يانكىتاب يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىتاب ھەققىدە قىزىقارلىق لايىھەلەر

كىتاب ھەققىدە قىزىقارلىق لايىھەلەر

ۋاقتى: 2016-01-19 ئاۋاتلىقى: 1181 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىتاب تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلاندى، 2006-يىلى ئۆكتەبىردە ياۋروپا ئىتتىپاقى «ئۆگىنىشنى قاچانلا باشلىسا كېچىكمەيدۇ» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىپ ئورتاقلىق ماقۇللاندى. كىتاب يەنە ئۆز نۆۋىتىدە لايىھەلىگۈچىلەرگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، تۆۋەندە كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل لايىھەلەرنى كۆرۈپ باقايلى:
كىتاب ئورۇندۇق

كىتاب شەكلىدىكى قاچا

كىتابنىڭ ۋارىقىغا ئوخشايدىغان يوتقان

ئەنگىلىيەلىك پەيلاسوپ فرانىس باكون مۇنداق دەيدۇ: «كىتاب كىشىگە خۇشاللىق، ساپا ۋە ئىقتىدار ئاتا قىلىدۇ. كىتاب ئوقۇشنىڭ لەززىتىنى يالغۇز قالغاندا، كىتاب ئوقۇش داۋامىدا يېتىلگەن ساپانى پاراڭ قىلغاندا، كىتاب ئوقۇشتىن كېلىدىغان ئىقتىدارنى بىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئەڭ ئاسان كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىلىمسىز، ئەمما تەجرىبىلىك كىشىلەر بەزى ئىشلارنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغا توغرا ھۆكۈم قىلالىشى ياكى بىر ئىشلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىشى مۇمكىن، ئەمما ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئومومىي جەھەتتىن قوماندانلىق قىلىش سىستېمىلىق تەربىيە كۆرگەن ئادەملەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ، كىتاب ئوقۇش ئادەمنى بىلىملىك قىلىدۇ، مۇنازىرە ئادەمنى چېچەن قىلسا، يېزىقچىلىق ئادەمگە ئەستايىدىللىقنى ئۆگىتىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم يېزىقچىلىقنى ياقتۇرمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ناھايىتى كۈچەپ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئەگەر ئادەم كەمدىن-كەم مۇنازىرىگە قاتناشسا، ئۇنداقتا ئۇ پىكىر تۇرغۇنلۇقىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئەگەر بىر ئادەم كىتابنى ئاز ئوقۇسا، ھىيلىگەر بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ-دە، بىلمىگەن نەرسىنى بىلىمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ ... تارىخ ئادەمنى چېچەن قىلسا، شېئىر ئادەمنى تەسەۋۋۇرغا مول قىلىدۇ. ماتېماتىكا ئادەمنى توغرىلىققا يېتەكلىسە، پەلسەپە ئادەمنى چوڭقۇر پىكىرگە ئۈندەيدۇ. ئېتىكا ئادەمنى دۇرۇس بولۇشقا ئۈندىسە، لوگىكا ۋە ئىستىلىستىكا ئادەمنى سۆزمەن قىلىدۇ. قىسقىسى، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ خاسلىقىنى تاۋلايدۇ ۋە پىسخىكىسىدىكى ئاجىزلىقلىرىنى ئوڭشايدۇ.


كىتاب ئورۇندۇق


كىتاب ھەيكەل


كىتابسىمان چىراق

كىتابسىمان بارماق دېسكىسى

كىتاب بىلەن تىزىپ چىقىلغان - كىتاب ئوقۇۋاتقان ئادەم

كىتابسىمان چەينەك

كىتاب ھەيكەل

كىتابتىن تىزىپ چىقىلغان كارىۋات

كىتابسىمان تەشتەك

كىتاب بىلەن تىزىپ چىقىلغان تام

كىتابسىمان ياستۇق

كىتاب بىلەن تىزىپ چىقىلغان ئۈستەل


مەنبە: باچكا سالونى

بايانات

يانكىتاب يانبىلوگى ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ يېڭى كىتاب ئۇچۇرى، ئەڭ يېڭى تەرجىمە قىلىنغان كىتابلار، كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى، كىتاب ئوقۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىق بىلىملەرنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.
يانكىتاب تورى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەڭ قولايلىق بولۇش ۋە ئەڭ تىجەشلىك بولۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىنى ۋە قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يانكىتاب سالونى Yankitab

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى