئارقىلىق مۇندەرىجە ئارقىلىق ئاتلاپ ئوقۇش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
1. يانكىتاب تورىدا تەمىنلەنگەن كىتابلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىدا تەمىنلەنگەن بولۇپ، بۇ قەغەز كىتاب ئەمەس. يوللانغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىنقى بىر قىسىم بۆلىكىنى ھەقسىز كۆرۈشكە بولىدۇ، پۇل تۆلەشتىن ئاۋۋال ھەقسىز قىسمىنى كۆرۈپ بېقىپ، ياقتۇرسىڭىز ئاندىن پۇل تۆلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. يوللانغان كىتابلارنى پەقەت ئۈندىداردىلا ئوقۇشقا بولىدۇ، ئەگەر كومپيۇتېر ياكى يانفوننىڭ تور كۆرگۈلىرىدە ئاچسىڭىز ئېچىلماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا ئۈندىدار ئارقىلىق كۆرگەيسىز.

2. يانكىتاب تورىدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسى ئىلقۇت تەرجىمىچىلىكى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ياكى شۇ كىتابنىڭ ئاپتورى \ تەرجىمانى تولۇق قوشۇلغان ئەھۋال ئاستىدا يانكىتاب تورىغا يوللانغان. يانكىتاب تورى ھازىرقىدەك كىتاب باھاسى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىۋاتقان ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، قولايلىق بولۇش، ئەرزان بولۇش (ئەڭ يۇقىرى باھا 7.00 يۈەن، ئەڭ تۆۋەن باھا ھەقسىز بولغانغان قەدەر)، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولۇش، سۈپەتلىك بولۇش، ھەقىقىي نەپ بېرەلەيدىغان بولۇش قاتارلىقلارنى مىزان قىلغان ئەھۋال ئاستىدا قۇرۇلغان.

3. پىرىنسىپ جەھەتتىن يانكىتاب تورىدىكى كىتابلار ھەر قانداق يانفوندا نورمال كۆرۈنىدۇ، ئەمما بىر قىسىم يانفونلارنىڭ سىستېمىسىنىڭ يادرو قىسمىدىكى ئۇيغۇرچىنى قوللىماسلىق سەۋەبلىك، قىسمەن يانفونلاردا خەت نورمال كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاۋۋال باشقا يانفون ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.


4. يانكىتاب تورىمىز ئەمدىلا ۋۇجۇدقا كەلدى، گەرچە بىز ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ، ئەمما بىر يولىلا مۇكەممەل قىلىشقا ئامالسىز بولغاچقا، قىسمەن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تەبئىي، شۇڭا كەڭ قېرىنداشلارنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن يولۇققان مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ۋاقتىدا بىزگە ئىنكاس قىلىپ قويۇشىنى، يانكىتاب تورىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئىشلىرىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشىنى يېقىندىن قوللاپ بېرىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز.

5. يانكىتاب تورى ھەققىدە ھەر قانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ياكى پىكىر-تەكلىپ بەرمەكچى بولسىڭىز yankitab@126.com غا ئېلخەت يازسىڭىز بولىدۇ. بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

----------------
يانكىتاب تورىغا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان كىتابلاردىن «دەردكە داۋا مىلىچ ماللار دۇكىنى»، «بېل گايتىسنىڭ تولۇق تەرجىمىھالى»، «يېڭى ھايات»، «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق كىتابلار ۋە بىر قىسىم ھەقسىز كىتابلار ئېلان قىلىندى.
پات ئارىدا «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ئادەتنىڭ كۈچى»، «ھاياتىڭىزدا قانداق مۇمكىنچىلىكلەر بار»، «سىز ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ كۈچلۈك»، «كىچىك شاھزادە»، «پۈچەك قەلبكە قارانچۇق بولماڭ»، «قىزىل موگو»، «گۇماندار X نىڭ پىداكارلىقى»، «كۈلبەم»، «باي دادام، مالىيە ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ»، «خىزمەت ئىزدەش ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلىنىشى كېرەك»، «ئالىي مەكتەپتە زادى نېمە ئوقۇش كېرەك؟»، «قوشكېزەكلەر»، «ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى»... قاتارلىق بىر تۈركۈم كىتابلار ئارقا-ئارقىدىن تەھرىرلىنىپ ئېلان قىلىنىدۇ.

بايانات

يانكىتاب يانبىلوگى ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ يېڭى كىتاب ئۇچۇرى، ئەڭ يېڭى تەرجىمە قىلىنغان كىتابلار، كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى، كىتاب ئوقۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىق بىلىملەرنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.
يانكىتاب تورى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەڭ قولايلىق بولۇش ۋە ئەڭ تىجەشلىك بولۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىنى ۋە قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يانكىتاب سالونى Yankitab

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى